سىزنىڭ ئورنىڭىز: سەھىپە بېتى

سىز «ئۇنىۋېرسال» سەھىپىسىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

دىيارىمىزدىكى تەڭرىتاغلىرىنى ئەسلىتىدىغان بۇ ئۇسلۇبنى كۆرگەن چاغدىلا تەرجىمە قىلىپ تەييارلاپ قويغانىدىم.سۇس رەڭنى ئاساس بۇ ئۇسلۇبنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش جەريانىدا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن بارلىق خەت نۇسقىلىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى مۇۋاپىق ھالدا تەڭشىدىم ھەمدە بۇرۇن تارقاتقان ئۇسلۇبلارغا ئوخشاشلا بىۋاستە ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش كودى ۋە ئايرىم بەت ئۇلىنىش كودىنى قۇشۇۋەتتىم.بلوگباس تەمىنلىگەن ئېلانلارمۇ شۇ پېتى قالدى،ئىشلەتكۈچىلەر ئۆز ئىھتىياجىغا قاراپ چىقىرىۋېتىشنى ياكى ساقلاپ قېلىشنى تاللىسا بۇلىدۇ.
بۇ ئۇسلۇبنىڭ نامى بەت ئۈستۈدىكى تاغ رەسىمىدىن ئېلھام ئېلىپ قويۇلدى.
بەت كۆرۈنۈشى(قوش چەكسىڭىز چوڭىيىدۇ)xanrengti

ئۇسلۇبنى سىناش جەريانىدا ھىچقانداق نورمالسىزلىق كۆرۈنمىدى.ئىشلەتكۈچىلەر ئىشلىتىش جەريانىدا بىرەر نورمالسىزلىق بايقىساڭلار ئىنكاس ھالىتىدە خەۋەر قىلىپ قويارسىلەر...
بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرىۋېلىڭ

تۆنۈگۈن،بېيجىڭ ۋاقتى سائەت ئالتە يېرىم ئەتراپىدا،نۇرقۇت مۇنبىرىگە قەدەم باساي دەپ قۇۋۇقنى ئېچىۋىدىم،نۇرقۇت سەل قالايمىقان.نىمە ئىش بولۇپ كەتكەندۇ دەپ ئۆزۈمچە ھەر خىياللارنى قىلىپ،10 مېنۇتتىن كىيىن ئاچسام،ئەھۋال باشقىچە،قارىسام رېۋايەتلەردىكى DiscuzXنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخسىنى نۇرقۇت تورى ھەدەپ سىناۋېتىپتۇ،مەنمۇ بىرچەتتىن ئىشىمنى قىلغاچ،بىرچەتتىن بۇ يېڭىلاشدىكى جەريانلارنى كۈزىتىپ تۇردۇم.
نۇرقۇت ئەترىتى DiscuzX تەرجىمە ئەترىتىنىڭ مەخسۇس توپىدا،ئۇيسون(Uyson)ئەپەندىم سىناق جەريانىدىكى رەسىملەرنى ئۆزلۈكسىز ئەۋەتىپ بىزنى نەق مەيداندىن خەۋەر قىلىپ تۇردى،ئاڭغىچە،توكىمىز ئۆچۈپ قالغاچ كىيىنكى ئىشلاردىن خەۋەر تاپالماي قويدۇم،ئامال يوق،ئۇيقۇمنى ئۇخلاپ ئەتتىگەندە تۇرۇپلا نۇرقۇتنى ئاچتىم،سىناق داۋاملىشىۋاتاتتى،تۆنۈگۈنكى يېڭىلاش تېخى توختىماپتۇ،بايا قارىسام،نۇرقۇتنىڭ قۇۋۇقىمۇ ناھايىتى نەپىس بولۇپ كېتىپتۇ.

