• چەتئەلگە چىقىش ئۈچۈن ماڭغان يوللىرىم

    2009-09-22

    تۈرى:

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/46942877.html

    بۇ يازما ئانا تىل بلوگدىن ئېلىندى

    بۇ يازمىنى ئەسلى خېلى بالدۇر يېزىشنى ئويلىشىپ قويغان، لېكىن ۋاقىت چىقىرىپ بولالماي يازمىغان ئېدىم. بۈگۈن بىلىك كولۇبىدىكى "بۈركۈت" ئەپەندىنىڭ "سىزمۇ ئەمدى ئىلىمىڭىزنىڭ زاكىتىنى بەرسىڭىز بولاتتى" دېگەن سۆزى سەل تەسىر قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۈگۈن ھەر قانداق ئۆگۈنۈش بولسا قويۇپ تورۇپ بۇ يازمىنى يېزىۋىتىشنى قارار قىلدىم. چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيمەن دەپ مۇشۇ يولدا ئىككى يىلغا يېقىن مېڭىپتىمەن، چەتئەلگە چىققىلمۇ ئىككى ئاي بولۇپ قاپتۇ. مۇشۇ ئىككى يىل جەريانىدا باشتىن كەچۈرگەنلىرىم ۋە ھىس قىلغانلىرىمنى قىسقا بولسىمۇ يېزىپ قويمىسام تولىمۇ "بېخىللىق" بولۇپ قالار. خۇددى ئەسئەت مۇئەللىم دېگەندەك "بۇنىڭدا ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ھەققى بار" ئەمەسمۇ. قورۇق گەپنى قويۇپ ئەمدى مەن ماڭغان قەدەم باسقۇچلار بىلەن مۇشۇ جەرياندا ھىس قىلغانلىرىمنى سۆزلەپ ئۆتەي.چەتئەلدە ئوقۇيمەن دېگەنلەرگە ئازدۇر-كۆپتۇر ياردىمى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

    1. كەسىپ(تەتقىقات يۆنىلىشى)، دۆلەت ۋە مەكتەپ تاللاش (2006-يىلى 8-ئاي)

    چەتئەلدە ئوقۇماقچى بولغان كەسپىمىز ئادەتتە ئاللىبورۇن بەلگىلىنىپ بولغان بولىدۇ. چۈنكى بىز تولۇق كورس ياكى ماگىستىرلىقتا نېمە ئۆگەنگەن بولساق شۇنىڭغا يېقىن كەسىپ تاللايمىز. بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم ئاساسلىقى تەتقىقات يۆنلىشى، بۇ بەزىدە بىزنىڭ كېيىنكى ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىش ياكى ئېرىشەلمەسلىكىمىزنى بەلگىلەپ قويىدۇ. تەتقىقات يۆنىلىشىنى تاللىغاندا مېنىڭچە "ماۋۇ كەسىپكە مەن قىزىقىمەن، شۇڭا تاللىدىم" دەپ تاللاپ قويساقلا بولمايدۇ. تاللىغان تەتقىقات يۆنىلىشىمىزدە چەتئەلدە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى كۆپمۇ-ئازمۇ بۇنى ئويلىشىشىمىز كېرەك. چەتئەلدە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى كۆپ دېگەنلىك ئادەتتە بۇ تېمىنىڭ خەلىقئارادا قىززىق نوقتىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنداق تەتقىقات يۆنىلىشىنى تاللىغاندا ھامان بىر يەردىن ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئالغىلى بولىدۇ.(مېنىڭ كەسىپىم ئىجتىمائىي پەن بولغاچقا، بەزى سۆز-جۈملىلەر تەبئىي پەن كەسىپلىرىگە دەل ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن. توغرا چۈشۈنەرسىلەر). يەنە بىرسى مەن بورۇن مۇشۇنىڭغا ئائىت بىرەر ئىش قىلغانمۇ دېگەننىمۇ ئويلىشىشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ دوكتۇرلۇق ئوقۇيدىغانغا تېخىمۇ شۇنداق. جۇڭگودا ئادەتتە بۇ بەك ھالقىلىق رول ئويناپ كەتمەيدۇ، لېكىن چەتئەلگە ئىلتىماس قىلغاندا بۇ ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. سىز مەلۇم ساھەدىن ھېىچ ئىشنى قىلماي تورۇپ، مەن مۇشۇ ساھەدە دوكتۇرلۇق ئوقۇيمەن دېسىڭىز، ئادەتتە قوبۇل قىلىنىش نىسبىتىڭىز ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ.

