-
گۈليارىخان (ناخشا تېكىسىتى) 2010-06-18
گۈليارىخان (ناخشا تېكىسىتى)
مەردان تاتلىقگۈلۈم گۈليار ئەمەسمۇ ئا،يۇرتۇم قەشقەر ئەمەسمۇ.
ئا بىزنى يامان دىگەنلەر،ئۆزى ۋەيران ئەمەسمۇ.
گۈليارىخان بويلارىڭ ساز ۋاي دادەي....سۆزەك قىلما دىگەنلەر ئا،سەتەڭنى تاللاپ سۆيگەنلەر،
ئايدا يىلدا كەپ قويۇپ،يۈرەك باغرىمنى ئەزگەنلەر،
گۈليارىخان بويلارىڭ ساز ۋاي دادەي....كىچىككىنە قارا كۆز ئاللا ۋاي بالىخان،سەن كۆرەگە بارغانمۇ؟
ئاخشامى قاراڭغۇدا راست كۆردۈڭمۇ يالغانمۇ؟
دېمىدىممۇ دىمىدىممۇ،ئاللا بالىخان بالىخان راست كۆيدۈڭمۇ يالغانمۇ؟
ۋاي دېمىدىممۇ دىمىدىممۇ،ئاللا بالىخان بالىخان راست كۆيدۈڭمۇ يالغانمۇ؟بۇغداي باغلىغان باغلىق،ئاللا بالىخان،يۈرەكنى داغلىق ياغلىق.
قىلىغىڭنى دىمىسەم ئاللا بالىخان چىرايلىقىڭ چاغلىق.
دېمىدىممۇ دىمىدىممۇ،ئاللا بالىخان چىرايلىقىڭ چاغلىق.
دېمىدىممۇ دىمىدىممۇ،ئاللا ۋاي بالىخان چىرايلىقىڭ چاغلىق.
چىرايلىقىڭ چاغلىق.
评论