-
بۇ ناخشىنى ماڭا بىر دوستۇم تەۋسىيە قىلغانىدى،بىر ئاڭلاپلا ئىزىلىپ كەتتىم،مۆمىنجاننىڭ يېڭى ناخشىسى مېنىڭ بارلىق ئويلىغانلىرىمنى ئاشكارىلىۋەتكەنىدى!بۇ ناخشا مېنىڭ ئەمەس،ئىچكىرىدە،چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ھەربىر ئاتەش يۈرەكلەرگە ئېيتىلغان ناخشائىدى!...ياشا مۆمىنجان...
-
بۈگۈن،مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغ بىركۈندە،يۇرتىمىزدىن ئايرىلىپ باشقا بىر شەھەردە،باشقا بىر يۇرتتا بۇ ئەنئەنىۋى بايرىمىمىزنى ئۆتكۈزۈ
پ تۇرۇپتىمىز،شۇ تاپتا بۇ شادلىقتىن پۈتكۈل شېنجېن ئۇنىۋېرسىتىتى شۇنداقلا پۈتكۈل شەھەرئۆزگىچە بىر تۈسكە كىرىپ تۇرۇپتۇ.بۈ خاسىيەتلىك مىنۇتلاردىن نەچچە كۈندىكى قەھرىتان سوغۇق باھارنىڭ ئىللىق ئاپتىپىغا ئايلىنىپ تۇرۇپتۇ.مانا بۇ ھېيت شادلىقىنىڭ قۇدرىتى! مانا بۇ ھېيىت شادلىقىنىڭ خاسىيىتى! مانا بۇ ھېيىت شادلىقىنىڭ ماھىيىتى!دېمەك، بىزنىڭ بۇ شادلىقتىن پەخىرلىنىش ھوقۇقىمىز بار،چۈنكى بۇ ھېيىت بىزنىڭ،چۈنكى بۇ شادلىق بىزنىڭ،چۈنكى بۇ ھاياتلىق بىزنىڭ!(ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈملە يۇقىرى ئېنتۇناتسىيىدە ئوقۇلىدۇ)
گەرچە، بىزگە ھېيىتلىق خۇشاللىقى ئاتا قىلىدىغان ئۇرۇق-تۇققانلىرىمىز يېراق يۇرتتا قالغان بولسىمۇ ئەمما بىزگە يېقىنلىق ھىس قىلدۇرىدىغان دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئورتاق خۇشاللىقتىن بەھىرلىنىپ ئولتۇرۇپتىمىز.گەرچە،بىزگە خۇشاللىق ئاتا قىلىدىغان ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىمىز يۈرىكىمىزدە يادلىنىپ تۇرغان بولسىمۇ،ئەمما بىزگە شادلىق ئاتا قىلىدىغان بۇ ھېيىت يىغىلىشى بىزگە يېڭىچە قىممەتنى تونۇتۇپ تۇرۇپتۇ.دىمەك بۇ يەردە بىز يالغۇز ئەمەس،بىز غېرىب ئەمەس.مەيلى بىز نەگىلا بارايلى،قۇربان ھېيىت شادلىقى بىزدىن ھەرگىز ئۆكسۈمەس!
-
ئەسلى مەن بۇ خەتنى ئۆزۈم ھۆرمەتلەيدىغان، قولىدىن ئىش چىقىدۇ دەپ قارىغان ئون قېرىندىشىمغا،ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئون سەگەك زىيالىغا يېڭى يىللىق ئۈمىد ئورنىدا يازغانىدىم. ھازىر ئويلىشىپ، مەن تونۇش-تونۇماسلىقىمدىن قەتئىينەزەر، بۇ تېمىغا قىزىقىدىغان، ئەمەلىي ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان دوستلارلا بولسا تەڭ ئورتاقلىشىشنى لايىق تاپتىم ۋە مەتبۇئاتقا بېرىىش ھەققىدىكى تەكلىپنى رەت قىلىپ مۇنبەردە ئېلان قىلدىم. بۇ بىر تەسىرات يازمىسى بولغاچقا، ئۇنىڭغا ئىلمىي ماقالە ئۆلچىمىنى قويمىدىم، نېمە ئويلىغان بولسام شۇنى تەبىي، ئۇدۇل ئىپادىلەشكە تىرىشتىم. ماقالىدە ئىسمىنى تىلغا ئالغان كىشىلەرگە مەن ئۆچ ئەمەس، ئەمما، ھازىر مەن كۈندىن-كەنگە ئەڭ يېقىن كۆرىدىغان ئادەملەرنى ھەم ئۆزۈمنى پاكىتى بىلەن تەنقىد قىلىپ تۇرۇشنىڭ(قۇرۇق سۆكۈش، چۆكۈرۈش ئەمەس) زۆرۈرلىكىنى كۈنسىرى ھېس قىلىۋاتىمەن.مەن بۇ خەتنىڭ روھىنى چۈشىنىپ ئوقۇغان چېچەن پكىر ئىگىلىرىنىڭ ئاخىرقى قۇرلارنى ئوقۇپ بولۇپ ئۆزىدىن «مەن ئۆزۈم قۇربىتىم يېتىدىغان دائىرىدە خەلقىم ئۈچۈن يەنە نېمە ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ بېرەلىشىم مۇمكىن؟ مەن ۋەتەننى، خەلقنى سۆيۈش ئۇسۇلۇم ھەققىدە ئويلىنىشىم كېرەكمۇ –يوق؟»دەپ سوراپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇندىلا مېنىڭ بۇ قېتىملىق تەشەببۇس خېتىمدىن ھاردۇقۇم چىققان بولاتتى.
داۋامىنى مەزكۇر يازمىدىن كۆرۈڭ
-
مېنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زىيالىي ۋە لىدېرلەردىن كۈتۈۋاتقان زور ئۈمىدلىرىم ۋە ئۇلارنىڭ مەن ئۈمىد قىلىدىغان ئىشلارنى قىلالايدىغانلىغىغا زور ئىشەنچەم بار. بىراق مەن ھازىر چەت ئەلدە ياشاۋاتقان بولغاچقا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى زىيالىي ۋە لىدېرلەرگە بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىشى كېرەكلىگى توغرىسىدىكى ئۆز ئۈمىدىمنى ئوتتۇرىغا قويسام ئانچە مۇۋاپىق بولمايدۇ. شۇڭلاشقا مەن بۇ يەردە پەقەت چەت ئەلدە ئوقۇپ، ئوقۇشى پۇتكەندىن كېيىن چەت ئەلدە تۇرۇپ قالغان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزۈم مۇشۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە ئويلاپ يېتەلىگەن، ھەمدە ئۇشبۇ يازمىدا ئوتتۇرىغا قويۇشقا مۇۋاپىق كەلگەن بىر قىسىم ئىشلاردا ئورتاقلىشىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
-
مەن ئۇشبۇ يازمامنىڭ 3-قىسمىدا «يېتەكلىگۈچىلەر» ئۈستىدە توختىلىمەن. يېتەكلىگۈچىلەر ئۆز رولىنى قانداق جارى قىلدۇرىدىغانلىغىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، «تەشكىلات» دېگەن بىر ئۇقۇمنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمىلىيەتتە بۇ ئۇقۇم ھەممە ئوقۇرمەنلەرگە ناھايىتى تونۇش. شۇنداق بولسىمۇ مەن بۇ يەردە ستەفېن كوۋېي («Stephen Covey») ئەپەندىنىڭ «8-ئادەت» دېگەن كىتاۋىدىكى تەشكىلات ھەققىدىكى باياننى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئوتەي. مەن كېيىنكى قىسىمدا تونۇشتۇرىدىغان «يېتەكلىگۈچىلەر» ھەققىدىكى مەزمۇنمۇ يۇقۇرىقى كىتاپتىن ئېلىنغان.
يېتەكلىگۈچىلەر رول ئوينايدىغان سورۇن بىر تەشكىلاتتىن ئىبارەت بولىدۇ. ئۇنداقتا «تەشكىلات» دېگەن نىمە؟
-
ھازىر بىر قىسىم دوستىلىرىمىزنىڭ فورد ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىدىغان مەزگىلى، شۇڭا تورداشلارغا ياردىمى بولۇپ قالار دەپ بۇ يازمىنى يوللىدىم.
ھازىرغا كەلگىچە بۇ ئوقۇش فوندىغا ئېرىشكەن بىرەرسى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىلتىماس جەريانىدا ئۆزىنىڭ ھىس قىلغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقمىدى. شۇڭا مەن ئۆزۈمنىڭ مۇشۇ جەرياندا ھىس قىلغانلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنى مۇۋاپىق كۆردۇم. -
ھۆرمەتلىك تورداشلار:
ئالدى بىلەن مەن ئۈچۈن تىلىگەن ئالىي تىلەكلىرىڭلار ۋە مەندىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە مىننەتدارلىقىمنى ئىپادىلەيمەن... شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىمتىھان مەزگىلى تۈپەيلى ئالدىراش بولۇپ قېلىپ، سىلەرگە بالدۇرراق جاۋاپ يازالمىغانلىقىم ئۈچۈن ئەپۇ سورايمەن. كەچۈرىسىلەر!
سىلەرنىڭ بۇ تورغا يازغان ئىنكاسلىرىڭلارنى ۋە ماڭا ئەۋەتكەن خەتلىرىڭلارنى كۆردۈم ھەمدە يازغىنىڭلاردىن كۆپ ئىلھام ئالدىم. رىغبەت بەرگىنىڭلارغا رەھمەت. خۇدا بۇيرىسا ئۈمىدىڭلارنى يەردە قويماسلىققا تىرىشىمەن.
تۆۋەندە مەن تاپشۇرۇپ ئالغان سۇئاللارنىڭ ئىچىدىن نىگىزلىك قىلىپ مۇنۇ ئۈچ سۇئالغا دوستۇم تۇرسۇنجان (Jeck) نىڭ تور مەھەللىسى ئارقىلىق جاۋاپ بېرىشنى زۆرۈر دەپ ئويلىدىم. -
ئانا تىلىمىزنى ئۆگەيلىمەيلى 2009-09-24
— جاۋيەنشى (ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى) دىكىلەرنىڭ پۇل تاپقۇسى كەپقالغان گەپ! بولمىسا، مۇشۇ زاماندا ئۇيغۇر تىل–يېزىقىنى قېلىپلاشتۇرغاننىڭ نېمە پايدىسى دەيمەن؟
— شۇنى دەيمەن، مانا بىر ئوبدان سۆزلىيەلەيمىز، بىر ئوبدان يازالايمىز. ... -
چەتئەلگە چىقىش ئۈچۈن ماڭغان يوللىرىم 2009-09-22
چەتئەلگە چىقىشتىكى ئەڭ مۇھىم تاكتىكا- 1. پۇختا تەييارلىق قىلىش (كەسىپ بىلەن تىلنى پۇختا ئىگەللەش) 2.توردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش (كەڭ دائىرىلىك ئۇچۇر ئېگەللەش) 3.ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ياردىمىدىن پايدىلىنىش