    ھەممىمىزگە ئايان دۆلەت تاللىغاندا ئامال بار مائارىپى تەرەققىي قىلغان دۆلەتنى تاللايىمىز. چەتئەل بولسىلا بولىدۇ دەپ ئوقۇتۇش سۈپىتى جوڭگۇغىمۇ يەتمەيدىغان دۆلەتكە چىققاندىن چىقمايلا قويغان ياخشى. ئۇنىڭدىن قالسا ئۆزىمىز ئوقۇماقچى بولغان كەسىپ قايسى دۆلەتتە ياخشى بۇنىمۇ ئويلىشىشىمىز كېرەك. بەزى ئانچە تىلغا ئېلىنىپ كەتمەيدىغان دۆلەتلەرنىڭمۇ بەزى كەسىپلىرى دۇنياغا داڭلىق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئادەتتە ئامېرىكا، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كۆپ قىسىم مەكتەپلىرىنىڭ(ھەممىسىنىڭلا ئەمەس) ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى، كەسىپلەردە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. شۇڭا ئالدى بىلەن بۇ دۆلەتلەرنى ئويلىشىشىمىز تەبئىي. لېكىن مۇشۇ ۋاقىتتا ئەڭ ياخشىسى مۇشۇ دۆلەتلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغىنىمىز ياخشى. بولۇپمۇ ئىجتىمائىي پەن كەسپىدە ئوقۇماقچى بولغانلار تېخمۇ شۇنداق. چۈنكى بۇ دۆلەتلەردە ئوقۇش پۇلى ئېلىنىدۇ، تۇرمۇش پۇلىمۇ بار. ئىجتىمائىي پەن كەسىپلىرىگە بىرىلىدىغان ئوقۇش مۇكاپات پۇللىرى كۆپ ئەمەس. شۇڭا مېنىڭ تەۋسىيە قىلىدىغىنىم دۆلەت تاللىغاندا شىمالىي ياۋروپادىكى شىۋىتسىيە، فىنلاندىيە، نورۋىگىيە، دانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە گوللاندىيەنىمۇ ئويلىشىپ بېقىش كېرەك. چۈنكى بۇ دۆلەتلەردە ماگىستىرلىق بىلەن دوكتۇرلۇقنى پۈتۈنلەي ئىنگىلىز تىلىدا ئوقۇغىلى بولىدۇ. بۇ دۆلەتلەردە ئوقۇش پۇلى ئېلىنمايدۇ، ناۋادا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئېلىپ قالسىڭىز تۇرمۇشىڭىزغا كەڭرى يېتىدۇ، ئالالماي قالسىڭىز، بىر تەرەپتىن ئوقۇپ بىر تەرەپتىن ئىشلىسىڭىزمۇ قوساقنى بېقىپ كىتەلەيسىز. گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە دېگەندەك دۆلەتلەردىكى ئەھۋالنى مېنىڭ بىلىشىمچە ئۇلارمۇ ئوقۇش پۇلى ئالمايدۇ، لېكىن پەقەت ئېنگىلىز تىلى بىلەنلا ئوقۇشقا بولمايدۇ، چوقۇم ئۇلارنىڭ تىلىنى بىلىشىڭىز كېرەك. شۇڭا بىر نەچچە دۆلەتتىكى مەكتەپنى پىلانلاپ قويغاننىڭ زىيىنى يوق.

    مەكتەپ تاللىغاندا چوقۇم ياخشى مەكتەپنى تاللاش كېرەك. "ماۋۇ مەكتەپ بەك داڭلىق، قوبۇل قىلىنالماي قالارمەنمۇ" دەپ ئويلىماسلىق كېرەك. چۈنكى داڭلىق مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنالىسىڭىز ئوقۇش شارائىتىنىڭ ياخشىلىقىدىن باشقا ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىشىڭىزمۇ ئاسانلىشىدۇ. مەكتەپ قانچە داڭلىق بولغانسىرى ئۇنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولىدۇ. ئۇ مەكتەپتىكى پىروففىسورلارنىڭ قولىدا كۆپ پۇل بولىدۇ.

