[ھەقلىق ئۇسلۇب]ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئۇسلۇب تارقىتىلىدۇ
-
سەھىپە:WP ئۇسلۇبى
باھا:2 دانە
09-02-2012
مەزكۇر ئۇسلۇب- ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللەردە ئىشلىتىپ يۈرگەن ئۇسلۇبى بولۇپ، بىر قىسىم تورداشلارنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، قايتىدىن ئۆزلەشتۈرۈلۈپ تارقىتىلدى. ئەسلىي نۇسخىسى ئاساسىدا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان بولسا، بىر قىسىم ئىقتىدارلىرىنى تورداشلارنىڭ ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ چىقىشىغا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش جەريانىنى سىنغا ئېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇسلۇب ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا قىزىقىدىغان دوستلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
كەمىنە ئۇيغۇربەگنىڭمۇ ئىمتىھانى تۈگەي دېدى، پرېستاننىڭ تۈگەپ يۇرتقا قاراپ يول ئالدى. ئۇسلۇبخۇمار تورداشلارنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بلوگىمىز بىر يۈرۈش ئۇسلۇبلارنى ئەمەس، بىر تال ئۇسلۇبنى ئاشكارا تارقىتىشنى قارار تاپتى. ئۇسلۇب لازىملەر مەزكۇر خەتلەرنىڭ ئۈستى ۋە ئاستىدىكى ئېلانلارنى چىكىۋەتكەچ(زورلىمىدىم ھە!)يازمىنىڭ داۋامىغا ئەشەددىي دىققەت قىلغايسىزلەر!…
بۇ ئۇسلۇبنى تەرجىمە قىلىپ قويغىلى ئۇزۇن بولغان ئىدى، ئەمما بۇ ئۇسلۇبنىڭ تورداشلار بەرگەن باھاغا قارىتا جاۋاب يېزىش ئىقتىدارى يوق ئىكەن، ئۆزەم قىستۇرمىلارنى قاچىلاش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇراي دېسەم بىرقىسىم خاتالىقلار كۆرۈلۈپ تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان، شۇ سەۋەبتىن ھازىرغىچە شۇ يەر بىلەن ھەپىلىشىپ بۇ ئۇسلۇبنى تارقىتىشقا ئاما بولماي قالغان. شۇنداقتىمۇ بۈگۈن بۇ ئۇسلۇبنى تارقىتىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم، ئەگەردە قايسى بىر تورداش ئۇ ئىقتىدارنى قوشۇپ مۇۋاپىقىيەت قازانغان بولسا مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرسىڭىز.
مەزكۇر ئۇسلۇب- ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى دەسلەپكى ۋاقىت، Pjblogدىن WordPressگە كۆچۈپ كەلگەن ۋاقىتتا ئىشلەتكەن سابىق ئۇسلۇب بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى چەكلىك سەۋىيەم تۈپەيلى، ئۇسلۇب بىر قىسىم جاھاننامىلەردە نورمال كۆرۈنمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلالماسلىق تۈپەيلى، قىيماي تۇرۇپ ۋاز كەچكەن ئىدىم. بىرنەچچە كۈن بۇرۇن، ئۇسلۇبنى قايتا ئۇچراتتىم ھەمدە بۇ قېتىم ناھايىتى مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا ھەر قايسى جاھاننامىلەردە نورمال كۆرسۈتۈش مەقسىتىگە يەتتىم. شۇنىڭ بىلەن، لازىملىق تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تارقىتىش قارارىغا كەلدىم.
مەزكۇر ئۇسلۇبنى ئۇزھال بلوگىنىڭ يازغۇچىسى تەمىنلىگەن بولۇپ،ئاپتورنىڭ دىيىشىچە،ئەسلىدىكى ئۇزھال بلوگىنىڭ كاندىدات ئۇسلۇبلىرىنىڭ بىرى ئىكەن،كىيىن باشقا كۆڭۈلدىكىدەك ئۇسلۇبنى تاپقاندىن كېيىن،بۇ ئۇسلۇبنى تاشلاپ قۇيۇپتۇ،ئاندىن لازىملىق كىشىلەر خالىسا ئىشلەتكەي دەپ تورداشلارغا سۇنماقچى بولۇپ،بىزگە ئەۋەتىپ بەردى.