مانا،ماۋۇ بۈگۈن سائەت(بېيجىڭ ۋاقتى) 22:31 ئۆتكەندە تارتىۋالغان سۆرەت

بۇ تۆنۈگۈن،سىناق باشلانغاندا تارتىۋالغان سۆرەت،بۇنىڭ ئالدىدىكىسىنى تارتىشقا ئۈلگۈرمەي قاپتىمەن

سىناق داۋاملاشماقتا،قارىسام ئۈستىگە مەزمۇن قۇشۇلۇپتۇ.
تۇلۇق ئوقۇش »

شېئىرغا كۈيۈپ يۈرگەن زامانلىرىم تۇيۇقسىز ئېسىمگە كېلىپ قالدى.شۇنداق،ئۇزۇن بوپتۇ،قەلەم بىلەن مۇڭدىشىپ يۈرۈكۈمدىكى گەپلەرنى تۆكۈپ باقمىغىلى.تۇيۇقسىز،ئۇ -قەلەم كەلدى،مېنىڭ ھالىمنى سورىدى.يېغلىدىم،ھەيران بولدى؛كۈلدۈم،ئەجەبلەندى.شۇنىڭ بىلەن يۈرۈكۈمدىكى ئويلار پۈتۈلۈپ بىر شېئىر بولدى....
-خاتىرەمدىن
تۇلۇق ئوقۇش »

تۇرايىمىز باش بېتىدە بلوگغا كىرگەن كىشىلەرنىڭ سانىنى ۋە دۆلەت تەۋەلىكىنى ھېسابلىغۇچ بار، كۆرۈنىشى ئاددى ھەم كۆركەم. ئەگەر سىزگىمۇ كېرەك بولساتۆۋەندىكى ئۇلىنىشقا كىرىپ ئۆزىڭىزنىڭ بلوگىڭىزغىمۇ بىرنى قىلىۋېلىڭ. ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلى بەكلا ئاددى، تىزىملىتىش كەتمەيدۇ.

http://flagcounter.com

تۆۋەندىكى رەسىمدىن قانداق قىلىشنى كۆرۈۋېلىڭ.

A. كۆرسىتىدىغان بايراق سانى.

B. كۆرسىتىدىغان بايراق رەت سانى.

C. ئۈستىدىكى خەت. يەنى visitor دېگەن خەت بولۇپ. none غا توغۇرلىساق كۆرۈنمەيدۇ، custom غا توغۇرلىساق ئۆزىمىز يازغان خەت كۆرىنىدۇ.

D. تەگلىك رەڭگى.

E. خەت رەڭگى.

F. رامكا رەڭگى.

G. دۆلەت نومۇرىنى چىقىرىش.

H. بارلىق زىيارەت سانىنى چىقىرىش.

K. تاماملاش يەنى كود ھاسىل قىلىش.

ھاسىل بولغان بەتتىكى كودنى(رەسىمدىكى قىزىل رامكا ئىچىدىكى) كۆچۈرۈپ بلوگىڭىزنىڭ مۇۋاپىق جايىغا چاپلاڭ.
مەنبە:پرستان بلوگى
مەنبە مەنزىلى:

http://pristan.blogbus.com/logs/63167250.html

جاھاندىكى ئاساسلىق جاھاننەمىلەردىن بولغان Internet Explorer, Firefox, Google Chrome, Opera ۋە Safariلەرنىڭ پەرقى زادى نىمە؟دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى ھەجۋىي رەسىملەردە بولسۇن،بەلكىم،بۇ رەسىملەردىن بىرەر ھەقىقەتنى بايقاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن...

Internet Explorer: ھىچقانداق كېرىكى يوق،پىشقەدەم دەپ ئىشلىتىۋاتىمىز،بەيگە مەيدانىغا ئەپچىقالىساق كاشكى...

Firefox: ئۇدۇللا دىگەندە بۇ كاساپەتنىڭ ھىچقانداق زىيىنى يوق،پەقەت شۇ ھېلىقى پۈتمەس-تۈگىمەس قىستۇرمىلار ئۇنى شۇنداق يارىماس قىلىۋەتكەن.

Safari: ئىقتىدارى ناھايىتى ياخشى،چاتاق يىرى Safariنى ئىشلىتىپ كۆنگەنلەر ھەدىسىلا ئۇنى ماختاپ ئۇچۇرۇشقا ئامراق.

Chrome: بۇنىڭغا نىمە دەيلى،بىز ئېغىز گەپ:<<ھەقىقەتەن تىز،ئۇچقاندەكلا...>>

Opera:بەزىلەر بۇ نەرسىگە شۇنداق ئامراقكەن،ئەمما،كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئاغزىدا يەنىلا @#^^*)*_)+$+_(*

ناۋادا سىزEOT ياساشنى بىلمىسىڭىز ياكى ياساشنى ئەپسىز كۆرسىڭىز مەزكۇر يۇمتال ئارقىلىق توردىن تەييار بولغان EOTنى چۈشۈرۈپ ئادرىسىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئادرىسىغا توغرىلاپ قويسىڭىزلا يېڭى EOT ھاسىل بولىدۇ.قاچىلاشنىڭ ھاجىتى يوق،چۈشۈرۈپلا ئىشلىتەلەيسىز!

