سىزنىڭ ئورنىڭىز: سەھىپە بېتى

سىز «ئۇنىۋېرسال» سەھىپىسىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

بۇ ئەسەر،ئەسلى مەكتىپىمىزدىكى مىللىي بالىلار بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن نەۋرۇز بايرىمىغا ئاتاپ يازغان بولۇپ،2008-يىل مەھمۇد كاشىغەرىي يىلىنى قۇدلۇقلاش،ھەمدە بوۋىمىزنى مەھمۇدنى كۈيلەش ئۈچۈن يېزىلغان.بۇ شېئىرنى مۇشۇ كەمگە قەدەر مەن يازغان بىردىنبىر سۈپەتلىك شېئىر دىسەممۇ بولىدۇ،ئەمىسە،دىققىتىڭلار تۆۋەنكى قۇرلاردا بولسۇن ھە!(ياخشى يازالمىغاندىكىن،شېئىر ئۇستىلىرى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈپ كەتمەيلى ھە،خىجىل بوپقالسام ….)

[align=center]ئاڭلا جاھان،مانا مەن كاشىغەرىينىڭ پۇشتىمەن،

شاھزادەمەس،بىر يىتۈك ئەللامىنىڭ پۇشتىمەن،

ھەيران قالما ئاقسۇدىن ئىكەن تېگىڭ دەپ سېنىڭ،

تۈركىيلەرگە داڭق بەرگەن كاشىغەرىينىڭ ئوغلىمەن!

مەھمۇد بوۋام قالدۇرغان <<تۈركىي تىللار دېۋان>>دىن،

تاۋاپ ئۈچۈن كېلىشتى خىل كىشىلەر ھەر جايدىن،

قىززىپ كەتتى قەشقەرىم <<كاشىغەرىي>>نىڭ يىلىدىن،

پەن كۆكىدە چاقنىغان كاشىغەرىينىڭ ئوغلىمەن!

شاھانە شۇ <<دېۋان>>غا جاھان قايىل بولغاچقا،

قىلغان ئىشى-ئالىملىق مەقامىغا ياتقاچقا،

<<ياشا>>دېدى ب د ت،سالاھىيەت توشقاشقا،

تۈركىيشۇناس باشچىسى كاشىغەرىينىڭ ئوغلىمەن!

ئۇنىڭ تىلى ئەينى چاغ ئەرەب بىلەن بەسلەشكەن،

پارس قېلىپ كەينىدە،باشقا تىللار سەتلەشكەن.

ئەڭ مۇھىمى ئۇ تىللەن <<دېۋان>>ىمىز خەتلەشكەن،

ئەل قەلبىدە كۆكلىگەن كاشىغەرىينىڭ ئوغلىمەن!

كەزگەن يالغۇز جاھاننى گاھى ئاتلىق گاھ ياداق،

سۈرۈپ كەلگەن ئارقىدىن دۈشمەن بەتلەپ يا-ساداق،

كەزمىگەن چۆل قالمىغان تەنلەر ئېغىر،پۇت قاداق،

جاننى پەنگە ئاتىغان كاشىغەرىينىڭ ئوغلىمەن!

كەزدى ئەلنى ئوتتۇز يىل تارتىپ تالاي مۇشەققەت،

ئوغرى سوقتى،قاراقچى باردى تالاي تالاپەت،

ئويلان،ئاشۇ <<دېۋان>>چۈن،كەتكەن قانچە تاپاۋەت،

پەنگە ئۆمۈر ھەيدىگەن كاشىغەرىينىڭ ئوغلىمەن!

مانا ئاشۇ<< دېۋان>>دىن تەنلەر بىر يىل يايرىغان،

مەشرىق تامام مەغرىبچە پۈتكۈل جاھان قاينىغان،

مەھمۇد روھى ئەۋلادتا كۆچەت بولۇپ ئاينىغان،

بىزگە روھىي كۈچ بەرگەن كاشىغەرىينىڭ ئوغلىمەن!

ئۇ-غەزىنە بىز ئۈچۈن، نەچچە ئەسىر قازغۇدەك،

ئۇ-خەرىتە بىز ئۈچۈن،دەۋر بويلاپ ماڭغۇدەك،

ئۇ-ۋەزىپە بىز ئۈچۈن،داستان-شېئىر يازغۇدەك،

بىزگە ئۆچمەس ئىز سالغان كاشىغەرىينىڭ ئوغلىمەن!

بۈگۈن نەۋرۇز،نەۋرۇز ھەم تۈركلەرنىڭ قۇۋۋىتى.

