سىزنىڭ ئورنىڭىز: سەھىپە بېتى

سىز «ئۇنىۋېرسال» سەھىپىسىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!


رەڭ-توربەت لايىھەلەشدە توربەتلەرنىڭ كۆركەملىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى.بىرنەچچە كۈن ئاۋۋال،ColourLovers.com بىر تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ،ئۇلار ئامىرىكىدىكى ئالدىنقى 100نىڭ ئىچىدىكى توربەتلەرنىڭ تۇغلىرى ئاساسىي جەھەتتىن 12 خىل رەڭدىن تەركىب تاپقانىكەن.بۇنىڭ ئىچىدە كۆك رەڭنى ئىشلەتكەن بېكەتلەر ئەڭ كۆپ ئىكەن،ئۇندىن قالسا قىزىل،سېرىق،يېشىل رەڭلەر ئىكەن.مەن بۇ 12 خىل رەڭنىڭ RGB كودىنى چىقىرىپ قويدۇم،قىزىقىدىغانلار كۆرۈپ پايدىلانغايسىلەر.

تۇلۇق ئوقۇش »


چەۋەندازلار بلوگىدا يېقىندا ئېلان قىلىنغان ‹‹دۇنيادىكى 10 داڭلىق توركۆرگۈ(تۇرايىمىزدا ئىزچىل ‹جاھاننامە›دەپ ئېلىنىپ كېلىۋاتىدۇ›› ناملىق يازمىسىنى كۆرگەندىن كىيىن،تۇيۇقسىز كاللامغا ‹‹دۇنيادىكى سىز بىلمەيدىغان 10 تور كۆرگۈ(جاھاننامە) ››لەرنى تونۇشتۇرغۇم كېلىپ،مەزكۇر يازمىنى تەييارلاپ چىقتىم.ناۋادا،سىز Firefox. Internet Explorer. Chrome. Safari. Opera قاتارلىق جاھاننامىلەردىن زىرىكىپ قالغان بولسىڭىز،بۇ يەردە تونۇشتۇرغان جاھاننامىلەرنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ،بەلكىم نەزەر دائىرىڭىز تېخىمۇ ئېچىلىپ قالغۇسى. تۇلۇق ئوقۇش »

WordPressنىڭ قالتىس يەرلىرىدىن بىرى،مەزكۇر سېستىما چىراي ئىپادىسىنى قوللايدىغان بولۇپ،يازمىڭىز ھەمدە ئىنكاسلىرىڭىزدا چىراي ئىپادىسىنى قوشۇپ،يازغانلىرىڭىزغا ئاجايىب تۈسلەرنى قوشقىلى بولىدۇ،ئەلۋەتتە،بۇ ئىقتىدارنى ئېچىش ئۈچۈن Custom Smilies قىستۇرمىسىغا ئوخشاش قىستۇرمىلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولىسىز ئەلۋەتتەبۈگۈن بىرنەچچە يۈرۈش WordPress چىراي ئىپادىلىرىنى توننىلاپ ئەپكەلدىم،پارچىلاپ تارقىتىمەن!لازىم بولغانلار تىزدىن يۈگۈرەپ كېلىڭلار! تۇلۇق ئوقۇش »

كۈتۈپخانىغا چىقىپ ئۆگۈنۈش قىلىپ باقمىغىلى ئۇزۇن بولغان ئىدى، تۇيۇقسىز كۈتۈپخانىغا كىرىپ ئۆگۈنۈش قىلىشنى سېغىنىپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن يەكشەنبە كۈنى سەھەر تۇرۇپ سومكامنى مۈرەمگە ئېسىپ ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن كۈتۈپخانىغا قاراپ ماڭدىم. ئىشىكتىن كىرىدىغان چاغدا كارتا سۈركىمىسەك كۈتۈپخانىغا كىرگۈزمەيدىغانلىقى ئېسىمگە كېلىپ ھەميانىمنى ئاختۇرسام كارتام يوق. ھىم... شۇنچە ياتاقتىن سوكۇلداپ ئاران كەلسەم مۇنداقلا كېتىپ قالماي دەپ ئىچىگە قاراپ ماڭدىم. ئارقامغا قايتسام قايتىپ كەلمەسلىكىم ئېنىق. ئىچىگە كىرسەم قاراۋۇللار بىر-بىرى بىلەن ھەدەپ پاراڭ سوققىلى تۇرۇپتۇ. پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ غىپپىدە كىرىۋالدىم. ھى ھى... بۇرۇنمۇ بىرقانچە قېتىم مۇشۇنداق كىرىپ باققان ئىدىم. شۇنداق ئارلاپ ئاران دېگەندە بىر ئورۇن تاپسام 这里有人 دەيدۇ، 好 دەپ 2- قەۋەتكە چىقسام لىق ئادەم. ئامالسىز كارىدوردىكى  ئورۇندۇقتىلا ئولتۇردۇم، ئەلۋەتتە بۇ ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىلى يوق. تۇلۇق ئوقۇش »

