ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2011-03-04

    خورلانغان زىمىن - [يازمىلىرىم]

    خورلانغان زىمىن

     

    يەر-زېمىننى تۈزلەپ كەلدى، توپان بالا تۈرۈلۈپ،

    پايانى يوق سۇغا چۆككەن بىرمۇجىزەكۆرۈلۈپ.

     

    نوھ كېيمىسىگە چىقتى يەنە رەزىللىكنىڭ ئۇرۇغى،

    كەتتى شۇڭا رەزىللىككە زېمىن باغرى يۆگۈلۈپ.

     

    كۈتكەن زېمىن زور ئۈمىدلەر ئاسىي بەندە،ئىنساندىن،

    قايتاپەيدا بولمسىادەپ ئۆچ-ئاداۋەت تۆرۈلۈپ.

     

    باقتى زېمىن ئادەملەرگە،چوڭقۇر تىندى خورلۇقتىن،

    كەتكەچ يەنەزەم-زەم سۈيى قان زەرداپقا ئۆرۈلۈپ.

     

    ئەنە قوياش غۇۋالاشتى بۇ زېمىننىڭ بۇسىدىن ،

    چىقسا ئايمۇ ،ئاي يۈزىگە قالار قارا سۈركۈلۈپ.

     

    كەيىپ بولۇپ زېمىن ياتارتەغدىرىگە ئېچىنىپ ،

    باقسا كۆچكەن يۈلتۈزلارغا ، قاپتۇ قۇيرۇق سۆرۈلۈپ.

     

    قاچان تۈگەر ماتەم كۈيى،بېزار قىلدى پەلەكنى،

    پاكلىنارمۇ زېمىن جىسمى،ياغسا يامغۇرتۆكۈلۈپ؟

     

    دوزاق ئوتى ئۆرتىگەندەك،خۇنۈك زېمىن جىلۋىسى،

    ئۆڭدى شۇڭا ھايات چىھرى، چاك-چېكىدىن سۆكۈلۈپ.

     

     

    2011-04-15


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.