-
ئەلكۈيى مۇنبىرىدىكى ئىنكاسلىرىم 2010-08-13
<<تۇغۇلغان كۈن>>(ئا.ئابدۇرېھىم)نى رۇس دوستۇمغا قۇتۇپ بىرىۋىدىم،ئۇكۈلدى...
<<ھىجران>>(پ.تۇرسۇن)نى تۈرك دوستۇمغا قۇتۇپ بىرىۋىدىم،ئۇ ھەيران قالدى....
<<يۇلتۇز چولپان>>(پىرچەنگى)نى قازاق دوستۇمغا قۇيۇپ بىرىۋىدىم،ئۇ تىللىدى...
<<مېنى ئويناتما>>(شىرئەلى)نى ئىنگىلىز دوستۇمغا قۇتۇپ بىرىۋىدىم،ئۇ شۈكلەندى...
<<ۋىسال>>(ئەنۋەر)نى ھىندى دوستۇمغا قۇتۇپ بىرىۋىدىم،ئۇ نىمە قىلىشنى بىلمىدى...
-----
ئۆزبېكچە ناخشىلارنى <<بىز دىگەن بىر مىللەت>>دەپ تۇرۇپ ئېيتىۋەردۇق.
خەقنىڭكىنى ئېيىتقانلارنى تېخى<<ئۇلاردىن ياخشى،ئاشۇرۇپ ئېيتتى>>دەپ يەل بەردۇق.
خەقنىڭكىنى ئېيىتقانلارنى <<بوپتۇ،خەقنىڭكىنى ئېيتىپ تۇرۇپ ئۆگىنىدۇ>>دەپ مەدەت بەردۇق.
خەقنىڭكىنى ئېيىتقانلارنى <<بۇمۇ بىر سەنئەت>>دەپ ئاقلاشدۇق.ھەي،ئەمدى ئامال يوق،ئەمدى خەق قوپۇپ بىزنىڭكىنى ئېيتىشدى.بىز قوپۇپ ئۇلاردىن پەخىرلەندۇق....بالىڭىزغا ئۇيغۇرچە ئىسىم قويامىسىز ياكى ؟ ( بېلەتلىك ) دىگەن يازمىدىكى ئىنكاسلىرىم:ئاچچىق ئاتلىق قېرىندىشىم مۇنازىرىدىن چىكىنگەندىن كىيىن،ئىنكاس يېزىشدىن يالتىيىپ ئولتۇرغانىدىم...
يەنە تويۇقسىز يازغۇم كەپ قالدى،ئەلۋەتتە،ئەرەبچە،ئەڭ توغرىسى ئىسلامىي ئىسىملارنى(مەسىلەن ھىدايەت دىگەندەك ئىسىملارنى،يەنە مەسىلەن ،ئىگىمىزنىڭ 99 گۈزەل ئىسىملىرىنى..)قويۇشنى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسالام <<ياخشى>>دەپ كۆرسەتكەنلىكى ھەممىمىزگە پاكىت ھەمدە ئەلۋەتتە،مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ياخشى سۆز،ياخشى ئىشلىرىنى قىلىش ئارقىلىق ئىمانىمىزنى مۇستەھكەملەش ھەربىر ۋىجدان ئىگىسى،توغرىسى ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ئارزۇسى ئىدى. ئەمما،بۇ ھەرگىزمۇ بىزنى بۇ ئىسىمنى قويمىساڭ بولمايدۇ دەپ زورلىشى ئەمەستە.يۇقارقى ئىنكاسلاردا ھەتتا بەزىلەر ئەرەبچە ئىسىم قۇيۇشنى ئىمان ياكى ھەق دىنىمىزغا بولغان سۆيگۈنىڭ نىپىز-تېيىزلىقىغا باغلاپ چۈشەندۈرۈشۈۋاتىدۇ.شۇنى سورىغۇم كەلدى،ناۋادا،بىر كىشىنىڭ ساداقىتىنى ئىسىم ئارقىلىق ئۆلچەيدىغان ئىش بولسا ئەگەر بۇنداق ئىسىملارنى قويمىغانلار دىمەك نىمە بولىدۇ؟...قايسى ھەدىس ياكى قايسى رىۋايەتتە بۇنداق دەپتۇ؟بۇنداق سەزگۈر ئىدىيەلەرنى ئەڭ ياخشىسى پاكىت بىلەن سۆزلىگەن ياخشى....بەزىدە ئېزىپ-تېزىپ دەپ قالغان گەپلەردىن،ئويلىمىغان مەنىلەر چىقىپ قېلىشى مۇمكىن.
