تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

ئەگەر بىر كىشى ھۆل سوغۇقتىن يەنى بەلغەمدىن جىنسى ئاجىزلىققا دۇچار بولسا بۇ كىشىدە مەنى سۇيۇلۇش ۋە تۇتۇش قۇۋۋىتى ئاجىزلاشتىن بولغان مەنى تېز كىتىش ۋە جىنسى ھەۋەس سۇسلىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. داۋاسى: ئاقىرقەرھا ھىندىنى يۇمشاق سوقۇپ كۈنىگە ئىككى قېتىم ئۈچ گرامدىن ئىستىمال قىلىپ بەرسە ھۆللۈك ۋە سوغۇقلۇقنى ھەيدەيدۇ،بەدەننى قىزىتىپ باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ. خولىنجاننى يۇقارقىدەك ئىستىمال قىلىپ بەرسىمۇ ھۆللۈكنى قۇرۇتۇپ،سۈيدۈك ۋە مەنىنى تۇتىدۇ. [...]

تونۇش: بۇ كېسەلدە بالىياتقۇ ئېغىزىدىكى قورۇغۇچى مۇسكۇللار بوشىشىپ كېڭىيىپ كېتىدۇ. كېسەللىك سەۋەبى: سوغۇقلۇق ۋە بەلغەم ماددىسى غالىب بولۇش، كۆپ تۇغۇش، تولا جىنسى ئالاقە قىلىش، قان ئازلىق،ئۇمۇمى بەدەن ئاجىزلىقى، ئۇرۇقلۇق، قېرىلىق، بالا چۈشۈپ كېتىش ،تۇغۇت چەكلىگۈچى دورىلارنى كۆپ ئىشلىتىش قاتارلىقلار سەۋەب بولىدۇ. كېسەللىك ئاقىۋىتى: ھامىلىدار بولمايدۇ، بالىياتقۇدىن بۇزۇق ھۆللۈك چىقىشقا باشلايدۇ. داۋالاش: ھۆل سۇغۇق ، بەلغەم ماددىسىنى كۆپەيتكۈچى دورىلاردىن پەرھىز قىلىش، [...]

بۇ ماقالە ھىجرىيە 1800-يىللىرى ياشىغان ھەكىم مۇھەممەد ھۈشەيىن ئەلاۋىنىڭ مەخزەنۇل ئەدۋىيە دېگەن مەشھۇر خام دورىلار كىتاۋىدىن ئېلىندى . بۇنى يوللىشىمدىن مەقسەت ئەنئەنىۋى تېبابەتتە شۇ مەزگىللەردىكى گۈللىنىۋاتقان غەرب تىبابىتى بىلەن ئۇچراشقان قىسىملىرىدىن خەۋەردار قىلىش، ماڭا يېقىنقى زامانلاردىن بېرى ئەنئەنىۋى تېبابەت كىتابلىرىمىز تار دائىرىگە كىرىپ قالغاندەك ، تەجرىبە ۋە تەرەققىياتتىن ئەسەر يوق چېكىنىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ،ئەمما بۇ ھالەتمۇ پات يېقىندا ئۆزگىرىشى مۇمكىن. ئۇ پارسچە [...]

text2image

سەھىپە: ئۇنىۋېرسال

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بلوگىمىزنى ئەزىز كۆرۈرمەنلىرى، بلوگىمىزنى ئۈندىدار سالونى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى رەسمى قۇرۇلغان ،ھازىر بىراز رەتكە چۈشۈپ، تېمىلارمۇ موللاشتى. كۈنىگە بىردىن ئۈچكىچە تېما يوللىنىۋاتىدۇ، بلوگىمىزغا كىرىش ئىمكانىيىتى يوق تورداشلار ئۈندىدار سالونىمىز ئارقىلىق يېڭى تېمىلاردىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ. سالونىمىزنى قوشۇۋېلىڭ ۋە دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ. كۈندە يېڭى مەزمۇنلار سىزنى كۈتمەكتە . سالون ئىزدەش نۇمۇرى : tadubag ئىككىلىك كودىنى تۆۋەندىكى رەسىمدىن سىكاننىرلاڭ

