سىزنىڭ ئورنىڭىز: سەھىپە بېتى

سىز «ئۇنىۋېرسال» سەھىپىسىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

يېقىندىن بىرى،Wordpressنىڭ خەنزۇچە مۇنبەرلىرىدىن مەزكۇر سېستىمىنىڭ 3.0دىن يۇقىرى نۇسخىسى ھەققىدىكى قىزغىن تالاش-تارتىشلىرىغا قىزىقىپ،ئاۋۋال،ئۇيغۇربەگ تەجرىبىخانىسىنىڭ نەشىرىنى يۇقىرىلىتىپ مەغلۇب بولغاندىن كېيىن،ئالدىنقى قېتىملىق مەغلۇبىيەتتىن ئالغان ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ،يەنە ‹‹قاپ يۈرەكلىك››ھالدا،ئۇدۇللا ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ نەشىرىنى يۇقىرىلىتىش مەشخۇلاتى ئېلىپ باردىم ھەمدە مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا بۇ تەجرىبەمنى تاماملىدىم.نۆۋەتتە،مەن مەزكۇر سېستىمىنىڭ نەشىرىنى يۇقىرىتىلىتىشنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرىنى تەجرىبەمگە ئاساسەن سۆزلەپ چىقىمەن. تۇلۇق ئوقۇش »

tktornamigha erishsh

ھىم،بىرىنچى دەرىجىلىك تورنامى بولمىش‹‹.com,.net››لارنىڭ باھاسى ئۆسكەندىن كىيىن،دۆلەت-ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن توربەت ھەۋەسكارلىرى تېخىمۇ ئەرزان ھەمدە مۇقىم بولغان بىرىنچى دەرىجىلىك تور ناملىرىنى ئىزدەشكە باشلىدى،بىزدىمۇ Duscuz X ھەمدە WordPress ئارقىلىق بلوگ-توربەت قۇرۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەندىن كىيىن،‹‹ئەرزان چىقىم››ئارقىلىق بىر بەت تۈزۈپ چىقىش ئىھتىياجى تۇغۇلۇۋاتاتتى،مۇشۇ ئىھتىياجنى كۆزدە تۇتۇپ،بۇ قېتىم ناھايىتى ئىشەنچىلىك،مۇقىم ھەمدە ئېرىشىش ئوڭاي بولغان بىرىنچى دەرىجىلىك تورنامى بولغان .TK گە ئېرىشىش قوللانمىسىنى يېزىپ چىقتىم.

تۇلۇق ئوقۇش »

birthamche_conew2

مەزكۇر ئۇسلۇب-مەن WordPressنى چۈشۈنۈشكە ئۇرۇنۇش داۋامىدا تەييارلاپ قويغان ئۇسلۇب بولۇپ،بۈگۈن ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ تەڭشەپ،سىناپ كۆرگەندىن كېيىن،تورداشلارنىڭ ئىشلىتىشىگە سۇندۇم. تۇلۇق ئوقۇش »

Hojeyre

ئوتتۇرا مەكتەپتە ھەممىمىز «ئادەم تېنىنى تۈزگۈچى ئەڭ كىچىك بىرلىك -ھۈجەيرە» دەپ ئۆگەنگەن ئىدۇق. بىئولوگىيە دەرسىنى تازا ئىچكىرىلەپ ئوقۇغاندىن كېيىن ھۈجەيرىنىڭ ھۈجەيرە پەردىسى، خوندىئوسوما، خلوروپلاست، گولگى تەنچىسى، رىبوزا تەنچىسى ۋە ھۈجەيرە يادروسى قاتارلىقلاردىن تۈزىلىدىغانلىقىنى ئۆگەنگەن. بۈگۈن بۇيەردە سىلەرگە مۇشۇلارنىڭ ھۈجەيرە ئىچىدىكى ھاياتلىق پائالىيىتى ئىپادىلەنگەن 3D تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئىشلىگەن فىلىمنى ھۇزۇرىڭلىغا سۇناي. كۆرۈۋاتقىنىڭىز پەقەتلا بىرتال ھۆجەيرىنىڭ ئىچىدىكى ھاياتلىق پائالىيىتى.