كۆرۈنمە يۈزى يۇقارقىدەك

بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرىۋېلىڭ

بامدات نامىزىمدىن يېنىپ،ئىختىيارسىز ھالدا كومپىيۇتېرنى ئېچىپ ئەلكۈيى توربېتىنى ئاچىدىغان ئادىتىم بار ئىدى،ئەلكۈيىدىكى نادىر ئەسەرلەرنى،قىزغىن تورداشلارنى يەنە بىررەت كۆرۈشنى ئىستەيتىم،ئىچكىرىدىكى مەزمۇنسىز توربەتلەر،مەزمۇنسىز جىدەللەرگە ئوخشىمايدىغان ئۈمىدۋارلىققا،گۈزەل ئارمانغا باشلايدىغان،رېغبەتلىك يازمىلارغا ئىنتىلەتتىم،بۈگۈن ئاخىرى بۇ ئارمىنىم ئەمەلگە ئاشتى،بۈگۈن تور ھەقىقەتەن ئېچىلىپتۇ،بۇ راستكەن!
ئاھ،شۇ تاپتا خۇشاللىقىمدىن ئۇخلاشدىن رايىم يېنىپ دىيارىمىزدىكى توربەتلەرنى كۆرۈشكە ئالدىرىغاچ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار،تور ئېچىلىپتۇ،تور ئېچىلىپتۇ! دىگەن سۆزلەرنى مەن بىلىدىغان چ چ توپلىرىدا تارقىتىپ يۈرگەچ ئۆتكەن كۈنلەردىكى غېرىبچىلىقىمنىڭ تەلتۈكۈس يوقىغانلىقىنى ھىس قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن.

تور ئېچىلدى،ئېچىلدى ھەم كۈلكىمىز،
قىش كەينىدىن باھار كەلگەن ھامان بار.
تور ئېچىلدى،يوقاپ كەتتى غېرىبلىق،
ياخشى كۈنلەر يېتىپ كېلەر زامان بار.

مۇبارەك بولسۇن قېرىنداشلار،بىز كۈتكەن مىنۇتلار يىتىپ كەپتۇ!....

تەۋسىيە توربەتلەر:

