• بۇ ئەسەر،ئەسلى مەكتىپىمىزدىكى مىللىي بالىلار بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن نەۋرۇز بايرىمىغا ئاتاپ يازغان بولۇپ،2008-يىل مەھمۇد كاشىغەرىي يىلىنى قۇدلۇقلاش،ھەمدە بوۋىمىزنى مەھمۇدنى كۈيلەش ئۈچۈن يېزىلغان.بۇ شېئىرنى مۇشۇ كەمگە قەدەر مەن يازغان بىردىنبىر سۈپەتلىك شېئىر دىسەممۇ بولىدۇ،ئەمىسە،دىققىتىڭلار تۆۋەنكى قۇرلاردا بولسۇن ھە!(ياخشى يازالمىغاندىكىن،شېئىر ئۇستىلىرى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈپ كەتمەيلى ھە،خىجىل بوپقالسام ….)

    ئۇنىڭ تىلى ئەينى چاغ ئەرەب بىلەن بەسلەشكەن،

    پارس قېلىپ كەينىدە،باشقا تىللار سەتلەشكەن.

    ئەڭ مۇھىمى ئۇ تىللەن <<دېۋان>>ىمىز خەتلەشكەن،

    ئەل قەلبىدە كۆكلىگەن كاشىغەرىينىڭ ئوغلىمەن!

     

    مانا ئاشۇ<< دېۋان>>دىن تەنلەر بىر يىل يايرىغان،

    مەشرىق تامام مەغرىبچە پۈتكۈل جاھان قاينىغان،

    مەھمۇد روھى ئەۋلادتا كۆچەت بولۇپ ئاينىغان،

    بىزگە روھىي كۈچ بەرگەن كاشىغەرىينىڭ ئوغلىمەن!

     

    ئۇ-غەزىنە بىز ئۈچۈن، نەچچە ئەسىر قازغۇدەك،

    ئۇ-خەرىتە بىز ئۈچۈن،دەۋر بويلاپ ماڭغۇدەك،  

                ئۇ-ۋەزىپە بىز ئۈچۈن،داستان-شېئىر يازغۇدەك،

      بىزگە ئۆچمەس ئىز سالغان كاشىغەرىينىڭ ئوغلىمەن!

    داۋامىنى مەزكۇر يازمىدىن كۆرۈڭ...

  • بۇ ناخشىنى ماڭا بىر دوستۇم تەۋسىيە قىلغانىدى،بىر ئاڭلاپلا ئىزىلىپ كەتتىم،مۆمىنجاننىڭ يېڭى ناخشىسى مېنىڭ بارلىق ئويلىغانلىرىمنى ئاشكارىلىۋەتكەنىدى!بۇ ناخشا مېنىڭ ئەمەس،ئىچكىرىدە،چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ھەربىر ئاتەش يۈرەكلەرگە ئېيتىلغان ناخشائىدى!...ياشا مۆمىنجان...

  •  

      ئوقۇش مۇكاپاتى ئايروپىلان بېلىتى،ئوقۇش پۇلى،تۇرمۇش پۇلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر ئوقۇش جەريانىدا تۇرمۇشدىن غەم قىلمىسىمۇ بۇلىدىكەن(ئىنشائاللا،بىرەر قېرىندىشىمىز بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قالسىدى...)بېراق مەكتەپنىڭ بۇ مۇكاپاتنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا بولغان تەلىپى يۇقىرىراق بولۇپ كەسپىي نەتىجىسى چۇقۇم ئەلا بولۇشى،ئىنگىلىز تىلى نەتىجىسى توڧېلدىن 80 دىن يۇقىرى، ئېلتىس دىن 6.5دىن يۇقۇرى بۇلىشى كېرەككەن.بېراق ياپۇن تىلى سەۋىيىسى تەلەپ قىلىنمايدىكەن.تەلەپكە چۈشىدىغانلار ياكى قىزىققانلار ماۋۇ توربەتكە (www.apu.ac.jp/graduate) كېرىپ تەپسىلىي ئەھۋالدىن خەۋەردار بولساڭلار بولىدۇ،ھەمدە شۇ يەردىن ئىلتىماس جەدۋىلىنى چۈشۈرۈپ مەكتەپكە يوللاپ بەرسەڭلار بۇلىدۇ.MEXT مۇكاپاتىنىڭ پوچتىدىن ماتىرىيال قۇبۇل قىلىش مۆھلىتى 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە ئىكەن،قالغانلىرىنىڭ  2010-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئىكەن،ئىلتىماس ھەققى 500 ياپون يىنى يەنى 58 دوللار بولىدىكەن.قالغان ئۇچۇرلارنى توربېتىدىكى ADMISSION GUIDE دېن كۆرۈۋېلىڭ.

    داۋامىنى مەزكۇر يازمىدىن كۆرۈڭ...

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،بىلىم ئېلىش يۇلىدا ئىزدىنىۋاتقان قېرىنداشلىرىم،ئاللاھ ئىگەم ئىرادەڭلەرگە مەدەت بەرسۇن.

    بۈگۈن مەكتىپىمىزنىڭ چەتئەلدە ئوقۇش ئۇچۇرلىرى مەركىزىگە بېرىپ ئۇيغۇرلارغا تولىمۇ ماس كىلىدىغان بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم.بۇنداق پۇرسەتلەرنىڭ باشقا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭمۇ ئېرىشىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ شۇ ھامان بىزگە ئالاقىدار جايلىرىنى ئۈزۈندە قىلىپ ئېلان قىلدىم.قىزىقىدىغانلار كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.

     

    مەكتەپ ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە:

    نېۋكاستېل ئۇنىۋېرسىتىتى بولسا يېقىندىن بىرى تەرەققىياتى ناھايىتى ياخشى بولغان خەلىقئارالاشقان ئوقۇش تۈزۈمىدىكى ئالىي مەكتەپ،شۇنداقلا ئاۋسىترالىيەدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تەتقىقات ئۇنىۋېرسىتىتى.بۇ مەكتەپ تەتقىقات ڧوندى ھەمدە تەتقىقات نەتىجىسى جەھەتتە دۆلەت بۇيىچە 9-ئورۇندا تۇرىدىكەن.

     

    ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ھەققىدە:

     

    بۇ مۇكاپات پۇلى ئاۋسىترالىيە نېۋكاستېل ئۇنىۋېرسىتىتى بىلەن جۇڭگو دۆلەتلىك چەتتە ئوقۇيدىغانلار ڧوندى باشقۇرۇش كومىتتىتى بىرلىشىپ باشقۇرۇدىغان ڧوند بولۇپ،جۇڭگۇدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارغا بىرىلىدىكەن.ھەريىلى تەخمىنەن 50 نەپەر جۇڭگۇلۇق بۇ مۇكاپاتتىن بەھرىمەن بولالايدىكەن.(ئىنشائاللا،50نىڭ ئىچىگە بىزدىن بىرەرى كىرىپ قالار)

     

     

    داۋامىنى مەزكۇر يازمىدىن كۆرۈڭ