-
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تۇرايىمىزنىڭ ئەزىز مىھمانلىرى،
رۇس تىلى ھەۋەسكارلىرى ھەمدە رۇس تىلى ئۆگىنىۋاتقان تورداشلىرىمىزنىڭ ئاڭلاش ماتىرىيالىغا بولغان ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ تۇرايىمىز يازغۇچىسى،رىتا رۇس تىل ئۆگىنىش بلوگىنىڭ مۇئەللىپى رىتا1028 ئاتايىن ئۇنىۋېرسىتىت رۇس تىلى ئاڭلاش مەشىقىنى(ماتىرىيالىنى) تەييارلاپ تورغا يوللاپ تورداشلارنىڭ چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشىگە سۇندى.بۇ ماتىرىيال تۆت قىسىم سەككىز توپلام بولۇپ،ئۇنىۋېرسىتىت تۆت يىللىق ئاڭلاش ماتىرىيالى ھىسابلىنىدۇ.لازىم بولغانلار تۆۋەندىكى ئۇلىنىشدىن چۈشۈرۈۋالغايسىزلەر!...
داۋامىنى مەزكۇر يازمىدىن كۆرۈڭ
-
>>تۈركچە ئۆگىنىمەن<< دىگەن بۇ پروگرامما تۈركىيەدە مەخسۇس چەتئەللىك ئۆگەنچىلەر ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ،ئاددىي-ئوڭاي تىل بىلەن چۈشەندۈرىدىغان پروگرامما بولۇپ تۈرك-ئىنگىلىز تىلىدا تەڭ چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ.بۇ پروگرامما ئېغىز تىلى،سۆزلۈك،گرامماتىكا،كۇلتۇر قاتارلىق كۆپ مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ تۈركچە ئۆگىنىش ئىشتىياقى بارلارغا نىسبەتەن ياخشى پايدىلىنىش ماتىرىيالى ھېسابلىنىدۇ.بۇ پروگرامما ھازىرغا قەدەر ڧرانسۇز،نېمىس،ئىتاليان،ئەرەب،پارس،قازاق،ئۆزبېك،قىرغىز قاتارلىق 22 تىلغا تەرجىمە قىلىنغان.تۈركچە ئۆگەنمەكچى بولغان قېرىنداشلىرىمىزغا پايدىسى بولۇپ قالار دىگەن نىيەتتە مەزكۇز پروگراممىنىڭ بىرىنچى،ئىككىنچى دەرس ڧىلىمىنى تۇرايىمىزدا ئېلان قىلدۇق.ئىنشائاللا،مەزكۇر پروگرامما سىلەرنىڭ ھاجىتىڭلاردىن چىققۇسى.
-
ھازىر بىر قىسىم دوستىلىرىمىزنىڭ فورد ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىدىغان مەزگىلى، شۇڭا تورداشلارغا ياردىمى بولۇپ قالار دەپ بۇ يازمىنى يوللىدىم.
ھازىرغا كەلگىچە بۇ ئوقۇش فوندىغا ئېرىشكەن بىرەرسى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىلتىماس جەريانىدا ئۆزىنىڭ ھىس قىلغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقمىدى. شۇڭا مەن ئۆزۈمنىڭ مۇشۇ جەرياندا ھىس قىلغانلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنى مۇۋاپىق كۆردۇم. -
ئۇيغۇرتىلى ۋە ئۇيغۇر يېزىقلىرى 2009-10-13
ئاناتىلىمىز ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە بىلىدىغىنىڭىز قانچىلىك؟بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارغا قىزىقامسىز؟ئەمىسە دىققىتىڭىز مەزكۇر يازمىدا بولسۇن
.
-
ئەركىن سىدىق ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس، ئەقىللىق 2009-10-02
مەن 2006- ۋە 2007-يىللىرى يۇرتقا بېرىپ، ھەر خىل كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا، "ئۇيغۇرلار ئۇلاردىن جىق ھۇرۇن"، "ئۇلار ئۇيغۇرلاردىن جىق ئەقىللىق"، "نۇرغۇن ئىشلاردا ئۇيغۇرلار دۆت"، دېگەندەك گەپلەرنى كۆپ قېتىم ئاڭلىدىم.