http://alkuyi.com/

http://ulinix.com/

http://ulinix.cn

http://www.xjcfan.com

كىچىك چاغلىرىمدىن تارتىپ تۈركىيەنىڭ كىنوسىنى ناھايىتى ياقتۇرۇپ كۆرەتتىم.بولۇپمۇ،كومىدىيەلىك كىنولارنى يۈرۈشلەشتۈرۈش ئىشلەيدىغان كامال سۇنالنىڭ ‹‹شابان››ئوبرازىدىكى ھەجۋىي كىنولىرىنى قويماي دىگۈدەك كۆرۈپ چىققانىدىم.ئۇ چاغلاردا،تەڭتۇشلىرىم ئارىسىدا ‹‹ئىسمىڭ نىمە؟››دىسە ‹‹شابان››دىيىش ناھايىتى مودا ئىدى.ئۇنىڭدىن باشقا‹‹چالىقۇشى››،‹‹دانىيەدىن كەلگەن كېلىن››...قاتارلىق نۇرغۇن كىلاسسىك كىنولار يۇرتىمىزدا شۇقەدەر ئالقىشقا ئېرىشكەن ئىدى.
كىيىن،تولۇق ئوتتۇرا ھاياتىم مەزگىللىرىدە ئاساسەن دىگۈدەك ھوللىۋودنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا بىلەن ئىشلىگەن سۈنئىي كىنولىرىغا مەپتۇن بولۇپ ‹‹خاككېر ئىمپىرىيىسى››دىن‹‹ھۆكۈمران ئۈزۈك››كىچە ئايلىنىپ يۈردۈم،تۈركىيەنىڭ ناخشىلىرىنى ھىسابقا ئالمىغاندا،قېرىنداش مىللەت كېلىدىغان بۇ خەلقنىڭ كىنولىرى بىلەن بولغان ئارىلىقىم بارغانسىرى يىراقلاپ كېتىۋاتاتتى.ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كىيىن،نەزىرىمدە ھېلىھەم ئوسمانلى ۋاقتىدىكى ھالىتىدە يۈرۈيدۇ دەپ ئويلايدىغان تۈركىيە بارغانسىرى دۇنيانىڭ نەزىرىنى تارتىشقا باشلىدى.مەيلى ھەربىي ئىشلار بولسۇن،مەيلى دېپلوماتىيە ۋە ياكى مەدەنىيەت جەھەتتىن بولسۇن،جۇڭگودىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا پات-پات تۈركىيەنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلايدىغان بولۇپ قالدۇق،بەزىدە تېخى،تۈركىيەنىڭ ياخشىراق خەۋىرى چىقىپ قالسا،خۇددىي ئۇيغۇرلارنىڭ خەۋىرىدەك قىزىقىپ كۆرىدىغان بولدۇق...مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۈركىيە كىنولىرىنىڭ دۇنيا كىنو ساھەسىدە داڭقى چىقىشقا باشلىدى.ئۇزاق بولمىغان ۋاقىت ئالدىدا‹‹ئۈچ مايمۇن››ناملىق فىلىم ھەتتا گانا كىنو فېستىۋولىدا ‹‹ئەڭ مۇنەۋۋەر چەتئەل تىلى مۇكاپاتى›› ئېلىشقا ئازلا قېلىپ ‹‹مۇنەۋۋەر رېژىسسور مۇكاپاتى››غا نائىل بولدى.بۇنداق خەۋەرلەرنىڭ ئۈزۈلمەي كەپ تۇرۇشى،بارغانسىرى تۈركىيە كىنوچىلىقىغا بولغان قارىشىمنى ئۆزگەرتىشكە باشلىغانىدى... تۇلۇق ئوقۇش »

كىچىگىمدىن ئاجايىب ئارمىنىم بار ئىدى.گېزىت-ژۇرناللاردىن،مەكتەپ رادىئوسىدىن دائىم ‹‹ پالانى مانچە توننا ئالتۇن تېپىۋېلىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرگەن.››،‹‹پۇستانى مانچە مىليون خەلق پۇلى تېپىۋېلىپ ساقچىغانىغا ئاپىرىپ بەرگەن››دىگەندەك ئۇچۇرلارنى ئىشىتكەندە ئاشۇ كىشىلەرگە ئاجايىب ھەۋىسىم كېلەتتى.ئىچىمدە ئۆرتىنەتتىم،نىمىشقا ماڭىمۇ ئاشۇنداق پۇل،ئالتۇنلار ئۇچرىمايدىغاندۇ،نېمىشقا ماڭا شۇنداق ئۆزىنى كۆرسىتىش پۇرسىتى كېلىپ داڭقىمنى پۈتۈن ئالەمگە تارىتىدىغان ۋاقىت يوقتۇ دەپ ئۆكۈنەتتىم.شۇ خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان ئاخشىمى بولسا ئاجايىب چۈشلەرنى كۆرەتتىم-يۇ يەنە ئويغۇنۇپ پۈتمەس ھەسرەتتە قالاتتىم.ھەي شۇ،شۇ ئارمانغا چۇشلۇق يول يۈرگەندە يەرنى تىشىۋەتكۈدەك قاراپ ماڭغان بولساممۇ،كىشىلەرنىڭ يانچۇقىغا ئوغرىدەك قاراپ قاچان بىر مانچە پۇلى چۈشۈپ قالاركىن دەپ تەلمۈرسەممۇ،ئۇنداق ‹‹تەلەي››لەر ماڭا نېسىپ بولمايۋاتاتتى،ئەمما ، گېزىتلەردە بۇنداق خەۋەرلەر زادى ئۆكسۈمەيتى،يۈرەك ئاغرىقىم ھەم توختىمايتى...
چوڭ بولدۇم،چوڭ بولغاندىن كىيىن مۇنداق خام خىيالنى بىر مەزگىل تەرك ئەتكەن بولساممۇ،بۈگۈنكىدەك يۇقىرى ئىستىمال مەزگىلىدە يانچۇقۇم ئۆكسۈشكە باشلىغاندا،شۇ خىيال ئازغۇندەك كاللامغا تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالاتتىيۇ ،بىردەملىك ۋەسۋەسىگە تاشلاپ قويۇپ يەنە يوقاپ كېتەتتى،مەنمۇ رېئاللىققا قول قويۇپ يەنە ئىشىمغا ماڭاتتىم.كۈنلەر مۇشۇ تەرىقىسىدە كېتىپ باراتتى... تۇلۇق ئوقۇش »