ئەينى چاغدا ئىلىم بەرگەن ئۇستازىممۇ بالىسىنىڭ ئىسمىنى-ئولۇغ كىتابىمىزدىن خېلى ئۇزۇندا تاللاپ چىقىپ قويغانىدى،شۇ چاغدا :موللام،ئىسىملارنى ئۇيغۇرچە قويساق بولامدۇ؟...دەپ سورىغىنىمدا ئۇستاز كۈلۈپ تۇرۇپ:خەنزۇچە قويسىڭىزمۇ بولىدۇ،پەقەت شۇ <<قالايمىقان>> قويمىسىڭىزلا بولىدۇ دىگەنىدى؛ئالاھەزەل،مۇشۇ <<قالايمىقان>>دىگەننىڭ مەنىسىنى ئەمدى چۈشۈنۈپ يەتتىم...
.توغرا،مەنىسى ياخشى،چىرايلىق بولغان ئىسىملارنى مەيلى ئەرەبچىدىن قۇيايلى،مەيلى ئۇيغۇرچىدىن قۇيايلى،ئاندىن بالىمىزنى ياخشى،ئىلىملىك قىلىپ تەربىيىلەپ چىقايلى!مەنىسى بىلىپ قۇيايلى،مەنىسىنىمۇ بىلمەي تۇرۇپ ھىسسىياتىمىز كۆتۈرۈلۈپ كىتىپ يۈك ئارتىلغان تۆگە دىگەن ئىسىمنى،ئۇلار دىگەن كىشىلىك ئالماشنى پەرزەنىتلىرىمىزگە قويۇپ يۈرمەيلى...
كەمىنە ئۇيغۇربەگ،يەنىلا ئۇيغۇرچە ياخشى ئىسىم قۇيۇش تەرەپدارى،كەلگۈسى ئەركەك پەرزەنتىمگە(ئىگەم نىسىب قىلسۇن شۇ كۈنلەرگە!...) تۇغلۇق دىگەن ئىسىمنى ئويلىشىۋاتىمەن،بالامنى ھەم <<ئىلىم>>بىلەن ئۇزۇقلاندۇرۇپ ئۇيغۇرغا خاس روھ بىلەن تەربىيىلەپ چىققۇسىمەن ...توۋا ما گەپنى،بالىغا قۇيۇلغان ئىسىم بىلەن ئاتىنىڭ ھەقىقىي مۇسۇلمان ياكى ھەقىقىي بىر تۈرك (سىزچە ھەقىقىي مۇسۇلمان ئەمەس)بولىشى بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى؟
ئەجەبا،مۇسۇلمان بولغان كىشى چوقۇم ئىسلامچە(تىلى ئەرەپچە) ئىسىم قويۇشى،چوقۇم تۈرك بولغان كىشى تۈركچە ئىسىم قويىشى كېرەك؟
بۇ يەردە سىز بىر مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرالمايۋاتىسىز بۇرادەر،نۇرغۇنلىرىمىز مۇسۇلمان،ئەمما،نۇرغۇنلىرىمىز ئەرەبچە بىلمەيمىز ياكى دىنىي ساۋادىمىز سىزلەردەك يۇقىرى ئەمەس بولغاچ،بەزى ئەرەبىيچە(يەنى تىلى ئەرەبچە)ئىسىملارنىڭ مەنىسىگە يېتەلمەسكەنمىز،ھەمدە،بىلگىنىمىزدەك،بىزنىڭ تېلىمىزدا ئىستىمال قىلىنىۋاتقان ئىسىملاردىن ياقۇپ(يەئقۇب)،ئەيسا(ئىيسا)...دىگەندەك ئىسىملارمۇ ئىبرانىيلار(يەھۇدىيلار)تىلىدىن كىرگەن.نۇرغۇن ئىسىملارنى ئاتىلار-باشقىلار چىرايلىقكەن دىسە راست چىرايلىقكەن دەپ بىلمەيلا قويۇپ سالىدىغان ئىش چىقىدىكەن،ياكى،كىيىن بالىسى ئىسمىمنىڭ مەنىسى نىمە دەپ سوراپ قالسا بوۋاڭ قۇيۇپ بەرگەن ئىسىتى دەيدىكەنمىز،شۇڭا،ئىسلام دىنىغا خىلاپ بولمايدىغان،بىر ئاڭلاپ چۈشەنگىلى بولىدىغان ياكى مەنىسى ياخشى بولغان تۈركچە(ئۇيغۇرچە)ئىسىملارنى قوللانساق بولار دىگەن ئىدىيەنى ئىلگىرى سۈرمەكتىمىز. ..
باشقىچە چۈشەنمىگەسسىز!
{#pagenav}