-
14-يانۋاردىكى ئۇچۇرلاردا دىيىلىشىچە،بەزى تورداشلار مەركىزىي تېلىۋىزىيە(CCTV)تورى يېقىندا بىردىنلا <<مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىزدەش ماتورى>>دەپ مۇستەقىل بىر ئىزدەش ماتورىنى ئېلان قىلغان(ئادرىسى:search.cctv.com)بېراق،بۇ ئىزدەش ماتورىنىڭ ئىزدەش دائىرىسى پەقەتلا مەركىزىي تېلىۋىزىيە تورىنىڭ ئىچىگىلا ئىشلەيدىغان بولۇپ،ئىزدەش نەتىجىسى ناھايىتى شۇ مەزكۇر تورغا قاراشلىق ھەرقايسى بەت ۋە بلوگلارنىڭ خەۋەر،سۆرەت،فىلىم،توربەت ۋە ئىنكاس قاتارلىق مەزمۇنلارنىلا تاپالايدىغان بولۇپ،گۇگېل،بەيدۇ قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئۆز تور دائىرىسىدىن ھالقىپ چىقالمايدىكەن. -
google جۇڭگودىن چىكىنىپ كەتكەندىن كىيىن... 2010-01-14
سۆرەتتە : google نىڭ جۇڭگۇدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى ئالدىدىكى شىركەت ماركىسىغا بىرقىسىم تورداشلار گۈلچەمبىرەك قويدى
بىرىنچى: بەيدۇنىڭ پاي چېكى ئۆسۈشى مۇمكىن.رىقابەتچىسى يوقىتىلغاندىن كىيىن شۇنداق بۇلىدۇدە!...ئەنە كۆردۇق،گۇگېلنىڭ بلوگىدا جۇڭگو بازىرىدىن چىكىنىپ كېتىش ئويىنى ئېلان قىلىۋىدى،بەيدۇ خاككېرنىڭ ھۇجۇمىغا دەھشەتلىك ئۇچرىغان تۇرۇقلۇق پاي چېكىنىڭ باھاسى 7% ئۆسۈپ كەتتى ئەنە!بۇ شۇنى چۈشەندۈرۈدىكى،پايچېكلار بىلەن سىرىتقى دۇنيانىڭ google نىڭ جۇڭگودىن چىكىنىپ كەتكەندىن كىيىن كېلىدىغان << ئىگىز-پەس دولقۇن>>لىرى بولغان تونۇشى بىردەك.
ئىككىنچى: تېڭشۈن ئىزدەش ماتورى(腾讯搜搜)،ۋاڭيى(网易)،سوخۇ ئىزدەش ئاپشاركىسى(搜狐搜狗)،ئىزدەش قاتارلىق توربەتلەرگە پۇرسەت كېلىشى مۇمكىن.بۇ ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ گۇگېلنىڭ ئىزدەش نەتىجىسىنى <<سۇيئىستىمال>> قىلىپ ئاخىرى ئۆزلىرىنىڭ يەككە ئىزدەش ماتورىنى ياساپ چىققانلىقىغا بىر يىلدىن ئاشتى.ئەمدى google راستىنلا كېتىدىغان بولسا،پاھ،مانا تېڭشۈن ئىزدەش ماتورى ئاسماندىن توككىدە چۈشۈپ كەلگەن سودا پۇرسىتىدىن ئالدىراش بولۇپ كېتىدىغان بولدى،بۇنىڭ بىلەن يەنە سوخۇ ئىزدەش ئاپشاركىسىغىمۇ كۆتۈرۈلۈش پۇرسىتىمۇ كېلىشى مۇمكىن،ئۇيغۇرچە ئىزدەش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىزدەش تورىمۇ يېڭى بىر پەللىنى كۈتۈۋېلىشى مۇمكىن...
داۋامىنى مەزكۇر يازمىدىن كۆرۈڭ ...
