تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى


ئەگەر بىر كىشى ھۆل سوغۇقتىن يەنى بەلغەمدىن جىنسى ئاجىزلىققا دۇچار بولسا بۇ كىشىدە مەنى سۇيۇلۇش ۋە تۇتۇش قۇۋۋىتى ئاجىزلاشتىن بولغان مەنى تېز كىتىش ۋە جىنسى ھەۋەس سۇسلىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
داۋاسى: ئاقىرقەرھا ھىندىنى يۇمشاق سوقۇپ كۈنىگە ئىككى قېتىم ئۈچ گرامدىن ئىستىمال قىلىپ بەرسە ھۆللۈك ۋە سوغۇقلۇقنى ھەيدەيدۇ،بەدەننى قىزىتىپ باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
خولىنجاننى يۇقارقىدەك ئىستىمال قىلىپ بەرسىمۇ ھۆللۈكنى قۇرۇتۇپ،سۈيدۈك ۋە مەنىنى تۇتىدۇ.
كۇندۇرنى يۇمشاق سوقۇپ، تۇخۇم سېرىقىغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسىمۇ مەنى قۇيۇلدۇرۇپ، مەنى تىز كىتىشنى تىزگىنلەيدۇ.
زەنجىۋىل، قەلەمپۇر، بوزىدان، پىلپىل، قارىمۇچ، كاۋاۋىچىن قاتارلىقلارمۇ يۇقىرىقىدەك تەسىرگە ئىگە.
ھىڭ يىلىمىدىن نۇقۇت چوڭلۇقىدا ئىستىمال قىلىپ بەرسىمۇ باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
زاغۇن ئۇرۇقىدىن 10گرامنى يۇمشاق سوقۇپ ئىستىمال قىلىپ بەرسىمۇ باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
نۇقۇتتىن كۈندە 20گرام ئىستىمال قىلىپ بەرسىمۇ باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
سامساقنى سۈتتە پىشۇرۇپ ئىستىمال قىلسىمۇ ياخشى تەسىر قىلىدۇ.
ئادراسمان ئۇرۇقىدىن 5گرامدىن ئىستىمال قىلىپ بەرسىمۇ ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
تۇخۇم سېرىقىدىن ئىككى تالدىن ئىستىمال قىلىپ بەرسىمۇ ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۇمۇمەن بۇ كېسەللىكتە قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك تۇتقۇچى ۋە قاننى قىزىتقۇچى دورىلار مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلسە ياخشى تەسىر قىلىدۇ.
ھۆل سۇغۇق تاماق ۋە مىۋە-چىۋىلەر زىيان قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سۈت-قېتىق، تاۋۇز، ئۈگرە سۇيقاش، يۇمغاقسۈت، لىمون قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلىش، ئات گۆشى ياكى قوتاز گۆشى كاۋاپلىرىنى يېيىش، قازان كاۋاپلىرىنى ئارىلاپ ئىستىمال قىلىپ تۇرۇش كېرەك.
ئەگەر بىر كىشى سەۋدادىن يەنى قۇرۇق سۇغۇقتىن جىنسى ئاجىزلىققا گىرىپتار بولسا بۇنداق كىشىدە چۈشكۈنلۈك، روھسىزلىق، مەنى ۋە قان ئازلىق، ھەۋەس سۇسلىشىش ياكى كۆپ بولسىمۇ مۇناسىۋەت ۋاقتىدا تىزلا بوشاپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بۇ كىشى جىنسى مۇناسىۋەتتىن مۇناسىپ پەرھىز قىلىشى، كۆپرەك ئارام ئېلىشى، يۇمشاق سىڭىشلىك غىزالىنىشى كېرەك.
دورىلاردىن تۇخۇم سېرىقىدىن ئىككى تالنى بىر قۇشۇق شىكەر بىلەن ئىزچىل ئىستىمال قىلىشى كېرەك.
توخۇ ياكى پاقلان شورپىلىرىغا نۇقۇت سېلىپ ئىچىشى كېرەك.
تۇخۇم سېرىقىغا ھەسەل، قىزىل ئۈزۈن، بادام مېغىزى ۋە ياڭاق مېغىزىلارنى يۇمشاق سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ كۈندە ئۈچ قېتىم بىر قۇشۇقتىن ئىستىمال قىلىشى كېرەك.
سۆئلەپ مىسرىدىن ئۈچ گرامدىن ئىككى ۋاق سۈتكە ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسە بەك ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
شاقاقۇل مىسرىدىن بەش گرامدىن ئىككى ۋاق ئىچىپ بەرسىمۇ ياخشى تەسىر قىلىدۇ.
ئەگەر ئۆت ۋە ئاشقازان ئاجىزلىقى بولمىسا دارچىندىن يەتتە گرامنى بىر پىيالە سۈتكە قوشۇپ ئىچىپ بەرسە ۋە بۇنى بىر ئىككى ھەپتە داۋاملاشتۇرسا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئەگەر سەۋداغا ئازراق سەپرا يەنى قۇرۇق ئىسسىقلىق قوشۇلۇپ قالغان بولسا يانتاق شېكىرىنى سۈتكە قوشۇپ ئىچسە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
سەۋزىنى ئوتتا پىشۇرۇپ ياكى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ بىر پىيالىدىن ئىككى ۋاق ئىچىپ بەرسىمۇ ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئادەمگىياھتىن ئۈچ گرامدىن ئىككى قېتىم ئىستىمال قىلىپ بەرسىمۇ ياخشى تەسىر قىلىدۇ.
ئۇمۇمەن بۇ خىل مىزاجدىكى كىشىلەر ئازراق ھۆللۈكى بار ئىسسىقلىق غىزا ۋە داۋالارنى ئىستىمال قىلسا ياخشىلىنىپ كېتىدۇ. لىمون، تاۋۇز قاتارلىق مېۋىلەردىن، مىفەن، سېرىقئاش، تەييار چۆپلەردىن پەرھىز قىلىشى، شورپىلىق تاماقلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىشى كېرەك.
تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بلوگى تەييارلىدى.



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....