ئۆزبېك،تاتار،قازاقنىڭ،قىرغىزىمنىڭ كۆرىكى،

ئەڭ مۇھىمى <<دېۋان>>نىڭ ئاجرالمىغان يۈرىكى،

يەنە بىررەت ئاڭلىۋال: كاشىغەرىينىڭ ئوغلىمەن!

[/align]2009-يىلى 20- ڧىۋرال شەھىرى ياڭجۇ

.»بىر كۈنى دىگىنە،ئاداش- دېدى بىر ئايال يېنىدىكى خېلى پۇرۇز كىيىنگەن دوستىغا،-زاھىر بۇرھان دىگىنى تۇرپاندا ئاياللاردەك قۇيۇۋالغان ئۇزۇن چېچىنى تازا ياساپ كېچىدە ئاقسالىق قىلغان گەپ.ۋاھ ھاي،شۇنىڭ بىلەن يىگىتلەر ئۇنىڭ ئەدىبىنى راسا بىرىپتۇ.ئاڭلىسام بىچارە نەچچە ئاي ياتقان گەپ.مانا بۇ خەلق ئەڭ ياخشى كۈرىدىغان ئون سەنئەتكارىمىز ئۈستىدىكى گەپ. كىيىن،زاھىر بۇرھاننىڭ بىر زىيارەت قىلىنىش خاتىرىسىدىن بىلدىمكى،ئەسلى ھەقىقى ئەھۋالدا، زاھىر بۇرھان تۇرپانغا ئۇيۇن قويغىلى بېرىپ ئاخشىمى تۇرپان كوچىلىرىنى ئارىلاۋاتقاندا،ئۈزىنىڭ بىر ناخشىسىنى بىرەيلەننىڭ شۇنداق ياخشى ئېيتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ،ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشكىسى كېلىپ بارغانىكەن.قارىسا،ئۇ بىر ھاراقكەش بولۇپ ئەمدى بىر ئېغىز گەپ قىلىشىغا مەستلىكى تۇتۇپ ئۇرغان،شۇنىڭ بىلەن بەزى ئۇزاق قۇلاقلىرىمىز بۇ خەۋەرنى چالا پۇچۇق ئاڭلاپ يۇقارقىدەك ئۆسەك سۆزلەرنى تارقىتىپ يۈرۈشكەن.
ئاداش ئاڭلىدىڭلىمۇ؟-دېدى بىر زىيالىي سۈپەت ياش،-ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنى كاناي راكى بولۇپ ئۆلەپ كېتىپتۇ دەيدۇغۇ؟
-سىلىمۇ ئاڭلىدىڭلىمۇ بۇ گەپنى؟-دېدى ئۇنىڭ خىزمەتدىشى ھەيرانلىقىنى يۇشۇرۇپ بولالماي،- مەن بىرنەچچە كۈننىڭ ئالدىدا شۇنداق دەپ ئاڭلىغان.
-ھازىر ھەممە خەقنىڭ ئاغزىدا شۇپاراڭ. ھەي ئىسسىت بىچارە،كاناي راكى بولغان ئادەم ئۆيىدە ئارام ئېلىپ جىم ياتماي نېمە بار ناخشا توۋلاپ ھاياتىنى قىسقارتقۇچە!
تۇلۇق ئوقۇش »

ئىلىمىزدىكى داڭلىق ئىزدەش ماتورلىرىدىن بولغان بەيدۇ مۇشۇ ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تۇيۇقسىز نورمالسىزلىشىپ زىيارەت قىلغىلى بولمايدىغان بولۇپ قېلىپ زىيارەتچىلەرگە مەلۇم قولايسىزلىق ئەپكەلگەنىدى. بۇ ھەقتە بەيدۇ شىركىتى 12-چىسلا كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق چۈشەندۈرۈش بەردى:

2010-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى بەيدۇ تورىنىڭ ئادرىسىنىڭ ئامىرىكىدىكى تىزىملاتقان ئورنىدا قانۇنسىز ھالدا ئۆزگەرتىلىپ مەزكۇر توربەتنى پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا زىيارەت قىلغىلى بولماسلىقدەك ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان،بۇ ئىشدىن كىيىن بىز شۇئان ھەرىكەتكە ئۆتۈپ بارلىق تىرىشچانلىقلىرىمىز بىلەن بىر تەرەپدىن ئامىرىكىدا تۇرۇشلۇق تىزىملاش ئورنى بىلەن سالاھلىشىپ يەنە بىرتەرەپدىن ئۆزىمىز قۇشۇمچە قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان ئىسىم بىلەن تورداشلارغا داۋاملىق مۇلازىمەت قىلىپ، ئاخىرى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىۋالدۇق،ھازىر مەزكۇر توربەتنى زىيارەت قىلىش ئاساسەن نورماللاشتى ھەمدە بارلىق زىيارەت مىقدارى ، ئىزدەش ماتورلىرى ئەسلىگە كەلدى.