سەھىپە: ئۇنىۋېرسال

تۆۋەندە ئاياللار ئىشلىتىدىغان بىر يۈرۈش دورىلارنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنماقچى ئاياللار گۆھىرى بۇ مەھسۇلات جىگدە چېچىكى، قۇم بېلىقى، پەنىرمايە، زەپەر، ئىپار قاتارلىقلاردىن تۈجۈپىلەپ ياسالغان كۇمىلاچ دورا بولۇپ ، بالىياتقۇنى قىزىتىپ،پەي-مۇسكۇللارنى چىڭىتىدۇ. ھۆللۈكنى قۇرۇتىدۇ. سوغۇق يەلنى ھەيدەيدۇ. ئاق خۇننى تۈگىتىدۇ. ئاياللاردىكى ئادەت قالايمىقان بولۇش، ئاق خۇن كۆپ كېلىش، بەل ۋە بېقىن ئاغرىش، مۇناسىۋەتتە ئاغرىش، جىنسى ئاجىزلىق ۋە ھۇزۇرنىڭ كەم بولۇشى ، روھسىزلىق قاتارلىقلارغا [...]

بۇ كېسەللىكتە سۈت كەم بولۇپ، ئېمىدىغان بالىنى قانائەتلەندۈرگىدەك سۈت چىقمايدۇ. سەۋەبى: بۇ خىل كېسەللىكتە قان ئازلىق، بەدەنگە قۇرۇقلۇق يېتىش،ئورۇقلاش، ئاچ قېلىش، خىلىتلار نورمالسىزلىقى، سوزۇلما كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىش قاتارلىقلاردىن بولىدۇ. ئالامىتى: قان ئازلىق سەۋەبىدىن بولغان بولسا ئۇمۇمى بەدەندە قۇرۇقلۇق يۇقىرى بولۇپ، بىمار ئۇرۇق، كەم ماغدۇر بولىدۇ. غەيرى تەبىئى خىلىلتلارنىڭ تەسىر قىلىشى مەسىلەن، قانغا سەپرانىڭ ئارىلىشىشى ياكى بەلغەمنىڭ قوشۇلىشىدىن پەيدا بولغان بولسا [...]

بەشىنجى پەسىل بىر نەرسىگە ئىستىداتلىق بولغان شەيئىگە ئەڭ كۈچسىز سەۋەبمۇ يىتەرلىك بولىدۇ. مەسىلەن گۈڭگۈرتنىڭ يېنىشىغا بولغان ئىستىداتى شۇنداق. ئۇ ناھايىتى ئاز ئوت بىلەن يانىدۇ، ھالبۇكى ئوتۇن ئۇنىڭغا ئىككى باراۋەر كېلىدىغان ئوت بىلەنمۇ يانمايدۇ. نەپس خۇشاللاندۇرغۇچى ئامىللاردىن تەسىرلىنىشكە ئىستىداتلىق روھقا ئىگە بولسا ، ئۇ ئەڭ كىچىك سەۋەب بىلەنمۇ سۆيۈنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شاراب ئىچكەن كىشىنىڭ خۇرسەنلىكى ئاشىدۇ، ھەتتا ئۇنى ئۆزىدىن ئۆزى سۆيۈنۈۋاتىدۇ [...]

يەككە دورا بىلەن كېسەل داۋالاشتىكى مەشھۇر كىتاب ئىلاجۇل مۇفرىداتتا مۇنداق دېيىلگەن: سەۋەبى: نېرۋىلار ئىستىرخاسى، مۇسكۇللارنىڭ ئىششىپ قېلىشى، شىلىمشىق خىلىتلارنىڭ توپلىنىپ قېلىشى سەۋەبىدىن تارتىشىپ قېلىپ بۇ كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ. بەزى چاغلاردا قۇرۇقلۇقتىن بولغان تەشەننۇج سەۋەبىدىنمۇ بۇ كېسەللىك كىلىپ چىقىدۇ. داۋالاش: كۈنجۈت يېغىنى يالغۇز ياكى سېرىق موم ياكى سەۋسەن يېغى ياكى مەغەز يېغى بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا شىپا بولىدۇ. كالا پاچىقى [...]

