-
گۈليارىخان (ناخشا تېكىسىتى) 2010-06-18
گۈليارىخان (ناخشا تېكىسىتى)
مەردان تاتلىقگۈلۈم گۈليار ئەمەسمۇ ئا،يۇرتۇم قەشقەر ئەمەسمۇ.
ئا بىزنى يامان دىگەنلەر،ئۆزى ۋەيران ئەمەسمۇ.
گۈليارىخان بويلارىڭ ساز ۋاي دادەي....سۆزەك قىلما دىگەنلەر ئا،سەتەڭنى تاللاپ سۆيگەنلەر،
ئايدا يىلدا كەپ قويۇپ،يۈرەك باغرىمنى ئەزگەنلەر،
گۈليارىخان بويلارىڭ ساز ۋاي دادەي.... -
بالام دەيسەن دىلىڭدا پىراق،
ئامالسىزمەن ئارىمىز يىراق.
كۈنلەر ئۇزۇن بولسىمۇ،بېراق
پات يېقىندا بارىمەن ئانا.
كۈنلەر ئۇزۇن بولسىمۇ،بېراق
پات يېقىندا بارىمەن دادا.
پات يېقىندا بارىمەن ئانا….
ئايرىلمىسام دەيمەن قېشىڭدىن،
چۈشلىرىمنى ئۆرۈپ بېشىڭدىن،
تۆكۈلىدۇ تۇلا يېشىڭدىن،
پات يېقىندا بارىمەن ئانا.
تۆكۈلىدۇ تۇلا يېشىڭدىن،
پات يېقىندا بارىمەن دادا.
پات يېقىندا بارىمەن ئانا...
داۋامىنى مەزكۇر يازمىدىن كۆرۈڭ...
-
بۇ ناخشىنى ماڭا بىر دوستۇم تەۋسىيە قىلغانىدى،بىر ئاڭلاپلا ئىزىلىپ كەتتىم،مۆمىنجاننىڭ يېڭى ناخشىسى مېنىڭ بارلىق ئويلىغانلىرىمنى ئاشكارىلىۋەتكەنىدى!بۇ ناخشا مېنىڭ ئەمەس،ئىچكىرىدە،چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ھەربىر ئاتەش يۈرەكلەرگە ئېيتىلغان ناخشائىدى!...ياشا مۆمىنجان...
-
تۇرايىمىزنىڭ ئالدىنقى يازمىلىرىنىڭ بىرىدە تۈركىيە مودا ناخشا چولپانلىرىدىن مۇرات كەكىللىنى تۇنۇشتۇرۇپ چىققان ئىدۇق،بۇ قېتىم شۇ مۇرات كەكىللىنىڭ ۋەكىللىك ناخشىلىرىدىن << بۇ ئاخشام ئۆلەرمەن>> ناملىق ناخشىسىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.تۈركچە ئۆگىنىۋاتقانلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ناخشىنىڭ تېكىسىتىنىمۇ قۇشۇپ يوللىدۇق،ئېكراندا ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بار بولغاچقا تەرجىمىسىنى بىرمۇ بىر يېزىپ ئولتۇرمىدۇق،ئە
مىسە دىققىتىڭىز مەزكۇر يازمىدا بولسۇن.
-
تۈركىيە ناخشا چولپانلىرىدىن: مۇرات كەكىللى 2009-12-13
مۇرات كەكىللى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تاركان،ئىبراھىم،گۆھتان قاتارلىق ناخشىچىلاردەك ئانچە تۇنۇش ئەمەس. بېراق، << بۇ ئاخشام ئۆلەرمەن >> دىگەن ناخشىنى ئاڭلاپ باققانلارغا ئۇ چۇقۇم ناھايىتى چۇڭقۇر تەسىرىنى قالدۇرغان. << بۇ ئاخشام ئۆلەرمەن >> دەل بىز بۈگۈن تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىدىغان ناخشىچى مۇرات كەكىللىنىڭ بۇلىدۇ.
مۇرات كەكىللى 1968-يىلى 18- ئاپرىل ئادانا(Adana)دا تۇغۇلغان بولۇپ،باشلانغۇچ،ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىنى كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئادانادا ئۆتكۈزگەن. ئائىلىسى نامرات بولغاچقا،مۇرات كەكىللى كىچىگىدىن تارتىپ جاپا مۇشەققەتلىك تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈرگەن.ئۇ تەتىل كۈنلىرى مەھەللىسىدە يەل يىمىش ساتاتتى،مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇرات كەكىللىنىڭ بېشىغا تەلەي قۇشى قۇنۇپ ئادانا ياشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بىلەن كۆرۈشۈپ قالىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ يېنىدا ئىشلەش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.ھەمدە بىر پىئانىنو چالىدىغان ياش بىلەن تۇنۇشۇپ قېلىپ پىئانىنوغا ناھايىتى ئىشتىياق باغلاپ قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشكە باشلايدۇ.شۇنداق قىلىپ، مۇرات كەكىللىنىڭ سەنئەت ھاياتى باشلىنىدۇ.
1989-يىلىدا، مۇرات كەكىللى ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىنىپ 1991-يىلىغىچە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەيدۇ ۋە بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ سەنئەت تالانتى بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق گازارمىدا ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشىدۇ.1992-1993 يىللىرىدا ئۇ ئادانا دۆلەتلىك مۇزىكا ئىنىستۇتىغا قۇبۇل قىلىنىدۇيۇ-مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى مەكتەپدە بىر يىل ئوقۇپلا ئوقۇشتىن رايى يېنىپ مەكتەپدىن چىقىپ كىتىدۇ.1994-يىلى ئۇ ئادانادىن ئىستانبۇلغا كېلىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ تۇنجى مۇزىكا ئەترىتىنى قۇرۇپ چىقىپ ئۆزىنىڭ سەنئەت ھاياتىنى باشلايدۇ.ئۇ 1996-يىلى << يوپۇرماق گورۇپپىسى>> نامىدا تۇنجى پلاستىنكىسىنى چىقىرىدۇ.ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ يەنە << بوغازچى گورۇپپىسى>>نى باشلاپ داڭق تاپىدۇ ۋە 1999-يىلى <<بۇ ئاخشام ئۆلەرمەن>> نامىدىكى پلاستىنكىسى تارقىتىدۇ...
مۇرات كەكىللىنىڭ ناخشىلىرىدا بىرخىل مۇڭ ئەكىس ئەتتۈرۈپ تۇرىدىغان بولۇپ ، ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلىغۇچىلاردا بىرخىل لەرزان ئىقىمىدىكى مۇڭلۇق كەيپىيات پەيدا بولىدۇ دە،ئۇنىڭ ناخشىلىرىنىڭ ئىچىدە ئېرىپ كېتىدۇ.