تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

بۇ سۇنىڭ ئۇيۇغان ماددىسىدىن ئىبارەت
تەبىئىتى : قۇرۇق سۇغۇق
تەسىرى: يەرلىك ئورۇننى سېزىمسىزلاندۇرۇش، ھارارەت ۋە ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، يەرلىك ئورۇننى قورۇش تەسىرىگە ئىگە .
ئىشلىتىلىشى: كۆپىنچە ئىسسىق پەسىللەردە ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئىستىمال قىلىنىدۇ، بولۇپمۇ ئىسسىق مىزاجلارغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. ئىسسىق مىزاجلىقلارنىڭ ئاشقازىنىنى ياخشىلايدۇ ، لېكىن، سوغۇق مىزاجلىقلار ۋە ياشانغانلارغا ماس كەلمەيدۇ . ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش ئورنىغا بەزىدە ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئاشقازان،نىرۋا، ئىچكى ئەزالاردىكى ياللۇغ ۋە قېتىشىشلارغا، چىشقا زىيانلىق. ئىسسىقتىن بولغان ياللۇغلىنىشلىق كېسەللىكلەرنىڭ دەسلىپىدە ماددىلارنىڭ يەرلىك ئورۇنغا قويۇلىشىنى توسۇش ئۈچۈن سىرتتىن ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئېغىر دەرىجىدىكى كۆز ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كۆزگە تېڭىلىدۇ. ئىسسىقتىن بولغان چىش ئاغرىقىدا مۇز سۈيىدە ئېغىز چايقىسا پەسەيتىدۇ. مۇزنىڭ سوغۇقلۇقى يەرلىك ئورۇندىكى قان تۇمۇرلارنى تارايتقانلىقتىن ، ئاغرىق توختىتىش ئۈچۈن مۇزنى پارچىلاپ يەرلىك ئورۇنغا تېڭىلىدۇ، مۇزنى پارچىسىنى پېشانىگە قويسا بۇرۇن قاناشنى توختىتىدۇ. بەزى تېۋىپلار ئاغرىق پەسەيتىش ئۈچۈن تاڭىدۇ، بەزى تېۋىپلار سەرسام(مېڭە پەردە ياللۇغى) بىلەن ئاغرىغان ئىسسىق مىزاج بىمارلارنىڭ بېشىغا تاڭىدۇ. يۇتقۇنچاققا بىر نەرسە تۇرۇپ قالسا ئۇنى چىقىرىش ئۈچۈن مۇز يېگۈزۈلىدۇ، مۇزلىتىلغان سۇنى ئىچۈرۈشتە پاكىز سۇنى ئىستاكانغا قۇيغاندىن كېيىن ئۈستىگە مۇز سېلىنىدۇ. مۇزنىڭ سۇغۇقلۇقى سۇغا ئۆتكەندىن كېيىن ئىچسە ئەڭ مۇۋاپىق. بەزى كىشىلەر مۇزنى ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن ئادەمنى دەرھال ئۇسستىدۇ،شۇڭا مۇز قۇرۇق ئىسسىق دەپ قارايدۇ،بۇ خىل قاراش خاتا بولۇپ، مۇز سۇنىڭ قاتقان ھالىتىدۇر،شۇڭا قۇرۇق ئىسسىق ئەمەس.
مەخزەنۇل مۇفرىداتتىن ئېلىندى
تادۇبەگ شىپاخانىسى تەييارلىدى.



سەھىپە : خام دورىلار

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....