ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2011-04-22

    غۇنچىسەن - [يازمىلىرىم]

    غۇنچىسەن

    ھاياتىڭنىڭ رەڭگا-رەڭ پەسلىدۇر ياشلىق ،

    پاك سۆيگۈڭنى قەدىرلە ئۇلۇغلاپ ئۆتكىن.

    ئىتىقادىڭ، ئەخلاقىڭدىن گۈلدەستە تىزىپ ،

    ئىشەنچىڭنى باغاشلاپ ئۈمىدۋار يۈرگىن.

     

    ئىشەنچىڭنى باغاشلاپ  ئۈمىدۋار يۈرگىن.

     بىرغۇنچىسەن يېتىلگىن، پورەكلەر ئاچقىن،

    گۈل بەرگىدەك بىردىنلا چېچىلىپ كەتمە.

    سايرار ھامان بۇلبۇلۇڭ ، شېخڭغا قونۇپ،

    قاقىلدىسا قاغىلار ئېچىلىپ كەتمە.

     

    خۇش ھېدىڭنى چىن سۆيگۈڭ ئارزۇلاپ كەلسە،

     چاچ ھېدىڭنى،بولمىغىن پۇراقسىز گۈلدەك.

    بولۇپ قالما سەن ئۈچۈن تاغ يارغان پەرھاد،

    ئۇسسۇسا تامچە سۇ يوق بۇلاقسىز چۆلدەك.

     

    گۈزەل قەلبىڭ نۇرلانسۇن يورۇتۇپ دىلنى ،

    ئۇيغۇرۇمنىڭ گۈلىسەن ئۇنۇتما بۇنى.

    چىن سۆيگۈچۈن چوغلۇنۇپ ئارمانغا يەتكىن ،

    ئەجدادىڭنىڭ خىسلىتى،تىلەيدۇ شۇنى.

     


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.