-
سۆرەتتە: بلوگباس شىركىتى بلوگباسنىڭ نورماللاشقانلىقى ھەققىدە يوللىغان باياناتى
13-يانۋار كۈنىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا،نەچچە كۈندىن بىرى blogbus.com ئادرىسىنىڭ تور نامى ساتقان شىركەتنىڭ مۇلازىمەتنى توختىتىۋېتىشىدىن بلوگباس تورىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ھالدا نورمال زىيارەت قىلغىلى بولماسلىقدەك ئەھۋالغا خاتىمە بىرىلىپ،بۈگۈندىن باشلاپ نورماللاشقان.بلوگباسنىڭ باشبېتىدە بلوگباس شىركىتى ئاتايىن بايانات چىقىرىپ،ئۆزلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلار بىلەن نەچچە كۈندىن بىرى سۆھبەتلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى،تور نامىنىڭ قالايمىقانلىشىپ ئاخىرى ئۆزۈلۈش كېلىپ چىققانلىقى ئۈچۈن نورمالسىزلىق پەيدا بولۇپ بلوگباسنى نورمال زىيارەت قىلغىلى بولماسلىقدەك ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە كەڭ ئابونتلارنىڭ مۇشۇ ئىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان تۈرلۈك قولايسىزلىقلارغا بولغان ئۆزرىسىنى بىلدۈرگەن.
بىراق،بىزنىڭ كاللىمىزنى قوچۇۋاتقىنى،زادە نىمە سەۋەب بلوگباسنىڭ ئېچىلماسلىقىغا سەۋەب بولدى؟ تورداشلار بۇ ھەقتە تۈرلۈك قىياسلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشقان.
داۋامىنى مەزكۇر يازمىدىن كۆرۈڭ ...
-
سۆرەتتە: Google شىركىتىنىڭ جۇڭگودىكى ئىش بېجىرىش ئورنى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا،گۇگېل شىركىتى بىرنەچچە كۈن ئاۋۋال جۇڭگۇدىكى سودا تىجارىتىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا ئىستاتىستىكا ئېلىپ بارغان ھەمدە جۇڭگو بازىرىدىن پۈتۈنلەي چىكىنىپ كېتىشنى ئويلاشقان.گۇگېلنىڭ ئاشكارىلىشىچە ئۇلار جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلىقىدىن زور كۆلەملىك تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانىكەن.داۋامىنى مەزكۇر يازمىدىن كۆرۈڭ ...
-
ئىلىمىزدىكى داڭلىق ئىزدەش ماتورلىرىدىن بولغان بەيدۇ مۇشۇ ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تۇيۇقسىز نورمالسىزلىشىپ زىيارەت قىلغىلى بولمايدىغان بولۇپ قېلىپ زىيارەتچىلەرگە مەلۇم قولايسىزلىق ئەپكەلگەنىدى. بۇ ھەقتە بەيدۇ شىركىتى 12-چىسلا كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق چۈشەندۈرۈش بەردى:
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى بەيدۇ تورىنىڭ ئادرىسىنىڭ ئامىرىكىدىكى تىزىملاتقان ئورنىدا قانۇنسىز ھالدا ئۆزگەرتىلىپ مەزكۇر توربەتنى پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا زىيارەت قىلغىلى بولماسلىقدەك ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان،بۇ ئىشدىن كىيىن بىز شۇئان ھەرىكەتكە ئۆتۈپ بارلىق تىرىشچانلىقلىرىمىز بىلەن بىر تەرەپدىن ئامىرىكىدا تۇرۇشلۇق تىزىملاش ئورنى بىلەن سالاھلىشىپ يەنە بىرتەرەپدىن ئۆزىمىز قۇشۇمچە قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان ئىسىم بىلەن تورداشلارغا داۋاملىق مۇلازىمەت قىلىپ، ئاخىرى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىۋالدۇق،ھازىر مەزكۇر توربەتنى زىيارەت قىلىش ئاساسەن نورماللاشتى ھەمدە بارلىق زىيارەت مىقدارى ، ئىزدەش ماتورلىرى ئەسلىگە كەلدى.
داۋامىنى مەزكۇر يازمىدىن كۆرۈڭ ...