تۇلۇق ئوقۇش »

Uzhal_1.0

blogbus ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن يەنە بىر ئۇسلۇب ياساپ چىقتىم. بۇ ئۇسلۇبنى ياساپ قويغىلى ئۇزۇن بولۇپ كەتكەن، ئېلان قىلىشقا ۋاقىت چىقماي بۈگۈنگە قالدى. بۇ ئۇسلۇبنى ئۇزھال توردىن ئۆرنەك ئېلىپ ياسىغان بولغانلىقتىن ئۇسلۇبقا uzhal1.0 دەپ نام بەردىم.

تۇلۇق ئوقۇش »

10_of_WP

10. WordPress  نىڭ نەچچە مىڭلىغان رەڭگارەڭ ئۇسلۇبلىرى بار. بلوگىمىزمۇ بىرقەدەر ياخشى دەپ قارىغان ئۇسلۇبلارنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنۇپ كېلىۋاتىدۇ ۋە كەلمەكچى.

9. WordPress  نىڭ نۇرغۇنلىغان قىستۇرمىلىرى(插件) بار. بۇ شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ WordPress غا ئاشىق بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىستۇرما يېزىش ئىنتايىن ئاسان، مەنغۇ ياساپ باقمىدىم. تۇلۇق ئوقۇش »

prestan1.0

ئۇيغۇربەگ بلوگى بىلەن بىرلىشىپ تۇنجى قېتىملىق يازمامنى پرېستان ئۇسلۇبنى تارقىتىشتىن باشلىدىم ئەمىسە. بۇ ئۇسلۇبنى ۋوردپرەس ئۇسلۇبىدىن ئۆرنەك ئېلىپ ئۆزەم بىر قوللۇق ياسىغان ئىدىم، ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان تۈزۈتۈشلەرنى كىرگۈزۈپ بۈگۈنكى كۈنگە ئېلىپ كەلدىم. كەڭ بلوگ ھەۋەسكارلىرى نۇرغۇن قېتىم پرېستان بلوگىنىڭ ئۇسلۇبىنى تارقىتىشنى تەلەپ قىلغاندا ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن ئىدىم، چۈنكى باشقىلارنىڭ بلوگىنىڭ ئۆزەمنىڭ بلوگىغا ئوخشاپ قېلىشىنى خالىمىغانلىقىمدىن تارقاتمىغان، ئەمدى ئۇيغۇربەگ بىلەن بىرلەشتىم، پرىستان بلوگىنىڭ ئۇسلۇبنىمۇ تارقاتماسلىققا ئامال بولمىدى. ھى ھى… تۇلۇق ئوقۇش »

U+P

شۇ تاپتا،مەزكۇر يازمىنى يېزىش داۋامىدا ئۆزۈمنىڭ قاتتىق ھاياجانلىنىپ تۇرغانلىقىمنى سىزىپ تۇرىۋاتىمەن.چۈنكى،تېخى بىرنەچچە ھەپتە بۇرۇن،يۈكسەلكامنىڭ ‹‹كۆپ كىشىلىك بلوگنىڭ كەلگۈسى››دىگەن يازمىسىغا قارىتا يازغان ‹‹شەخسىي بلوگنىڭ كەلگۈسى ۋە چىقىش يولى››دىگەن يازمامنى يوللىغان ئىدىم.ئەمما،بۈگۈن بلوگباس ئۇسلۇبى ۋە تېخنىكىسى جەھەتتە يۈكسىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان سابىق پرىستان بلوگى بىلەن ئۆزۈم ماڭدۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى يېڭىچە ئىلھام بىلەن،جۇشقۇن قەدەملەرنى بېسىپ ئۇيغۇر بلوگچىلىقى ئۈچۈن قۇلىمىزدىن كېلىشىچە ھەسسىمىزنى قوشۇش ئۈچۈن رەسىمىي  بىرلىشىپ، ئۇيغۇربەگ دىگەن نام ئاستىغا ئۇيۇشتۇق. تۇلۇق ئوقۇش »

