• رەئىس نۇر بەكرىگە تەڭرىتاغ تورى ‹‹ رەئىسكە خەت ›› سەھىپىسى ئارقىلىق، تۆۋەندىكى تەكلىپ سۇنۇلدى.

    سالام رەئىس ئالىيلىرى،

    كەمىنە ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپىنى پۈتتۈرۈپ،ئىچكىرىدە،مەلۇم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان سىتۇدېنت.ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقىلى شۇ تاپتا ئالتە يىلچە بولاي دەپ قالدى،بۇ جەرياندا ئىچكىرىدىكى مائارىپ بىلەن دىيارىمىز مائارىپىنى سېلىشتۇرۇپ،تالاي-تالاي كېچىلەرنى ئاجايىپ ئويلار بىلەن ئۆتكۈزگەنمەن.ئەلۋەتتە،ئىچكىرىدىكى ئىقتىسادىي مۇھىت ۋە باشقا جەھەتلەردىن ئەمدىلەتىن تەرەققىيات مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان سۈيۈملۈك دىيارىمىزنى سېلىشتۇرۇش خۇددىي ئەنقا بىلەن توخۇنى سېلىشتۇرغاندەك بىر ئىش بولار،ئەمما،مەن ئويلايمەن،بىر مۇھىم دەۋىرنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرغان دىيارىمىزنى زامانغا لايىق بىر ئاپتونۇم رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ھەم كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك ئىدى.

    ئىچكىرىدە ئوقۇش داۋامىدا ھىس قىلدىمكى،بۇ يەردە ئوقۇغۇچىلارنى خورلاش،تىللاش،ھاقارەتلەش قاتارلىق ئىشلارنىڭ يوق دىيەرلىك ھىسابدا بولۇپ،باشلانغۇچ،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەزگىلىمدە قانچىلىغان ساۋاقداشلىرىمنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراش بىلەن بىرگە،قاتتىق دوسكىغا ئۈستۈرۈلگەن ئاشۇ مىنۇتلارغا شاھىد بولغانلىقىم ئېسىمگە كەلدى؛ئىچكىرىدە ئازادە سىنىپلاردا غەمسىز ئوقۇۋاتقان بالىلارنى كۆرۈپ،چەت ناھىيە-بازار،يېزا-كەنتلەردە مەكتەپكە بارغۇسى كەلسىمۇ ئائىلىدىكى تۈرلۈك شارائىتلار تۈپەيلى ئوقۇشدىن بالدۇرلا چىكىنگەن ئاشۇ سەبىيلەر ئىسىمگە كەلدى؛مۇئەللىملەر بەس-بەستە سۆزلەۋاتقان ‹‹تاشقورغاندىكى ئاتلىق مۇئەللىم››ھېكايىسىدىن تولىمۇ كۆڭلۈم يېرىم بولدى؛ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتىنى سېلىشتۇرۇپ،دىيارىمىزدىكى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ تېخى يىتەرلىك ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدىم.قىسقىسى،شىنجاڭ مائارىپىدا ئىشلىنىدىغان نۇرغۇن خىزمەتلەر بىزنىڭ بېرىپ ئۆزگەرتىشىمىزنى كۈتمەكتە.بۇ جەھەتلەردە،ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشى كېرەك،بۇ كاتتا ئىشلارنى سىلەرگە تاغدەك ئىشىنىپ تاشلاپ قويدۇق.

    يېقىندا،قوش تىل مائارىپى ھەققىدە نۇرغۇن گەپ-سۆزلەر بولدى،ئەلۋەتتە،بۇ ھەقتە گەپ ئېچىشقا مەن تېخى بالدۇرلۇق قىلىمەن.ئەمما،دىيارىمىزنىڭ سۈيىنى ئىچىپ چوڭ بولغان بىر پۇقرا بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ ھەقتە يەنە ئازراق پىكرىمنى بايان قىلىشنى ئويلىشىپ كۆرۈپتىمەن.بىلگىنىمىزدەك،قوش تىل مائارىپىنىڭ دىيارىمىزدا ئۇمۇملىشقا قاراپ ماڭغانلىقىغا خېلى يىللار بولدى،بۇ جەرياندا قانداق ئۇتۇقلار بولدى،بۇنىسى ماڭا نامەلۇم.ئەمما،بىر جىيەنىمنىڭ ھازىرقى ھالىنى كۆرۈپ،بىر جەھەتتىن خۇش بولسام،بىر جەھەتتىن ئىچىم ئېچىشتى.خۇش بولغان يىرىم نە؟خۇش بولغان يېرىم شۇكى باشلانغۇچنىڭ بەشىنچى يىللىقىغا چىققان بۇ جىيەنىمنىڭ خەنزۇچىسى مېنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى خەنزۇچە سەۋىيەمدىن كۆپ ياخشى ئىدى،ئىچىم ئېچىشقان يېرىم بولسا،ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇغان بۇ ئىنىمنىڭ ئۇيغۇرچە ساۋادىنىڭ تۈزۈك چىقمىغانلىقى ھەمدە ئۆزىمۇ چۈشەنمىگەن دەرسلەرنى ئاڭلىغاچ،ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ ئالاھىدە تۆۋەنلىكى بولدى.ئۆيدىكىلەر بۇ جىيەنىمنى قېينىلىپ قالدى دەپ ھەر تەتىلدە خەنزۇچە دەرس تۇلۇقلاش ئېلىپ بەرگەن بولساممۇ ئۈنۈمى تازا ياخشى بولمىدى.كىيىن،جىيەنىم بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش داۋامىدا شۇنى ھىس قىلدىمكى،دەسلەپتە چىققان شۇ تىلى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تەربىيەنىڭ ئۈنۈمى باشقا تىلدا ئېلىپ بارغاندىكىسىگە قارىغاندا تولىمۇ يەڭگىل بولىدىكەن...

    قوش تىل مائارىپىنى قوللىغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن،يەنە قوش تىل مائارىپىنىڭ ئۇسۇلى ھەققىدە مۇنداق ئويلىدىم،ئەلۋەتتە،بۇ كەمىنەنىڭ ئۇزۇن-ئۇزۇن ھىسلىرىنىڭ پەقەت قىسقىلا ئىپادىلىنىشى:بولسا،باشلانغۇچ مەكتەپتە ئاناتىلنى ئاساس قىلغان قوش تىلنى ئاساس قىلىپ،تۇلۇقسىزدىن باشلاپ ئاندىن خەنزۇچىنى ئاساس قىلغان قوش تىل مائارىپىنى يۈرگۈزسە،بەلكىم ھازىرقى بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولار ئىدى…