يېڭى تېخنىكا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەت بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن،بەيدۇ ئەزەلدىن بىرى ئابونتلارغا ئىشەنىچلىك ھەمدە مۇقىم بولغان ئىزدەش مۇلازىمىتىنى تەمىنلەپ بېرىۋاتقانلىقىزدىن پەخىرلىنىپ كەلگەن ئېدۇق.بۇ قېتىملىق ۋەقە،بىر قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار بىزنىڭ مۇلازىمىتىرىمىزگە ھوجۇم قىلغان بولماستىن،بەلكى ئامىرىكىدا تۇرۇشلۇق تىزىملىتىىش ئورنىغا ھۇجۇم قىلىشنى نىشان قىلغان.بۇ بىز ئۈچۈن ناھايىتى يېڭىلىق ھىسابلاندى،شۇنداقلا بىزنىڭ ھۇشيارلىقىمىزنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.بۇ يەردە بىز د ن س(DNS) شىركەتلىرىنىڭ توربېخەتەرلىك قۇرۇلىشىغا بولغان باشقۇرۇشنى ئاشۇرۇشنى چاقىرىق قىلىمىز.بۇنىڭ ئۈچۈن بەيدۇ شىركىتىمىز كۆپ تەرەپمىلىك ھەركارلىق ئورنىتىشنى ئاكتىبلىق بىلەن خالايدۇ،شۇنداقلا DNS بىخەتەرلىك تېخنىكىسى تەرەپدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىشنى خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىدۇ. تۇلۇق ئوقۇش »

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ساۋاقداشلار،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قۇربان ھېيىت ئەھلى،ھەممىڭلارنىڭ ئولۇغ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن!

بۈگۈن،مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغ بىركۈندە،يۇرتىمىزدىن ئايرىلىپ باشقا بىر شەھەردە،باشقا بىر يۇرتتا بۇ ئەنئەنىۋى بايرىمىمىزنى ئۆتكۈزۈپ تۇرۇپتىمىز،شۇ تاپتا بۇ شادلىقتىن پۈتكۈل شېنجېن ئۇنىۋېرسىتىتى شۇنداقلا پۈتكۈل شەھەرئۆزگىچە بىر تۈسكە كىرىپ تۇرۇپتۇ.بۈ خاسىيەتلىك مىنۇتلاردىن نەچچە كۈندىكى قەھرىتان سوغۇق باھارنىڭ ئىللىق ئاپتىپىغا ئايلىنىپ تۇرۇپتۇ.مانا بۇ ھېيت شادلىقىنىڭ قۇدرىتى! مانا بۇ ھېيىت شادلىقىنىڭ خاسىيىتى! مانا بۇ ھېيىت شادلىقىنىڭ ماھىيىتى!دېمەك، بىزنىڭ بۇ شادلىقتىن پەخىرلىنىش ھوقۇقىمىز بار،چۈنكى بۇ ھېيىت بىزنىڭ،چۈنكى بۇ شادلىق بىزنىڭ،چۈنكى بۇ ھاياتلىق بىزنىڭ!

گەرچە، بىزگە ھېيىتلىق خۇشاللىقى ئاتا قىلىدىغان ئۇرۇق-تۇققانلىرىمىز يېراق يۇرتتا قالغان بولسىمۇ ئەمما بىزگە يېقىنلىق ھىس قىلدۇرىدىغان دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئورتاق خۇشاللىقتىن بەھىرلىنىپ ئولتۇرۇپتىمىز.گەرچە،بىزگە خۇشاللىق ئاتا قىلىدىغان ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىمىز يۈرىكىمىزدە يادلىنىپ تۇرغان بولسىمۇ،ئەمما بىزگە شادلىق ئاتا قىلىدىغان بۇ ھېيىت يىغىلىشى بىزگە يېڭىچە قىممەتنى تونۇتۇپ تۇرۇپتۇ.دىمەك بۇ يەردە بىز يالغۇز ئەمەس،بىز غېرىب ئەمەس.مەيلى بىز نەگىلا بارايلى،قۇربان ھېيىت شادلىقى بىزدىن ھەرگىز ئۆكسۈمەس! تۇلۇق ئوقۇش »