بۇ ئايرىم كىشىلەرنىڭ كۆز قارىشىمۇ، ياكى ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىنىشقا باشلىغان بىر ئىدىيىمۇ، بۇنىسى ماڭا ئېنىق ئەمەس. ئەگەر بۇنداق كۆزقاراش ئايرىم كىشىلەرگىلا تەۋە بولماستىن، ئۇ خەلق ئىچىگە خېلى كەڭ دائىرىدە سىڭىپ كىرىۋاتقان بىر ئىدىيە بولسا، ئۇنى ئۇزۇن مۇددەتلىك سەلبىي تەشۋىقاتنىڭ نەتىجىسى، دەپ قاراشقا بولىدۇ. قارىماققا بۇ مەسىلە بىر ئاددىي ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇ مىللىي روھنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ساقلاپ قېلىش ۋە ئۆستۈرۈش بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلە بولۇپ، ئۇ سەگەك كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىشى كېرەك. مەن ھەر قېتىم يۇقىرىقى سۆزلەرنى ئويلىغىنىمدا، ناھايىتى راھەتسىزلىنىپ كەلدىم..... -
ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى قانچىلىك؟(كۆچۈرۈلمە) 2009-09-30
ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى قانچىلىك؟(كۆچۈرۈلمە) مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپوسى
ھازىر دۆلىتىمىز تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى (2004-يىللىق ئىستاتىستىكىدا) 9مىليۇنغا يەتكەنلىكىنى كۆپىنىچىمىز بىلىمىز، ئەمما دۆلىتىمىز سىرتىدا يەنە قانچىلىك ئۇي... -
يىل، كۆپىمىزنىڭ ئەھۋالى شۇنداق. بىزنىڭ تىلىمىز، مەدەنىيىتىمىز ۋە ئۇيغۇرلۇقىمىز 50باللىرىمىزغا ئۆتكەندە يوقاپ، ئاران شۇ دىنىمىزلا ساقلىنىپ قالىدۇ.
كۆچمەنلىك ئانا-يۇرتتىن ئايرىلىشلار ئەمەس بەلكى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بىر پۈتۈن ھايات، يۇرت-جامائەت، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەر ۋە بارلىق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىمىز بىلەن خوشلىشىش، ئۆزىمىزنى ھېچكىم تونۇمايدىغان يات بىر ئەلگە ئاپىرىپ تاشلاش دېمەكتۇر. بۇ خۇددى ھويلىمىزدا بىر ئوبدان ئۆسۈۋاتقان ئۆرۈكنى يۇلۇپ ئاپىرىپ موسكۋا دەرياسى بويىغا سانجىپ قويغاندەك، تۇتقىنى تۇتۇپ قالغىنى يوق بولىدىغان بىر ئىش. ھېچقايسىمىزدا بۇنداق مۇساپىرلىق ھاياتقا ياخشى تەييارلىقىمىز يوق ئىدى. يات ئەلدە جان بېقىش ئۇچۇن قەۋەتلەپ ئېغىر ئوقۇش، ئىشلەش، خورلۇق تارتىش ۋە پايپېتەك بولۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتىمىز. ئالدى بىلەن ھەممىمىز بىردەك تەۋەلىك كىرزىسىگە ئۇچرىماقتىمىز. بەزىلىرىمىز تۈركلەرنىڭ ئارىسىغا، ئۆزبېكلەرنىڭ ئارىسىغا ياكى مۇسۇلمانچىلىققا ئۇرۇنۇپ باقساقمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرەلمەي يۈرىمىز. ئەڭ ياخشى چىقىش يول ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيەت جەمئىيەتلىرىنى قۇرۇپ چىقىش. ۋىللىام جەمەسىنىڭ قارىشىچە بىر جەمئىيەت ئەزالارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن گۈللىنىدۇ. شۇنىڭدەك شەخسى ئاكتىپلىقمۇ جەمئىيەتنىڭ قوللىشىسىز ئۇزاققا بارمايدۇ. شۇڭا شۆھرەتپەرەسلىك ۋە شەخسىيەتچىلىكنى قويۇپ كوللېكتىۋىزىملىقى كۈچلۈك نامسىز قەھرىمانلاردىن بولۇشىمىز كېرەك. بىزنىڭ بايلىقىمىز تاپقان پۇلىمىزغا قاراپ بولىدۇ، ئەمما مەنىۋى جەھەتتىن بەختلىك بولۇش ئۇچۇن جەزمەن مەلۇم چوڭ، ئەھمىيەتلىك ئىشلار بىلەن بەند بولۇشىمىز كېرەك. بىزدە بىرمۇ ئۇيغۇرنىڭ قولى تەگمىگەن، قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك يۈزلىگەن ساھەلەر تۇرۇپتۇ. بىز ھېلىھەم جىق يەرلەردە باشقىلار تەتقىق قىلىدىغان ئوبيېكت بولۇپ تۇرۇۋاتىمىز. ئەمەلىيەت شۇكى، بىزنىڭ تەجرىبىمىز يوق، ۋاقتىمىز قىسقا ۋە كۈچىمىز چەكلىك بولغانلىقى ئۇچۇن شۇنداق نۇرغۇن ئىشلارغا چولىمىز تەگمەيۋاتىدۇ. مانا مۇشۇنداق كۈنلەردە كۆز ئالدىمىزدا ھەممىمىزگە تەڭ كېلىۋاتقان پالاكەتلەرنىڭ بىرى شۇكى بالىلىرىمىز ئانا تىلىنى يوقاتماقتا! ئەھۋال چەتئەللەردىكى ھەممە ئۇيغۇر ئەھلىلىرىگە ئوخشاش، بالىلىرىمىزنىڭ تىلى ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە ئەنگىلىيىلەردە ئىنگلىزچە، ئەرەبىستانلاردا ئەرەبچە، گېرمانىيىدە گېرمانچە ۋە ھەتتا تۈركىيىدىمۇ تۈركچە چىقماقتا. بالا دېگەن شۇ، سىرت، يەسلى ۋە مەكتەپتە نېمە تىل بولسا شۇنى ئۆگىنىپ كىرىدۇ. بىز بۇ بىر ياخشى ئىشمۇ يامان ئىشمۇ، قانداق قىلىش كېرەك دەپ ئويلاپ باقمىدۇق. -
تاماكا بايان (ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر) 2009-09-27
توسما مېنى يار ، چېكەي بىر نەپەس،
ئۆرگۈلدى پەلەك ، تاماكا بايان:
ئەمەستى ماڭا چېكىش بىر ھەۋەس،
كۆيىدۇ يۈرەك ، تاماكا بايان.
يانار تاغ ئىچى بولغاچقا يالقۇن،
دائىم ئۈستىدىن كەتمەيدۇ تۈتۈن.
ھەيران قالمىغىن چىقسا ئاغزىمد... -
مەن فىزىكا كەسپىدە ئوقۇيمەن. تېما ماۋزۇسىدا ئېيتىلغاندەك، مەن بېيجىڭ پىداگوگىكا ئونۋېرستىتىدا ئوقۇش جەريانىمدا تۆت پەندىن قالغان. ھازىر ئامرىكىنىڭ ئايداھو شىتاتلىق ئونۋېرستىتىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتىمەن. مەن پۈتۈن ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە ياردىمىگە ئىرىشتىم، يەنى ئوقۇش پۇلى كەچۈرۈم قىلىنىپ، ئوقۇتۇش ياردەمچىلىكىگە ئېرىشىپ، باكلاۋۇر ئوقۇغۇچىلارغا تەجىرىبە دەرسى ئۆتكەن. ھازىر تەتقىقات ياردەمچىسى بولۇپ ئشلەۋاتىمەن.
بىز ئۇيغۇرلاردىن چەتكە چىقىپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار كۆپ، شۇڭا كۆپچىلىككە ئاز- تولا ياردەم بولۇپ قىلىشى ئۈچۈن ئەسلىدە خەنزۇتىلىدا يىزىلغان بىر پارچە شىياۋ نىيدا ئىلان قىلغان ماقالەمنى تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. -
چەت ئەلدىكى بىر ئۇيغۇر ئانا بىلەن سۆھبەت 2009-09-24
تونۇشتۇرۇش: زىيارەت قىلىنغۇچى كومپيۇتېر پەنلىرى بويىچە دوكتور. تۆۋەندىكىسى باشقىلارنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت. سۆھبەتتە بۇ ھەمشىرىمىز بالىلارنى شۇ كافىر مۇھىتىدا، ئۇيغۇرسىز مۇھىتتا ئېتىقادلىق ھەم ئانا تىلىنى بىلىپ چوڭ قىلىشتا قانداق قىلغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەيدۇ.
-
ئانا تىلىمىزنى ئۆگەيلىمەيلى 2009-09-24
— جاۋيەنشى (ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى) دىكىلەرنىڭ پۇل تاپقۇسى كەپقالغان گەپ! بولمىسا، مۇشۇ زاماندا ئۇيغۇر تىل–يېزىقىنى قېلىپلاشتۇرغاننىڭ نېمە پايدىسى دەيمەن؟
— شۇنى دەيمەن، مانا بىر ئوبدان سۆزلىيەلەيمىز، بىر ئوبدان يازالايمىز. ... -
خەلقئارالىق ئانا تىل بايرىمى 2009-09-24
تىل ئىنسانلارنىڭ شەكىللىك ۋە شەكلىسىز مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ساقلايدىغان ھەمدە تەرەققى قىلدۇرىدىغان ئەڭ كۈچلۈك قورال. ئانا تىلنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەر تىلنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە كۆپ تىللىق مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنيادىكى ھەرقايسى تىل ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى چۈشىنىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆز ئارا چۈشىنىش، ئەپۇچانلىق ئاساسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىمۇ پائال رول ئوينايدۇ.
