تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى


بۇ پارچە ئۇيغۇر تېبابىتى رېتسىپلىرىدىن مىراسلار دېگەن يۈرۈشلۈك كىتابتىن ئېلىندى
بۇ پەسىلدە دورىلارنىڭ ناملىرى بايان قىلىنۇر:
شىپالىق دەپ لەيلىقازاقنى ئېيتۇر،
لەبلەب دەپ يۆگىمەچنى ئېيتۇر،
ھەييۇل ئالەم دەپ ھەمشىباھارنى ئېيتۇر،
ئۇنناپ دەپ چىلاننى ئېيتۇر،
چەلنا دەپ ئانار گۈلىنى ئېيتۇر،
خۇسسىيەتۇسسۆلەپ دەپ تۈلكىنىڭ ئۇرۇقدىنىغا ئوخشىغانلىقىغا ئېيتۇر،
جۇندى بىدەستۇر دەپ قۇندۇز قەھرىنى ئېيتۇر،
خىرپە دەپ سىمىز ئوتنى ئېيتۇر،
ئۇشەق دەپ كۆجىنى ئېيتۇر،
ھەببۇل رۇممان دەپ ئانار ئۇرۇقىنى ئېيتۇر،
قارۇرە دەپ سۈيدۈكنى ئېيتۇر،
مەستىكى دەپ قاھۇرە يىلىمىنى ئېيتۇر،
سەلىخە دەپ دارچىننى ئېيتۇر،
شۇلتا دەپ توغرىغۇنى ئېيتۇر،
ئىكلىلمىلىك دەپ قاغا تامغىقىنى ئېيتۇر،
كەشنىز دەپ يۇمغاقسۈتنى ئېيتۇر،
شىبىت دەپ سېرىغچىچەكنى ئېيتۇر،
كۇشۇش دەپ سېرىق ئوتنى ئېيتۇر،
كاھۇ دەپ قارا سۇنانى ئېيتۇر،
ھازار ئىسپەند دەپ ئادراسماننى ئېيتۇر،
ئىسپاناج دەپ پالەكنى ئېيتۇر،
ھىمىس دەپ نۇقۇتنى ئېيتۇر،
ئاقاقىيا دەپ بۇجغۇننى ئېيتۇر،
شەب يامانى دەپ ئۇجمۇقنى ئېيتۇر،
خەسىك دەپ ئوغرىتىكەننى ئېيتۇر،
بىخ چىچەك دەپ چۈچۈكبۇيا يىلتىزىنى ئېيتۇر،
تۇخۇمى ئۇسفىرە دەپ زاراڭزىنى ئېيتۇر،
ۋەج دەپ ئىگىرنى ئېيتۇر،
ئەنگۈرى شىپا دەپ شوخلىنى ئېيتۇر،
تۇخۇمى كەتان دەپ زىغىرنى ئېيتۇر،
سەكىن دەپ كالا تىزىكىنى ئېيتۇر،
ھەببۇلنىل دەپ ھەشقىپىچەكمنى ئېيتۇر،
ئەپسەنتىن دەپ ئەمەننى ئېيتۇر،
ھەجرۇم دەپ غورىنى ئېيتۇر،
پەجەل دەپ تۇرۇپنى ئېيتۇر،
شاھجۇرۇم دەپ رەيھان ئۇرۇقىنى ئېيتۇر،
تۇخۇمۇ كەشۇش دەپ سېرىق ئوت ئۇرۇقىنى ئېيتۇر،
بەزۇرۇل بەسەل دەپ پىياز ئۇرۇقىنى ئېيتۇر،
بەزۇرۇل كەتان دەپ زىغىر ئۇرۇقىنى ئېيتۇر،
بەزەرۇل ئۇنناپ دەپ چىلان ئۇرۇقىنى ئېيتۇر،
تۇخۇمى شەلغەم دەپ چامغۇر ئۇرۇقىنى ئېيتۇر،
ئىقلىمىيائى شام دەپ ئەنجۈرنى ئېيتۇر،
تۇخۇمى بەت دەپ ئۆردەكنىڭ ئۇرۇقدىنىنى ئېيتۇر،
ئەپتىمۇن دەپ سېرىق ئوتنى ئېيتۇر،
ھەپەز دەپ موزىنى ئېيتۇر،
ئاھاس دەپ ئەينۇلىنى ئېيتۇر،
شاھلۇج دەپ شاتۇت ئۈجمىنى ئەيتۇر،
ئالۋايى سىيا دەپ قارا ئۈرۈكنى ئەيتۇر،
سەفرۇج دەپ سەۋسەن يىلتىزىنى ئېيتۇر،
بۇزۇرەلۋە دەپ چىمەنگۈلنى ئېيتۇر،
بەزۇرۇلخىتمى دەپ ئاقلەيلى ئۇرۇقىنى ئېيتۇر،
تادۇبەگ شىپاخانىسى تەييارلىدى.



سەھىپە : خام دورىلار

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....