مەزمۇن باشقۇرۇش سېستىمىسى،قىسقارتىلما نامى CMS ،بىرخىل يوللاشقا ھەمدە ناشقۇرۇشقا ئوڭاي بولغان خەۋەر سېستىمىسىدۇر.ئىشلەتكۈچىلەر ئارقا سەپ باشقۇرۇش سېستىمىسىدىن يازما يوللىسا،تەھرىرلىسە ياكى ئۆچۈرۈش مەشخۇلاتى بىلەن شۇغۇللانسا بۇلىدۇ،بۇنىڭ ئۈچۈن سىز HTML تىلى ۋە ياكى باشىا تىل بىلىشىڭىز ھاجەتسىز،مانا بۇ دەل CMS نىڭ ئارتۇقچىلىقىدۇر.
بۇ قېتىم،مەن بۇيەردە نۆۋەتتە چەتئەل بازارلىدا بىرقەدەر ئېقىۋاتقانPHP لىق مەزمۇن سېستىمىسىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتۈشنى لايىق كۆردۈم(گەرچە ئۆزۈم تۈزۈك بىلمىسەممۇ،ھى ھى ھى)،PHP بىلىمى بارلار يەنە مۇشۇ سېستىمىلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزۈڭلارنىڭ توربېتىنى قۇرۇۋالساڭلارمۇ بولىدۇ. تۇلۇق ئوقۇش »

بۇ قىستۇرما ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان قىستۇرما بولۇپ ھەر بىر يازما بېتىنىڭ يان بۆلىكىگە ئورنىتىلىدۇ.ئاساسلىق ئىقتىدارى نۆۋەتتىكى يازمىغا نومۇر قويۇش بولۇپ زىيارەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ خالىغىنى بۇيىچە يازمىلارغا 1 دىن 5 كىچە نومۇر قۇيالايدۇ. قويۇلغان نۇمۇرلار ئوتتۇرىچە ھىسابلىنىپ،نومۇر قۇيۇشقا قاتناشقان ئادەم سانى ئاپتوماتىك خاتىرىلىنىۋالىدۇ.قىزىقىدىغانلار چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭلار.

ئەسكەرتىش:بۇ پەقەت Pjblogغىلا ماس كېلىدۇ.

بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرىۋېلىڭ

سۆرەتتە: بلوگباس شىركىتى بلوگباسنىڭ نورماللاشقانلىقى ھەققىدە يوللىغان باياناتى

13-يانۋار كۈنىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا،نەچچە كۈندىن بىرى blogbus.com ئادرىسىنىڭ تور نامى ساتقان شىركەتنىڭ مۇلازىمەتنى توختىتىۋېتىشىدىن بلوگباس تورىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ھالدا نورمال زىيارەت قىلغىلى بولماسلىقدەك ئەھۋالغا خاتىمە بىرىلىپ،بۈگۈندىن باشلاپ نورماللاشقان.بلوگباسنىڭ باشبېتىدە بلوگباس شىركىتى ئاتايىن بايانات چىقىرىپ،ئۆزلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلار بىلەن نەچچە كۈندىن بىرى سۆھبەتلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى،تور نامىنىڭ قالايمىقانلىشىپ ئاخىرى ئۆزۈلۈش كېلىپ چىققانلىقى ئۈچۈن نورمالسىزلىق پەيدا بولۇپ بلوگباسنى نورمال زىيارەت قىلغىلى بولماسلىقدەك ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە كەڭ ئابونتلارنىڭ مۇشۇ ئىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان تۈرلۈك قولايسىزلىقلارغا بولغان ئۆزرىسىنى بىلدۈرگەن. تۇلۇق ئوقۇش »

توربەت ياساش-توربەت ھەۋەسكارلىرى نىسپەتەن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر ئىش.بۇ ئىشقا قىزىقىپ قالغان ھەربىركىشى ھەتتا تاماق يىيىشنى ئۇنتۇلۇپ قالسا ئۇنتۇلۇپ قالىدىكىن،ئەمما ۋاقىت چىقىرىپ مەشىق قىلىشنى ھەرگىز ئۇنتۇلۇپ قالمايدۇ.ئەمما،بىزدە توربەت ياساش ئۈچۈن ئاۋۋال قەلەم-قەغەز تېپىپ،توربەتنىڭ ئاساسىي گەۋدە قىسمىنى سىزىپ چىقىدىغانلار ئاز بولسا كېرەك.بولمىسا ئۆزىىمىزنىڭ تەجرىبىسى ئاساسىدا شۇ ھامان لايىھىلەشنى باشلايمىز.ناۋادا بىرەرسى توربەت ھەققىدە گەپ تىشىپ قالسا،كۆپچىلىكىمىز توربەتنىڭ رەڭ تۈزۈلۈشى،سۆرەت ئۇرۇنلاشتۇرۇشى قاتارلىقلارنى ئەسكە ئالىمىز.ئەلۋەتتە،Photoshop ۋە ئۇنىڭ سۈزۈش قۇشۇمچىسى توربەت لايىھىلىگۈچىلەرگە ئاجايىپ تەسىرلەرنى كۆرسەتمەكتە ئىدى.
توربەت لايىھەلەشكە ئائىت ماتىرىيال كۆرۈۋېتىپ بىر چەتئەللىك توربەتچىنىڭ توربەت ياساش خاتىرىسىنى كۆرۈپ قالدىم.مېنى ھەممىدىن بەك قىزىقتۇرغىنى،توربەتنىڭ گەۋدىسى ئەمەس بەلكى توربەتچىنىڭ ئەڭ ئاۋۋال توربەتنى سىدام سىزمىدا لايىھەلەش چىقىشى بولدى...
تۆۋەندە مەن بۇ خاتىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويدۇم،بەلكىم سىلەرگە يېڭىچە تۇيغۇ ۋە ئىلھام بەرسە ئەجەپ ئەمەس. تۇلۇق ئوقۇش »