Prestan_1.0 ئۇسلۇبىنى تارقاتقاندىن بۇيان نۇرغۇن بلوگېر دوستلار   يېقىندىن ياقتۇرۇپ ئىشلەتتى. بۈگۈن ئېلان قىلماقچى بولغان ئۇسلۇب بولسا   Prestan_1.0 ئۇسلۇبىنىڭ ئەسلى نەشىرى بولغان checkerize ئۇسلۇبى، بۇ ئۇسلۇب   wordpress نىڭ ئۇسلۇبى. ئەينى چاغدا مەن مۇشۇ ئۇسلۇبتىن ئۆرنەك ئېلىپ   Prestan_1.0 ئۇسلۇبنى ياساپ چىققان.

تۇلۇق ئوقۇش »

يۈكسەل بلوگى باش بولۇپ تەشكىللەپ،نۆۋەتتە تەشۋىقات ھالىتىدە تۇرغان ‹‹2010-يىللىق  10 چوڭ Blogنى باھالاش›› پائالىيىتىنىڭ چاقىرىقنامىسى يوللانغان چاغدا،كەمىنە ئۇيغۇربەگ ھەدەپ ساياھەت تەييارلىقىدا تۇرغان بولغاچقا،مەزكۇر ئەھمىيەتلىك پائالىيەتكە بولغان قوللىشىمنى ھەمدە ئۆزۈمنىڭ ئويلىغىنىنى بىلدۈرۈشكە ئۈلگۈرەلمىگەن ئىدىم.نۆۋەتتە،ئۆزۈمنىڭ بىلىپ-بىلمەي قىزىقىش ئىچىدە شۇڭغۇپ كىرگەن بۇ بلوگ ھاياتىمغا نەزەر تاشلاۋېتىپ،ئەينى چاغ 2008-يىلى ئۇيغۇرلاردىكى ئون چوڭ بلوگ بولۇپ باھالانغان جەك بلوگى،دۇنياقارا بلوگى ئارامگاھ بلوگى، ئاناتىلىم بلوگى،شۇنداقلا كىچىكىپرەك بايقىغان يۈكسەل بلوگىنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرلىرىنىڭ ناھايىتى زورلىقىنى ھىس قىلدىم،نۆۋەتتە،بۇ پائالىيەت يەنە داۋام ئەتمەكتە ئىدى،بۇ قېتىم مەنمۇ بۇ پائالىيەتنىڭ باش-ئاخىرىنى كۈزەتمەكتە ئىدىم... تۇلۇق ئوقۇش »

بالىلىق ۋاقىتنى ئەسلىسەملا،ئەينى چاغ يالغان تاپانچىنى ئېلىۋېلىپ،ئوغرى-ساقچى ئويۇنى قىززىتقىنىم؛مەھەللىنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغا كىرىۋېلىپ مۆكۈشمەك ئوينىغانلىرىم؛قۇشقاچ بالىسى تۇتىمەن دەپ قىرىق گەز ئىگىزلىكتىكى تېرەكلەرگە چىقىۋېلىپ،چاڭگا بۇزغىنىم؛كۆرۈپ قانمايدىغان ‹‹شىر پادىشاھ›› قاتارلىقلار ئېسىمدىن قەتئىي چىقمايدۇ.تور ئارىلاۋېتىپ،تەسەۋۋۇرغا باي چەتئەللىك كىچىك دوستلارنىڭ قىززىقچىلىقىنى ئۇچرىتىپ قېلىپ،ئىختيارسىز بالىلىقىمنى ئەسلەپ قالدىم.قېنى،سىزمۇ بۇلارنىڭ قىززىقچىلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ،سىزمۇ مۇشۇنداق تەسەۋۋۇرلارغا باي كەلگەنمىتىڭىز.... :lol: تۇلۇق ئوقۇش »

