•  

      ئوقۇش مۇكاپاتى ئايروپىلان بېلىتى،ئوقۇش پۇلى،تۇرمۇش پۇلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر ئوقۇش جەريانىدا تۇرمۇشدىن غەم قىلمىسىمۇ بۇلىدىكەن(ئىنشائاللا،بىرەر قېرىندىشىمىز بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قالسىدى...)بېراق مەكتەپنىڭ بۇ مۇكاپاتنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا بولغان تەلىپى يۇقىرىراق بولۇپ كەسپىي نەتىجىسى چۇقۇم ئەلا بولۇشى،ئىنگىلىز تىلى نەتىجىسى توڧېلدىن 80 دىن يۇقىرى، ئېلتىس دىن 6.5دىن يۇقۇرى بۇلىشى كېرەككەن.بېراق ياپۇن تىلى سەۋىيىسى تەلەپ قىلىنمايدىكەن.تەلەپكە چۈشىدىغانلار ياكى قىزىققانلار ماۋۇ توربەتكە (www.apu.ac.jp/graduate) كېرىپ تەپسىلىي ئەھۋالدىن خەۋەردار بولساڭلار بولىدۇ،ھەمدە شۇ يەردىن ئىلتىماس جەدۋىلىنى چۈشۈرۈپ مەكتەپكە يوللاپ بەرسەڭلار بۇلىدۇ.MEXT مۇكاپاتىنىڭ پوچتىدىن ماتىرىيال قۇبۇل قىلىش مۆھلىتى 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە ئىكەن،قالغانلىرىنىڭ  2010-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئىكەن،ئىلتىماس ھەققى 500 ياپون يىنى يەنى 58 دوللار بولىدىكەن.قالغان ئۇچۇرلارنى توربېتىدىكى ADMISSION GUIDE دېن كۆرۈۋېلىڭ.

    داۋامىنى مەزكۇر يازمىدىن كۆرۈڭ...

  • 1. ئۆگۈنۈش قىلىپ مەلۇم سەۋىيىگە كەلگەندە، بولۇپمۇ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغاندا ، چوقۇم يۇقىرى سەۋىيىلىك ئۇستاز ياكى ئالىملارنىڭ يېتەكلىشىگە مۇھتاج. ئامېرىكىدىكى پروفېسسورلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدىن كەلگەن يۇقىرى سەۋىيىلىك ئۇستاز ۋە ئالىملار.

    2. ئۆگۈنۈش بىرخىل ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، مەسلىھەت سورىشىدىغان جەريان. ئامېرىكىدىكى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قاتاردىكى مەكتەپلەردە، سىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدىن كەلگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى ئۇچرىتىسىز. ئۇلار بەلكىم ئېمتىھان نومۇرى ۋە نەتىجىسى جەھەتتە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا يەتمەس. لېكىن سىز تەپەككۇر قىلىش  ئۇسۇلى ۋە ئادىتى بىزگە ئىنتايىن ئوخشىمايدىغان كىشلەر بىلەن ئۇچرىشىسىز، نەزەر دائىرىڭىز ئېچىلىدۇ.

    3. بولۇپمۇ تەبئىي پەنچىلەرگە، ئامېرىكىنىڭ تەجرىبە ئىشلەش شارائىتى جۇڭگونىڭكىگە قارىغاندا شەكسىز ياخشى.

    4. بولۇپمۇ ئىجتىمائىي پەنچىلەرگە، ئامېرىكىنىڭ ئىلىم ئېلىش مۇھىتى تولىمۇ ئەركىن، ھۆكۈمەتنىڭ ھېچقانداق چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

    5. ئىنگىلىز تىلى دۇنيا مەدەنىيىتى، ئىلىم-پەن ئالماشتۇرۇشتىكى بىرىنچى چوڭ تىل، سىز ئامېرىكىدا ئىنگىلىز تىلىنى ھەقىقى ياخشى ئۆگىنەلەيسىز.

