تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

يەككە دورا بىلەن كېسەل داۋالاشتىكى مەشھۇر كىتاب ئىلاجۇل مۇفرىداتتا مۇنداق دېيىلگەن:
سەۋەبى: نېرۋىلار ئىستىرخاسى، مۇسكۇللارنىڭ ئىششىپ قېلىشى، شىلىمشىق خىلىتلارنىڭ توپلىنىپ قېلىشى سەۋەبىدىن تارتىشىپ قېلىپ بۇ كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ. بەزى چاغلاردا قۇرۇقلۇقتىن بولغان تەشەننۇج سەۋەبىدىنمۇ بۇ كېسەللىك كىلىپ چىقىدۇ.

داۋالاش:
كۈنجۈت يېغىنى يالغۇز ياكى سېرىق موم ياكى سەۋسەن يېغى ياكى مەغەز يېغى بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا شىپا بولىدۇ.
كالا پاچىقى يىلىكى، تۆگە پاچىقى يىلىكى، ئۆردەكنىڭ چاۋا يېغى، توخۇنىڭ چاۋا يېغى قاتارلىقلارنى يەرلىك ئورۇنغا ئارقا ئارقىدىن چاپسا مايدىلىق.
موم ۋە سەكبىنەجنى ئايرىم ياكى يۇقىرىقى دورىلارغا قۇشۇپ چاپسىمۇ ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

بۇ كېسەللىك ھەققىدە ھاياتلىق دەستۇرىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن:
بۇ كېسەللىك زەكەر ئەسەبلىرى تارتىشىپ قېلىش ياكى زەكەر مۇسكۇللىرى ياللۇغلىنىشتىن پەيدا بولىدۇ، بۇ تولاراق قولدا ئىشقاپ لەززەتلىنىش ۋە بەچچىۋازلىق سەۋەبىدىن بولىدۇ.
داۋالاشتا ئالدى بىلەن سەۋەبچى ئامىللارنى تۈگىتىش لازىم.
ئاندىن جىنسى ئەزا ئەسەبلىرىنى يۇمشىتىش ئۈچۈن گۈلسەۋسەن يېغى، تۇخۇ يېغى، ئۆردەك يېغى، كالا چاقالچىكىنىڭ يىلىكى قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سالايە قىلىپ ، رەختكە ئوراپ زەكەرگە تاڭساق رۇسلىنىدۇ.
بابۇنە، بىنەپشە، ئىكلىلمىلىك قاتارلىقلارنى قاينىتىپ سۈيىدە زەكەرنى يۇيۇش كېرەك.
ھور مۇنچىسىغا كىرىپ ئوبدان تەرلىنىپ، زەكەر بېشى بوشىغاندا رۇسلاپ تۇتۇپ تۇرساق ئەسلىگە كېلىدۇ.



2 پارچە ئىنكاس بار .

  1. kulkem مۇنداق يازغان:

    تور بەتنى ئېچىپ يېڭى بىر مەزمۇننى چەكسە يېڭى بەت ئېچىلماي ئەسلىدىكى بەت يۈزى يۇقاپ كىتىدىكەن ، بىزگە ھەم بەك قۇلايسىز بوپ قالدى ، باشقۇرغۇچىلار ئوڭشىۋەتسەڭلار

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....