خەلقئارالىق ئانا تىل بايرىمى خاتىرلەش پائالىيتى ئېچىلىش مۇراسىمى، ئاۋسترالىيە، سېدنىي، 2006.يىلى 19.فېۋرال
-
مۇنداقمۇ ئۇيغۇرىمىز ئۆتكەنىكەن 2009-09-22
ئۆز تارىخىنى ئۇنتىغان مىللەتنى تارىخمۇ ئۇنتۇيدۇ. تارىخ تەرىپىدىن ئۇنتۇلغان مىللەت دۇنيادىمۇ ئۆز مەۋجۇتلىقىنى يۇقاتقان بولىدۇ. گەرچە بىز تارىخ تەرىپىدىن ئۇنتۇلغان مىللەت بولمىساقمۇ " مۇھەممەد روھىي ئۇيغۇر قەشقىرى " گە ئوخشاش تارىخنىڭ بىزنى ئۇنتۇپ قېلىشىغا ئۆزىنىڭ گېگانت ئەسەرلىرى بىلەن قەتئى يول قويمىغان تۆھپىكار ئالىملىرىمىزنى ئۇنتۇپ قېلىشىمىزنىڭ ئۆزى ، دەل تارىخنىڭ بىزنى ئۇنتۇپ قېلىشىغا يول قۇيىۋاتقانلىقىمىزدىن دىرەك بىرىدۇ، ئەلۋەتتە . بىز ئەنە شۇ بوشلۇقلارنى تولدۇرۋېلىش ئۈچۈن سۈيۈملۈك ، مۆھتىرەم ئۇستازىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېزدەش ۋە ئۇنىڭ ھاياتىنى باشقىلارغا تۇنۇشتۇرۇش يولىدا ئىزدىنىپ، ھەر قايسى تىللاردا يېزىلغان نۇرغۇن ئەسەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشقا مۇيەسسەر بولغان بولساقمۇ ، ئۇنىڭ ھاياتى ھەققىدە يېزىلغان بىرەر ماترىيالغا ئىگە بۇلالمىدۇق......
-
چەتئەلگە چىقىش ئۈچۈن ماڭغان يوللىرىم 2009-09-22
چەتئەلگە چىقىشتىكى ئەڭ مۇھىم تاكتىكا- 1. پۇختا تەييارلىق قىلىش (كەسىپ بىلەن تىلنى پۇختا ئىگەللەش) 2.توردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش (كەڭ دائىرىلىك ئۇچۇر ئېگەللەش) 3.ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ياردىمىدىن پايدىلىنىش
-
تۈركىي تىل ئائىلىسىدىكى مىللەتلەر 2009-09-22
ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ 6 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺕ 500ﻣﯩﻠﻴﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﻧﻮﭘﯘﺱ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯘﻻﺭ 6700ﮔﻪ ﻳﯩﻘﯩﻦ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﯩﻞ ﯞﻩ ﺷﯩﯟﯨﻠﻪﺭﺩﻩ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﯩﻞ ﯞﻩ ﺷﯩﯟﯨﻠﻪﺭﻧﻰ 99 ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﯩﻞ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﺗﯩﻞ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ 4 ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﭼﻮﯓ ﺗﯩﻞ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭘﯘﺗﯘﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻧﻮﭘﯘﺳﯩﻨﯩﯔ %90 ﺑﯘ 4 ﺧﯩﻞ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻻﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ :
1 . ﮬﯩﻨﺪﻯ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﺗﯩﻞ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ --- 425 ﺗﯩﻞ ﯞﻩ ﺷﯩﯟﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ .
2 . ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﺎ - ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺗﯩﻞ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ --- 371 ﺗﯩﻞ ﯞﻩ ﺷﯩﯟﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ .
3 . ﺧﻪﻧﺰﯗ - ﺗﯩﺒﺒﻪﺕ ﺗﯩﻞ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ --- 360 ﺗﯩﻞ ﯞﻩ ﺷﯩﯟﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ .
4 . ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﯩﻞ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ --- 65 ﺗﯩﻞ ﯞﻩ ﺷﯩﯟﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺗﯩﻞ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯘﻟﺎﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻧﯩﮕﯩﺮ ﻛﻮﻧﮕﯘ ﺗﯩﻞ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺋﻮﺳﺘﺮﻭﻧﯩﺴﯩﻴﺎﻥ ﺗﯩﻞ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ . ﺑﯘ ﺗﯩﻞ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﺗﯩﻠﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻮﭘﯘﺱ ﺋﺎﺯ ، ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻤﯘ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ .
ﺗﯘﺭﻛﻰ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﯩﻞ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ .