-
ئاۋسىترالىيە نېۋكاستېل ئۇنىۋېرسىتىتى دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش پۇرسىتى(ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بار)
澳大利亚纽卡素大学博士奖学金申请
the University of Newcastleئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،بىلىم ئېلىش يۇلىدا ئىزدىنىۋاتقان قېرىنداشلىرىم،ئاللاھ ئىگەم ئىرادەڭلەرگە مەدەت بەرسۇن.
بۈگۈن مەكتىپىمىزنىڭ چەتئەلدە ئوقۇش ئۇچۇرلىرى مەركىزىگە بېرىپ ئۇيغۇرلارغا تولىمۇ ماس كىلىدىغان بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم.بۇنداق پۇرسەتلەرنىڭ باشقا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭمۇ ئېرىشىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ شۇ ھامان بىزگە ئالاقىدار جايلىرىنى ئۈزۈندە قىلىپ ئېلان قىلدىم.قىزىقىدىغانلار كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.
مەكتەپ ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە:
نېۋكاستېل ئۇنىۋېرسىتىتى بولسا يېقىندىن بىرى تەرەققىياتى ناھايىتى ياخشى بولغان خەلىقئارالاشقان ئوقۇش تۈزۈمىدىكى ئالىي مەكتەپ،شۇنداقلا ئاۋسىترالىيەدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تەتقىقات ئۇنىۋېرسىتىتى.بۇ مەكتەپ تەتقىقات ڧوندى ھەمدە تەتقىقات نەتىجىسى جەھەتتە دۆلەت بۇيىچە 9-ئورۇندا تۇرىدىكەن.
ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ھەققىدە:
بۇ مۇكاپات پۇلى ئاۋسىترالىيە نېۋكاستېل ئۇنىۋېرسىتىتى بىلەن جۇڭگو دۆلەتلىك چەتتە ئوقۇيدىغانلار ڧوندى باشقۇرۇش كومىتتىتى بىرلىشىپ باشقۇرۇدىغان ڧوند بولۇپ،جۇڭگۇدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارغا بىرىلىدىكەن.ھەريىلى تەخمىنەن 50 نەپەر جۇڭگۇلۇق بۇ مۇكاپاتتىن بەھرىمەن بولالايدىكەن.(ئىنشائاللا،50نىڭ ئىچىگە بىزدىن بىرەرى كىرىپ قالار)
ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنىڭ دائىرىسى:
. بارلىق ئوقۇش پۇلى ھەمدە تەتقىقات خىراجىتى
. ھەريىللىق تۇرمۇش پۇلى تولۇقلىمىسى(بۇنى جۇڭگو دۆلەتلىك چەتتە ئوقۇيدىغانلار ڧۇندى باشقۇرۇش كومىتتىتى بەلگىلەيدىكەن)
. بېرىش-كېلىش ئايروپىلان بېلىتى
. ۋىزا رەسمىيەت ھەققى،ئوقۇش جەريانىدىكى(ئەڭ كۆپ دىگەندە تۆت يىللىق) چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ساقلىق سۇغۇرتا خىراجىتى(بۇ خىراجەتلەر جۇڭگو دۆلەتلىك چەتتە ئوقۇيدىغانلار ڧوندى باشقۇرۇش كومىتتىتىنىڭ تۇلۇقلىمىسى ئىچىدە بولىدىكەن)
ئۇنىڭدىن باشقا بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشەلىگەنلەرگە مەكتەپ مۇقىم ئىش تېپىپ بىرىدىكەن ھەمدە ئوقۇش باشلىغاندا مەخسۇس مۇناسىۋەتلىك يۇمشاق دىتاللار قاچىلانغان خاتىرە كومپىيۇتېر سەپلەپ بېرىدىكەن.ئوقۇغۇچىلار تېخى ھەر يىلى 1500 ئاۋسترالىيە دوللىرى ھېسابىدا تەتقىقاتقا ئائىت خىراجەت ئىلتىماس قىلالايدىكەن. (يۇقارقى ئەھۋاللاردىن قارىغاندا،بىرەر قېرىندىشىمىز بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قالسا خىراجەتتىن قىسىنىپ قالماي ئارام خۇدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانىغۇدەك!)
