تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

شۇنى بىلگىنكى غىزالارنىڭ ھەممە تۈرى ئۇنى يېيىش قائىدىسىگە قاراپ پايدا قىلىش ۋە زىيان قىلىشتىن خالى بولالمايدۇ، ‹‹ئاجايىپ ئەل-مەخلۇقات›› كىتابىدا يېزىلىشىغا قارىغاندا ، ئادەمدە كېسەللىك پەيدا بولۇشىنىڭ ئەسلى سەۋەبى كىشى ئۆز مىجەزىگە ماس كەلمەيدىغان تاماقنى يېيىشىدىن بولىدىكەن، بارلىق دورىلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئۆتكۈر دورا -مىجەزىگە ماس كېلىدىغان تاماقتۇر(يېمەكلىكتۇر)

ئاز تاماق يېيىش ئارقىلىق داۋالىنىش ھەر قانداق دورىدىنمۇ ئەۋزەلدۇر، مېنىڭ ھۆرمەتلىك ئۇستازىم مۇنداق دەيتتى: ‹‹ ئىللەتنىڭ پەيدا بولۇشىغا تۆت نەرسە سەۋەب بولىدۇ، ناچار سۇ، ئاچچىق تۈتۈن، بەتبۇي پۇراق ۋە ھەزىم قىلىنىشى قىيىن بولغان تاماق!››
ھېكمەت ئەھلىلىرىنىڭ كىتابلىرىدا ئىللەتنى پەيدا قىلغۇچى نەرسە ئالتە خىل دېيىلگەن. ئۇلار: كېچىلىك ئۇيقۇنىڭ كەم بولۇشى، كۈندۈزى جىق ئۇخلاش،سۈيدۈكنى ئۇزۇنغىچە ساقلاش، قورساق توق ھالەتتە يەنە تاماق يېيىش،كېچىسى سۇغۇق سۇ ئىچىش ۋە جىنسى ئالاقىگە ئارتۇقچە بېرىلىش.

ئادەم كۆپ يېيىشنى ئەسلا ئادەت قىلىۋالماسلىقى كېرەك. چۈنكى كۆپ يېيىش ھايۋانلارنىڭ ئادىتى بولۇپ، ھېكمەت قائىدىسىگە خىلاپتۇر. دېمەك ئىنسان غىزالىنىش جەھەتتە ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇشى ، ئىمكان قەدەر ئاز يېيىشى، توغرا كېلىپ قالغاندا ئالدىدىكى ھەر خىل تاماقلارنى يەۋەرمەسلىكى، ئىشتىھا تارتقاندا غىزالىنىش كېرەك. شۇ قائىدىلەرگە ئەمەل قىلغان كېشىنىڭ تېۋىپگە ئەسلا ھاجىتى چۈشمەيدۇ.

تېبابەتتە شۇنداق يازغاننى كۆردۈم
ئاچلىق داۋا ئىكەن ھەر بىر ئىللەتكە.

يېيىلىدىغان تاماقلار تازا ۋە ساپ بولۇشى كېرەك. مەسىلەن نان ئاپەت تەگمىگەن بۇغداي ئۇنىدىن بولۇشى، گۆش ساغلام ھايۋاننىڭ گۆشى بولۇشى ۋە ياخشى پىشۇرۇلىشى، شەربەتلەر مىجەزگە ماس بولۇشى، ئۈزۈم، ئەنجۈردەك مېۋىلەر يىتىلىپ پىشقان بولۇشى كېرەك.

كامالىدىن ئىسمايىل بۇخارىنىڭ تېبابەتكە ئائىت كىتابىدا يېزىلىشىچە ، كىشىنىڭ قورسىقى توق بولسىمۇ ، باشقا غىزا ئالدىغا كەلتۈرۈلسە يېمەسلىكى كېرەك ئىكەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى قاتتىق ۋە ئېغىر ئەمگەكتىن كېيىن نازۇك يېمەكلىكلەر : مەسىلەن ، سۈت ياكى بېلىققا ئوخشاش نەرسىلەرنى يېسە بولمايدۇ. چۈنكى بۇنداق ۋاقىتتا ئاشقازان ناھايىتى قىزىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭغا چۈشكەن نازۇك يېمەكلىكلەر تىزلا قىزىيدۇدە ،دەرھال بۇزۇلىدۇ.
ئاشقازىنى ئىسسىق كىشىلەر سۇغۇق يېمەكلىكلەرنى يېيىشى كېرەك.
تاماقلارنى بىر بىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ يېيىشكە بولمايدۇ، مەسىلەن: قېتىقنى ئۈزۈم سۈيى بىلەن يېيىشكە بولمايدۇ، ھەممە تۈردىكى مېۋىلەردىن كېيىن سۇ ئىچىشكە بولمايدۇ، ھەممە تاماقلاردىن كېيىن شاپتۇل ۋە ئۆرۈك يېيىشكە بولمايدۇ، ئۈزۈم بىلەن بېلىقنى، سىركە بىلەن سامساقنى ،پىياز،سامساق،تۇرۇپنى ئۆز ئارا ئارىلاشتۇرماسلىق كېرەك،ھەسەل بىلەن قۇغۇننى، تۇخۇ گۆشى بىلەن بېلىق گۆشىنى، سامساق ئايرەن ۋە قېتىقلارنىمۇ ئارىلاشتۇرۇپ يېمەسلىك كېرەك.
مۇھەممەد ئىبنى شەيخ مۇھەممەد ئەل جامىنىڭ نەسىھەتچىلەر بوستانى دېگەن رىسالىسىدىن
تادۇبەگ شىپاخانىسى



سەھىپە : ئۇنىۋېرسال

一پارچە ئىنكاس بار .

  1. ئۇيغارى مۇنداق يازغان:

    بۇ تور بەتنى بۈگۈن تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم. بۇنىڭدىن كېيىن پات-پات كىرىپ
    تۇرسام بولغىدەك.

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....