بۇ كۆرگەن ئاڭلىغان ۋەقەلەر، ئۆگەنگەن بىلىملەر، شەيئىلەرنىڭ شەكلى ۋە ئىسىملىرى ھەتتا تۇنۇش بىلىشلەرنىڭ ئىسىملىرىنى تىزلا ئۇنتۇپ قېلىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان بىر خىل كېسەللىكتىن ئىبارەت سەۋەبى: بۇ كېسەللىك بەدەندە تۆت خىل كەيپىياتنىڭ ئېشىپ كېتىشى، بەدەنگە ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ئەقلى ئەمگەك كۆپ بولۇش، جىنسى ئالاقە بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىش، ئۇرۇلۇش ، سۇقۇلۇش، يېقىلىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى : بۇ كېسەلدە بىمارنىڭ ئۇيقۇسى كۆپ بولىدۇ، [...]

شۇنى بىلگىنكى غىزالارنىڭ ھەممە تۈرى ئۇنى يېيىش قائىدىسىگە قاراپ پايدا قىلىش ۋە زىيان قىلىشتىن خالى بولالمايدۇ، ‹‹ئاجايىپ ئەل-مەخلۇقات›› كىتابىدا يېزىلىشىغا قارىغاندا ، ئادەمدە كېسەللىك پەيدا بولۇشىنىڭ ئەسلى سەۋەبى كىشى ئۆز مىجەزىگە ماس كەلمەيدىغان تاماقنى يېيىشىدىن بولىدىكەن، بارلىق دورىلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئۆتكۈر دورا -مىجەزىگە ماس كېلىدىغان تاماقتۇر(يېمەكلىكتۇر) ئاز تاماق يېيىش ئارقىلىق داۋالىنىش ھەر قانداق دورىدىنمۇ ئەۋزەلدۇر، مېنىڭ ھۆرمەتلىك ئۇستازىم مۇنداق دەيتتى: [...]

سەھىپە: ئۇنىۋېرسال

بۇ سۇنىڭ ئۇيۇغان ماددىسىدىن ئىبارەت تەبىئىتى : قۇرۇق سۇغۇق تەسىرى: يەرلىك ئورۇننى سېزىمسىزلاندۇرۇش، ھارارەت ۋە ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، يەرلىك ئورۇننى قورۇش تەسىرىگە ئىگە . ئىشلىتىلىشى: كۆپىنچە ئىسسىق پەسىللەردە ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئىستىمال قىلىنىدۇ، بولۇپمۇ ئىسسىق مىزاجلارغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. ئىسسىق مىزاجلىقلارنىڭ ئاشقازىنىنى ياخشىلايدۇ ، لېكىن، سوغۇق مىزاجلىقلار ۋە ياشانغانلارغا ماس كەلمەيدۇ . ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش ئورنىغا بەزىدە ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئاشقازان،نىرۋا، ئىچكى ئەزالاردىكى ياللۇغ ۋە [...]

سەھىپە: خام دورىلار

بۇ پارچە ئۇيغۇر تېبابىتى رېتسىپلىرىدىن مىراسلار دېگەن يۈرۈشلۈك كىتابتىن ئېلىندى بۇ پەسىلدە دورىلارنىڭ ناملىرى بايان قىلىنۇر: شىپالىق دەپ لەيلىقازاقنى ئېيتۇر، لەبلەب دەپ يۆگىمەچنى ئېيتۇر، ھەييۇل ئالەم دەپ ھەمشىباھارنى ئېيتۇر، ئۇنناپ دەپ چىلاننى ئېيتۇر، چەلنا دەپ ئانار گۈلىنى ئېيتۇر، خۇسسىيەتۇسسۆلەپ دەپ تۈلكىنىڭ ئۇرۇقدىنىغا ئوخشىغانلىقىغا ئېيتۇر، جۇندى بىدەستۇر دەپ قۇندۇز قەھرىنى ئېيتۇر، خىرپە دەپ سىمىز ئوتنى ئېيتۇر، ئۇشەق دەپ كۆجىنى ئېيتۇر، ھەببۇل [...]

سەھىپە: خام دورىلار