blogbbyadetliri

ھەربىر بلوگ ھەۋەسكارلىرىغا ئايان بولغىنىدەك،بىز ھەمىشە بلوگىمىزنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە،كۆركەم قىلىشقا تىرىشىمىز.مەسىلەن:يازمىمىزنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش،ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇش،بلوگغا ئىقتىدار قوشۇش،SEO ئەلالاشتۇرۇش دىگەندەك.بىزنىڭ بلوگىمىز ئۈچۈن قىلىۋاتقان تىرىشچانلىقىمىزنى ئەلۋەتتە،ھەممەيلەن ئېتىراپ قىلىدۇ.ئەمما،شۇنىسىنى ھەم ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇكى،بىز شۇ تىرىشىش داۋامىدا بىلىپ-بىلمەي زىيارەتچىلىمىزنى ساقىت قىلىپ تاشلاپ،ئۆزىمىزنىڭ سەنىمىگە دەسسەيدىغان ئىشلارنى قىلىپ قالىمىز.ئاندىن،بۇ ئىشلار ئاخىرى كېلىپ زىيارەتچىلىرىمىزنى بىزار قىلىدىغان ئىشلارنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ... تۇلۇق ئوقۇش »

rozaheyt

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىمىز،
بۈگۈن پۈتۈن مۇسۇلمان دۇنياسىدىغا ئورتاق بولغان بايرام-روزا ھېيت كۈنىدۇر.ئالدى بىلەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ ئولۇغ ھېيىتىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن:روزا ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن،تىنىڭلار ساق،ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق بولسۇن!...
روزا ھېيت بايرىمى بىلەن تەڭ كەلگەن جاپاكەش ئۇستازلارنىڭ بايرىمى بولمىش خەلقئارا ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بارلىق ئىشچان-ھورۇن،تاپشۇرۇق بىرىدىغان-بەرمەيدىغان،ئىمتىھان مەزمۇنىنى دەپ بىرىدىغان-بەرمەيدىغان،يوقلىما قىلىدىغان-قىلمايدىغان بارلىق ئۇستازلارنىڭ بۇ قىممەتلىك بايرىمىنى ھەم قۇتلۇقلايمەن،ياشاڭلار ئۇستازلار،توغراق يېشىدا...


نەچچە كۈندىن بىرى يېڭى كەلگەنلەرنى كۈتۈش خىزمىتى بىلەن ئالدىراش يۈرۈپ،بۈگۈن ئۆزۈمنىڭ يېڭى بىر ياشقا كىرگەنلىكىمنىمۇ ئۇنتۇلۇپ قاپتىمەن.سەھەردە كېلىشكە باشلىغان قۇتلۇقنامە تېلىفۇن-ئېلخەتلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاچ،ئۆزۈمنىڭ يەنە بىر ياش چوڭايغانلىقىمنى ئەسكە،ئىختىيارسىز كۈلۈپ قويدۇم.نەچچە يىل ئاۋۋال ‹‹18 ياش،18 قىسمەت››دەپ شېئىر يازغانلىقىم ئېسىمگە كېلىپ،ئۇ شېئىرىمنى قايتىدىن ئوقۇپ چىقتىم.ئوقۇغانسىرى بارغانسىرى شۈكلەپ قېلىۋاتاتتىم... تۇلۇق ئوقۇش »

uslub_conew1

مەزكۇر ئۇسلۇب-كەمىنە ئۇيغۇربەگ WordPressكە كۆچۈش جەريانىدا،ئىشلەتمەكچى بولغان كاندىدات ئۇسلۇبلارنىڭ بىرى ئىدى،تەتىل توشۇشقا ئاز قالغان مەزگىللەردە بۇ ئۇسلۇبنى تەتقىق قىلىپ يۈرۈپ ئاخىرى مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا ئۆزلەشتۈرۈپ چىقتىم. تۇلۇق ئوقۇش »

无觅相关文章插件,快速提升流量