ئۇلارنى مەن بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغان،بۇنىڭدىن كىيىنمۇ كۆرەلمەسلىكىم مۇمكىن.مەكتەپكە كېلىپ بىرمەۋسۇم ئۆتۈپ كەتتى،باشتا ئۇلار كاللامدىن چىقمايتىيۇ،ئەمدى بولسا ئۇلارنىڭ ئىسمىنىمۇ ئۇنتۇلۇپ قالغانىدىم.ناۋادا تىزراق بولمىسام،ئۇلارنىڭ چىرايىنىمۇ مەڭگۈلۈك ئەستىن چىقىرىپ قۇيۇشىم مۇمكىن ئىدى...

* * *
زىرىكىشلىك مىنۇتلار يەنە باشلاندى،ئەتراپىمدا كىرلەشكەن بەدەن،ھېڭگاڭ چىشلىق،تېخى يېرىم يالىڭاچ بولىۋالغان ئىشلەمچىلەر ئۆز شىۋىلىرىدە قاقاقلاپ كۈلۈشكىنىچە ،پىۋا ئىچىشىپ،قارتا ئوينىشىپ تۇراتتى.مەھەللەمنىڭ ئىشەكلىرىدىنمۇ ئاستا ماڭىدىغان بۇ پويىزغا چىققانلىقىمغا مىڭ مەرتىۋە پۇشايمان قىلىۋاتاتتىم.لېكىن،ھەم ئامالسىز ئىدىم.ئايروپىلانغا چىقىپ باراي دەپ ئويلىغانىدىميۇ،ئايروپىلانغا چىققان ئاشۇ ئارتۇق پۇلۇمنى بىچارە ئاپام ھېلىقى كېلەڭسىز قول ھارۋېسىنى ئۆزى يالغۇز ئىتتىرىپ نەق يىگىرمە كۈن جاپا تارتسا ئاران تاپىدۇ ئەمەسمۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئوغۇل بالا،يىگىرمىگە كىرىپ قالدىم،پويىزدا ئولتۇرۇشقا چىدايمەن! دەپ ئۆز-ئۈزۈمنى رىغبەتلەندۈرۈپ ، ھەتتا ئاكامنىڭ ھەمراھ بولۇپ بىللە بېرىشىغا ئۇنىماي يۈك تاقلىرىمنى ئۆزۈم كۆتۈرۈپ سەپەرگە چىققانىدىم.ھەممىدىن يالغۇزلۇق ئېغىر كەلدى،ئۆز تىلىمدا سايرۇغۇم كەلدى،لېكىن ئاڭلايدىغانغا قۇلاق يوق.يات تىلدا كۈلەي دىدىم...ئەركىن ئابدۇللانىڭ <<سەھرا>>دىگەن ناخشىسىنى غىڭشىدىم.غىڭشىپ يەنە توختاپ قالدىم.قولۇمدا ئورخان پامۇقنىڭ <<يېڭى ھايات>>دىگەن كىتابى بار ئىدى،كىتابنى ۋاراقلىغاچ ئۆزۈمنىڭمۇ يېڭى ھاياتقا قەدەم بېسىۋاتقانلىقىمنى ئويلاپ تۇيۇقسىز بۇ كىتابنى ئوقۇشتىن يالتايدىم،شۇ ئان كىتابنى چامادانىمغا سېلىۋەتتىم.ئەمدى قىلىدىغان ھىچقانداق ئىشىم قالمىدى. م پ ئۈچۈمنىڭ توكى ھەم قالمىغانىدى.ئاھ،خىيالغا غەرىق بولدۇم،تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇغان ۋاقىتتىكى قىززىق ئىشلارنى ئويلاپ ئۆزۈمچە كۈلۈپ ئولتۇردۇم.ئىزدىنىش،دىيارىمدا بولىدىغان پاراڭ،گاھىدا بولىدىغان سۆز جەڭلىرىنى ئەسلىدىم..ئاخىرى خىيالىممۇ تۈگىدى.تەپەككۇرۇم ئۈزۈلدى.مەنىسىز سەپەر داۋام ئەتتى.... تۇلۇق ئوقۇش »