تۇرايىمىزنىڭ نەشىرى WordPress 3.01گە يۇقىرىلىتىلغاندىن كىيىن،تىمىلارغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى كۆزدىن كەچۈرۈۋېتىپ،باشقۇرغۇچى ھالىتىدە قايتۇرۇلغان ئىنكاسلاردىكى Gravatar  باش سۆرىتىمىز(پرېستان بىلەن مېنىڭ)نىڭ ‹‹جىندەك››غايىب بولغانلىقىنى بايقاپ ئەرۋاھىم مىڭ گەز ئۆرلىدى،خۇداغا شۈكرى،ھېلىمۇ مېنىڭ ئالدىمدىمۇ بىرسى مۇشۇ مەسىلىگە يولۇقۇپ ھەل قىلىپ بوپتىكەن،بولمىسا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىمەن دەپ يەنە قانچە تال چېچىم چۈشۈپ،پاينەكباشلىققا بىرنەچچە قەدەم يېقىنلىشار بولغۇيتۇم!... تۇلۇق ئوقۇش »

مو بلوگ سىستېمىسى WordPress ئالدىنقى 3.0 نەشىرىدىن باشلاپ CMS يۈلىشىدە تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. قىشقىغىنا تۆت ئايدىن كىيىن WordPress نىڭ 3.1 نۇسخىسى چىقىدۇ. ,3.0 نۇسخىغا سېلىشتۇرغاندا، 3.1 نۇسخىدا بىرقەدەر چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ. تۇلۇق ئوقۇش »


بۇ بىرنەچچە يىلدا،قەرەلسىز زۇكامنىڭ،بۇرۇن ياللۇغىنىڭ دەرتلىرىنى خېلى تارتتىڭىزغۇ دەيمەن،ھازىرمۇ ھېلىھەم مائۇس،كونۇپكا تاختىسى،پۇل چىقىرىش ماشىنىسى،يانچۇقتىكى ئاۋۇ ‹‹مەينەت››پۇللاردىن پاكىزە قوللىرىڭىزنى قانچىلىك باكتىرىيە بىلەن يۇقتۇرۇۋاتقانلىقىڭىزنى ئاۋۇ ‹‹پرېستان››ئەپەندىدىن سوراپ باقسىڭىز جاۋابىنى بىلىشىڭىز مۇمكىن. تۇلۇق ئوقۇش »

Firefox تور كۆرگۈچى بولمىسا نورمال كۆرۈنمەيدۇ، IE6,IE7,IE8 ئىشلىتىۋاتقانلار ئاستا Firefox تور كۆرگۈچىنى قاچىلاپ سىناپ بېقىڭلار.

تۇلۇق ئوقۇش »

بلوگ نەشىرىنى يۇقىرىلاتقاندىن كىيىن،WordPress 3.0.1نىڭ ئارقا سۇپىسىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇرچىغا تەڭشەلمىگەنلىكىنى ھىس قىلدىم،ئاندىن،نۇرقۇت تورىدىكى FinalDream ئەپەندىنىڭ تەڭشىگەن CSS نۇسخىسىغا تۇلۇقلىما ھەمدە ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەندىن كىيىن،كەڭ ھەۋەسكارلارنىڭ ئىشلىتىشىگە سۇندۇم.ئاساسلىقى:بەزى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەلمىگەن جايلىرى ھەمدە خەت رازمىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى.چۈشۈرۈش ئۈچۈن بۇ يەرگە كىرىڭ. تۇلۇق ئوقۇش »

无觅相关文章插件,快速提升流量