يەنە تېخى بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشەلىگەنلەر مەكتەپنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئىلغار ھەمدە يۈرۈشلەشكەن مۇلازىمەتلىرىدىن بەھرىمەن بۇلالايدىكەن:
. مەكتەپنىڭ ئىلغار تەتقىقات ئەسلىھەلىرى ھەمدە تەجرىبىخانىسى ئىشلىتىش ھۇقۇقى بارئىكەن
. يېڭى كەلگەن دوكتۇر ئاسپىراتلىرىغا ياردەمچى بولۇپ ئىشلىيەلەيدىكەن.
. تۆت يۈرۈش زامانىۋىلاشقان كۈتۈپخانا ھەرۋاقىت سىزگە ئۇچۇق بولىدىكەن.
. مەكتەپنىڭ مەخسۇس تەنتەربىيە زالى ،دۇكان، قەھۋەخانىسى بارئىكەن.
مۇكاپاتقا ئىلتىماس قىلىش شەرىتلىرى:
. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلۇق پۇقراسى كېرەككەن.
. ئىلتىماس قىلغۇچى ئىلتىماس قىلغان ۋاقىتتا چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ياكى ئىشلىگەن بولسا بولمايدىكەن.
. مەكتەپ تەلەپ قىلغان ماتىرىياللارنى تۇلۇق تاپشۇرالىشى كېرەككەن.
. ئىلتىماس قىلغۇچى جۇڭگو دۆلەتلىك چەتتە ئوقۇيدىغانلار ڧوندى باشقۇرۇش كومىتتىتىنىڭ شەرتلىرىنى تۇلۇق ھازىرلاش كېرەككەن(قانداق شەرت بارلىقىنى مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن)
.دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىشقا تىرىشىشى كېرەككەن.
ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە بولىدىكەن.ھەمدە 2010-يىلى 6-ئايدا مەكتەپ بىلەن جۇڭگو دۆلەتلىك چەتتە ئوقۇيدىغانلار ڧوندى باشقۇرۇش كومىتتىتى بىرلىشىپ تارقىتىدىكەن.
مەكتەپ تەلەپ قىلغان ماتىرىياللار:
. تەتقىقات پلانى(تەتقىقات نىشانى،دائىرىسى ھەمدە تۈرى ئېنىق بۇلىشى كېرەككەن)
. ئىلمىي تەتقىقات ئارخىبى(قەيەردە،قاچان قانداق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن،ئېلان قىلغان ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرى دىگەندەك...بۇنى مەنمۇ ئېنىق بىلىپ كەتمىدىم)
. باكلاۋۇرلۇق ھەمدە ئاسپىرانت گۇۋاھنامىسى ھەمدە ئوقۇش نەتىجىسى(ئىنگىلىزچە تەرجىمىسىنى قۇشۇپ)
. توڧېل ياكى ياسى نەتىجىسى (مەكتەپنىڭ ئىنگىلىزتىلىغا بولغان سىياسەتلىرى تۆۋەندىكى ئادرىستىن كۆرۈۋېلىڭ)
Http://www.Newcastle.edu.au/policy/000104.html
ئىلتىماسى تەستىقلانغانلار مەكتەپنىڭ تەتقىقات تۈرى ئىجازەتنامىسىنى تاپشۇرۇۋالىدىكەن.ئاندىن، جۇڭگو دۆلەتلىك چەتتە ئوقۇيدىغانلار ڧوندى باشقۇرۇش كومىتتىتىدىن ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماس قىلىدىكەن.ئىلتىماس قۇبۇل قىلىش مۆھلىتى ئادەتتە 30 كۈن بولىدىكەن.ئىلتىماس ۋاقتى ھەريىلى 2-ئاينىڭ ئاخىرىدا باشلىنىدىكەن.ئىلتىماس قىلىش تور ئادرىسى:
Http://apply.csc.edu.cn/csc/main/person/login/index.jsp
ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرى:
International Office
the University of Newcastle
Callaghan NSW 2308 Australia
Tel: +61 2 4921 6595
Fax: +61 2 4960 1766
Email: International@newcastle.edu.au
URL: Http://Www.Newcastle.edu.au
Office of Graduate Studies
the University of Newcastle
Callaghan NSW 2308 Australia
Tel: +61 2 4921 6537
Fax: +61 2 4921 6908
Email: research@newcastle.edu.au
URL: Http://Www.Newcastle.edu.au/study/graduate/index.html
中国国家留学基金管理委员会
中国北京市西城区车公庄大街9号A3楼13层
邮政编码:100044
电话号码:010-6609 3967
传真:010-6609 3963
电子邮件: cchen@csc.edu.cn