نەچچە ھەپتىدىن بىرى،ئىمتىھان،ئىمتىھان دەپ ئالدىراش يۈرۈپ كەتتىم،تاللاپ ئوقۇغان گېرمان تىلى،دۇنيا ئەدەبىياتى،قوللىنىشچان ماتىماتىكا قاتارلىق دەرسلىرىمنى شۇنداقلا،جۇڭگو يېقىنقى زامان تارىخىدىن نەمۇنىلەر،سىياسىيدىن نەزەرىيە قاتارلىق مۇھىم دەرسلىرىمدىن ئىمتىھان بېرىپ بولۇپ،ئەمدى كەسپىي دەرسلىرىمىز،شۇنداقلا مەن تۇغما ئاجىز بولغان پەن بولمىش ئالىي ماتېماتىكا دەرسلىكىنىڭ ئىمتىھانىغا جىددىي تەييارلىق قىلماقتا ئىدىم...
مۇشۇ كۈنلەردە بەك چېچىلاڭغۇ بولۇپ قېلىۋاتاتتىم،قىزىقىشىم،شۇنداقلا خوشلۇقۇم بولمىش <<بلوگ>>ىممۇ ياتسىراشقا باشلىدى،ياردەم سوراپ كەلگەنلەرگە بۇرۇنقىدەك قىزغىن ياردەم قىلماي سوغۇق مىجەزلىك بىلەن ئۇنى كۆرۈڭ،بۇنى كۆرۈڭ دەپ يولغا سالدىم،بەزىلەر رەنجىپمۇ قالدى.كۈندىلىك خاتىرەمنىڭ نەچچە ئون كۈنلۈك بەتلىرى ئاق قالدى،مۇشتەرى بولغان ژۇرناللىرىمنى چوڭلاپ ئەپچىقىپ يوق بولدى،تورغا چىقىپ ئولتۇرۇپ نۇرغۇن پلانلىرىم نۆل بولدى،ھىچنىمە خوش ياقماي،ھەتتا تاماقنىمۇ دوستلىرىم ئەپكېرىپ بىرىدىغان بولدى،ئەڭ مۇھىمى-ئالىي ماتېماتىكا دەرسلىكىدىن قېلىش كرىزىسى كۈنسىرى يېقىنلاشقا باشلىدى... تۇلۇق ئوقۇش »

مۇرات كەكىللى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تاركان،ئىبراھىم،گۆھتان قاتارلىق ناخشىچىلاردەك ئانچە تۇنۇش ئەمەس. بېراق، << بۇ ئاخشام ئۆلەرمەن >> دىگەن ناخشىنى ئاڭلاپ باققانلارغا ئۇ چۇقۇم ناھايىتى چۇڭقۇر تەسىرىنى قالدۇرغان. << بۇ ئاخشام ئۆلەرمەن >> دەل بىز بۈگۈن تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىدىغان ناخشىچى مۇرات كەكىللىنىڭ بۇلىدۇ.

مۇرات كەكىللى 1968-يىلى 18- ئاپرىل ئادانا(Adana)دا تۇغۇلغان بولۇپ،باشلانغۇچ،ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىنى كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئادانادا ئۆتكۈزگەن. ئائىلىسى نامرات بولغاچقا،مۇرات كەكىللى كىچىگىدىن تارتىپ جاپا مۇشەققەتلىك تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈرگەن.ئۇ تەتىل كۈنلىرى مەھەللىسىدە يەل يىمىش ساتاتتى،مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇرات كەكىللىنىڭ بېشىغا تەلەي قۇشى قۇنۇپ ئادانا ياشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بىلەن كۆرۈشۈپ قالىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ يېنىدا ئىشلەش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.ھەمدە بىر پىئانىنو چالىدىغان ياش بىلەن تۇنۇشۇپ قېلىپ پىئانىنوغا ناھايىتى ئىشتىياق باغلاپ قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشكە باشلايدۇ.شۇنداق قىلىپ، مۇرات كەكىللىنىڭ سەنئەت ھاياتى باشلىنىدۇ. تۇلۇق ئوقۇش »

无觅相关文章插件,快速提升流量