بلوگ يېزىش تۇرمۇشىمنىڭ-ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدىكى بىر ئەھمىيەتلىك ئىشقا ئايلىنىپ قالغانلىقىغا ئۆزەممۇ ھەيران.دەسلەپتە بلوگباسنىڭ ئىچ-تېشىغا ھەۋەس بىلەن كىرىپ قېزىپ چىقىپ،بۇ سىرلىق بلوگ سۇپىسىغا ناھايىتى مەپتۇن بولۇپ قالغانىدىم.خۇددىي،جېك تور خاتىرىسىدە ئېيتىلغاندەك مەنمۇ بىر بلوگ بېسىمىغا گېرىپدار بولغان ئىدىم،توردىن ئىبارەت بۇ مەۋھۇم دۇنيادا،ئۆزۈمنىڭ قىممىتىنى خۇددىي بلوگ ئارقىلىق تېپىۋاتقاندەك ئاجايىب ھىسلارغا چۈمۈلگەن ھالدا بلوگ يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتىم...

كۈنلەرنىڭ بىرىدە،ئۆزۈمنىڭ بلوگخۇمار بولۇپ قالغانلىقىنى ھىس قىلدىم،دەرسدىن بوشىغان چاغلىرىمدا،ئىچىم پۇشقان،ئاچچىقىم كەلگەن،زىرىككەن چاغلىرىمدا ئۇدۇل بلوگىمنى ئېچىپ بلوگنىڭ ئۇيەر،بۇ يەرلىرىنى چۇقچىلاپ باقىدىغان بولدۇم،بۇنىڭ بىلەن ئاستا-ئاستا بەزى بىلىملەرگە ئىگە بۇلىۋاتاتتىم.

ئاخىرى بىركۈن،بلوگباس تورتۈزەش ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىدە بىرمەزگىل تاقىلىپ قالدى،بۇ ئىش كاللامغا تەسىرقىلىپ بلوگباسقا نىسپەتەن بىرخىل ئەنسىرەش پەيدا بولۇپ قالغانىدى،ناۋادا مىڭبىرجاپادا يازغان نەرسىلىرىم بۇ كالامپاي بىلەن تەڭ يوقاپ كەتسە قانداق قىلارمەن دىگەن ۋەسۋەسىدە ئۆزۈمنىڭ يېڭى بىر ھاياتىنى،يەنى Pjblog ھاياتىمنى باشلىۋەتتىم.

كۈنلەر ياخشى باشلاندى،Pjblog3 بىلەن خۇشال ئۆتۈۋاتقان بولساممۇ،بۇ بلوگ سۇپىسىدىن بەكمۇ مىننەتدار بولۇپ كەتمىدىم،گەرچە بۇ نورمال ئىھتىياجىمنى قامداپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ،ئەمما يېڭىلىققا قىزىقىدىغان يۈرەك ئۈچۈن بىرئىزىدا توختاپ قالغان سۇدەك تەسىر بىرەتتى،نەچچە قېتىم WordPress ياكى Z-blogغا كۆچۈپ كىتەي دىگەن نىيەت بولدىيۇ،بۇ قەدىناسىمدىن ئوڭايلا ۋاز كەچكۈم كەلمىدى،شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە Pjblog4 نىڭ ئېچىلىۋاتقانلىق ئۇچۇرى كەلدى،شۇنىڭ بىلەن ماڭا ئۈمىد كەلدى.بۇ يېڭى بلوگنىڭ تارقىتىلىشىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتتۈم... تۇلۇق ئوقۇش »

无觅相关文章插件,快速提升流量