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:مەن بۇ ئۇچۇرنى يەتكۈزۈپ بېرىش رولىنىلا ئوينىدىم.ئالاقىدار سۇئاللىرىڭلارغا جاۋاب بىرەلمەيمەن.يۇقارقى ئالاقىلىشىش يوللىرى ئارقىلىق ئۆزۈڭلار كونكىرىتنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئىگەللىساڭلار بولىدۇ.ئەڭ ياخشىسى نېۋكاستېل ئۇنىۋېرسىتىنىڭ توربېتىنى ياخشى چۈرگىلەپ چىقىڭ.ئاللاھ ئىگەم يۇلۇڭلارنى ئۇچۇق قىلغاي.
ماۋۇ ئاشۇ مەكتەپتىكى بىراۋنىڭ بىزنىڭ مەكتەپنىڭ توربېتىدە ئېلان قىلغان ئۇچۇق خېتى.ئىنگىلىزتىلى سەۋىيىسى بارلار كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.
Dear Partner of the University of Newcastle,
I hope you are well.
Please let me present to you an information publication for Chinese students interested in undertaking PhD studiesat the university of Newcastle. This publication is designed to promote the strength of the relationship between
the China Scholarship Council and the University of Newcastle and show the range of benefits that the University
offers research students from China.
The document includes information on a range of areas of interest to students, including;
- The joint scholarship between the China Scholarship Council and the University of Newcastle
- Extra benefits for successful students, including a laptop computer and access to top-up funding
- Key research areas of the University
- Application eligibility and application information
The University is proud of its existing relationships in China and is looking to strengthenthis through the range of opportunities currently available to Chinese research students.
Please pass this information onto any students who may be interested in undertaking a PhD
at an overseas University.
I welcome any enquiries or questions regarding a Research Higher Degree program at the University of Newcastle.
Kind regards
James
James Kelly
Regional Market Coordinator
Research Higher Degree & Study Abroad Programs
International Office
Academic and Global Relations Division
The University of Newcastle, Australia
Callaghan NSW 2308
AUSTRALIA
T: +61 2 4921 5029
Fax : + 61 2 4960 1766
Mobile: +61 438 405 516
Email: james.kelly@newcastle.edu.au
MSN: newcastle_na@live.com.au
www.newcastle.edu.au(قۇشۇمچە) كاستېل ئۇنىۋېرسىتىتتىكى دوكتۇر تەتقىقات كۇرسى تەسىس قىلىنغان ئېنىستىتۇتلار
. سوداشۇناسلىق ۋە قانۇنشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى
. مائارىپ،ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنىستىتۇتى
. قۇرۇلۇش ۋە بىناكارلىق مۇھىتى ئىنىستىتۇتى
. تىبابەت ئىنىستىتۇتى
. ئىلىم-پەن ۋە ئۇچۇر تېخنىكا ئىنىستىتۇتى
بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئىگە بۇلاي دىسىڭىز بۇيەرنى چىكىڭ.
· ئاپتور: تۇرايىمىز يازغۇچىسى ئۇيغۇربەگ
بۇ يازمىنىڭ ئىشلىتىش ھۇقۇقى ئەلقۇت جەمەتى تور تۇرايىغا مەنسۇپ.ناۋادا كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز تۇرايىمىزنى ۋە مەزكۇر يازما ئادرىسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ.باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىش ئەخلاقنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
评论
http://baliq.blogbus.com/logs/85720825.html