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار،چەتئەلگە چىقىش ئارزۇسىدا يۈرگەن ھەمدە بۇ ھەقتە ماتىرىيال توپلاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا ئاز-تولا ئۇچۇر بىرىش ئۈچۈن مەزكۇر يازمىنى تېپىپ چىقتىم.بۇ قېتىم تۇنۇشتۇرۇدىغان مەكتەپ ئىتالىتەدە بىرقەدەر ئالدىدا تۇرىدىغان ، ئوقۇش پۇلى ئالمايدىغان ھەمدە باشقا خىراجەتلىرى نىسبەتەن تۆۋەنرەك بولغان ئالىي بىلىم يۇرتى بۇلۇپ بىزنىڭ نورمال ئىقتىسادىي سەۋىيىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نەزەر سېلىپ قۇيىشىغا ئەرزىيدۇ.ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇمەكتەپدە بىزنىڭ بىرنەچچە قېرىنداشلىرىمىز بىلىم ئېلىۋاتقۇدەك... ئەمىسە،دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى قۇرلاردا بولسۇن(بۇ ماتىرىيالنى مەكتىپىمىزنىڭ چەتئەلدە ئوقۇش ئۇچۇر مەركىزىدىن تاپقان.ۋاقىت مۇناسىۋېتى بىلەن... بەلگىلىك خەنزۇتىلى سەۋىيىسى بار قېرىنداشلىرىمىز ئۆزى ئوقۇپ چۈشۈنۈلالايدۇ  دەپ ئويلاپ بىردىن بىردىن تەرجىمە قىلىپ ئولتۇرمىدىم.تەنتەكلىگىمنى كەچۈرگەيسىلەر...)

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،بىلىم ئېلىش يۇلىدا ئىزدىنىۋاتقان قېرىنداشلىرىم،ئاللاھ ئىگەم ئىرادەڭلەرگە مەدەت بەرسۇن.

    بۈگۈن مەكتىپىمىزنىڭ چەتئەلدە ئوقۇش ئۇچۇرلىرى مەركىزىگە بېرىپ ئۇيغۇرلارغا تولىمۇ ماس كىلىدىغان بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم.بۇنداق پۇرسەتلەرنىڭ باشقا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭمۇ ئېرىشىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ شۇ ھامان بىزگە ئالاقىدار جايلىرىنى ئۈزۈندە قىلىپ ئېلان قىلدىم.قىزىقىدىغانلار كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.

     

    مەكتەپ ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە:

    نېۋكاستېل ئۇنىۋېرسىتىتى بولسا يېقىندىن بىرى تەرەققىياتى ناھايىتى ياخشى بولغان خەلىقئارالاشقان ئوقۇش تۈزۈمىدىكى ئالىي مەكتەپ،شۇنداقلا ئاۋسىترالىيەدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تەتقىقات ئۇنىۋېرسىتىتى.بۇ مەكتەپ تەتقىقات ڧوندى ھەمدە تەتقىقات نەتىجىسى جەھەتتە دۆلەت بۇيىچە 9-ئورۇندا تۇرىدىكەن.

     

    ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ھەققىدە:

     

    بۇ مۇكاپات پۇلى ئاۋسىترالىيە نېۋكاستېل ئۇنىۋېرسىتىتى بىلەن جۇڭگو دۆلەتلىك چەتتە ئوقۇيدىغانلار ڧوندى باشقۇرۇش كومىتتىتى بىرلىشىپ باشقۇرۇدىغان ڧوند بولۇپ،جۇڭگۇدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارغا بىرىلىدىكەن.ھەريىلى تەخمىنەن 50 نەپەر جۇڭگۇلۇق بۇ مۇكاپاتتىن بەھرىمەن بولالايدىكەن.(ئىنشائاللا،50نىڭ ئىچىگە بىزدىن بىرەرى كىرىپ قالار)

     

     

    داۋامىنى مەزكۇر يازمىدىن كۆرۈڭ

  • چەتئەلدە ئوقۇش ئۈچۈن ئۆزىگە ماس كەلگۈدەك مەكتەپ تاللاش بولسا چەتئەلدە ئوقۇشنىڭ بىرىنچى قەدىمى ھەمدە ناھايىتى مۇھىم بىر جەريان.بۇ نۇرغۇنلىغان ستۇدېنىتلارنىڭ نەزەردىن ساقىت قىلىۋاتقان بىر جاي ھېسابلىنىدۇ.بۇ جەرياندا بىز چۇقۇم مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.ناۋادا ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ خاھىشىچە ئىش قىلىشتەك پىرىنسىپىمىزدا چىڭ تۇرۇۋالساق كىيىنكى ئوقۇش ھاياتىمىزدا تارتىدىغان جاپالىرىمىز كۆرىدىغان كۈنلىرىمىز ھەم بار.تۆۋەندە،مەن قولۇمدا بار ماتىرىيالدىن پايدىنىلىپ دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر نەچچە نۇقتىلارنى ئوتتۇرىغا قۇيىمەن.بولسا بۇ ماتىرىيال چەتئەلدە ئوقۇشقا قىزىقىدىغان ۋە تەييارلىق قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمغا ئانچە-مۇنچە بولسىمۇ پايدىسى بولۇپ قالار.

    داۋامىنى مەزكۇر يازمىدىن كۆرۈڭ