    2- ئوقۇتقۇچى بىلەن ئالاقە ئورنىتىش (2006-يىلى 8-9-ئاي)

    بىرىنچى قەدەمدىكى دۆلەت، مەكتەپ، كەسىپ دېگەنلەر مۇقىم بولغاندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىغا خەت يېزىپ ئەھۋال ئىگەللەيمىز. يەنى مۇشۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇشۇ تەتقىقات يۆنىلىشىگە ئادەم ئالغۇسى بارمۇ؟ دېگەندەك مەزمۇنلار. ئادەتتە بۇنىڭغا بەك كۆپ گەپ قىلىش كەتمەيدۇ. ئۆزىمىزنىڭ ئوقۇش ئويىمىزنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرسەكلا بولىدۇ. ناۋادا قارشى تەرەپ ئوقۇش جەريانىدىكى خىراجەت مەسىلىسى قاتارلىق باشقا مەزمۇنلار توغرىسىدا سۆزلىشىشنى خالىسا تېخىمۇ ياخشى. تۇنجى خەتنى قانداق يېزىش توغرىسىدا ئەركىن سىدىق ئەپەندىمنىڭ "مەرىپەت" تورىدا سۆزلەنگەن. شۇنىڭدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ. مەنمۇ مۇشۇ توغرىسىدا بىر يازما يوللىغان بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ. http://blog.78.la/u/anatil/archives/2008/200862403120.html

    3- تىل ئىمتىھانى بېرىش (2006-يىلى 11-ئاي)

    ئەلۋەتتە تىل ئىمتىھانىنىڭ تەييارلىقىنى كەم دىگەندە ئۈچ ئاي بورۇن باشلىمىساق بولمايدۇ. مېنىڭ ھىس قىلىشىمچە مەن ئىمتىھاننى سەل كېچىكىپ بېرىپ قويغان. ئەڭ ياخشى ئىمتىھان بېرىش مەزگىلى 6-7-ئايلار بولسا كېرەك. چۈنكى بۇنداق بولغاندا سىز كېيىنكى ئىككى يىللىق قوبۇل قىلىشنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە ئىلتىماس قىلالايسىز، ناۋادا تۈنجى يىلى قوبۇل قىلىنالماي قالسىڭىز، ئىككىنچى يىلى تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ يەنە بىر ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ. مەن ئىمتىھاننى بىرىپ بولۇپ نەتىجە چىققاندا بىر قىسىم مەكتەپلەرنىڭ ئىلتىماس ۋاقتى ئۆتۈپ كىتىپ بوپتىكەن. تىل ئىمتىھانىنىڭ قايسىنى بېرىش مەسىلىسىمۇ ئەينى ۋاقىتتا مېنى كۆپ ئويلاندۇرغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئېدى. چۈنكى بىر قىسىم مەكتەپلەرگە TOEFL ياكىIELTS نىڭ قايسىسىنىڭ نەتىجىسى بولسىلا بولىۋىرىدۇ. بۇنىىڭ قايسىسىنى بېرىشنى ئۆز ئەھۋالىڭىزغا قاراپ ئۆزىڭىز ئورۇنلاشتۇرۇڭ. ناۋادا قولىڭىز چاققان، ئىنكاسىڭىز ئىتتىك، سۆزلەرنى كۆپ بىلمىسىڭىزمۇ جانلىق ئىشلىتەلەيدىغان بولسىڭىز، سۆزلەشتە ياخشىراق بولسىڭىز IELTS بەرسىڭىز ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن. ناۋادا سۆزلۈكنى كۆپ بىلسىڭىز، ئوقۇشتا ياخشى بولسىڭىز TOEFL بەرسىڭىز ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن. بۇ توغرىسىدىمۇ مەن بىر نەچچە يازما يوللىغان، كۆرۈپ بېقىڭ.

    توفۇ توغرىسىدا  http://blog.78.la/u/anatil/archives/2007/20071016122613.html

    ياسى توغرىسىدا http://blog.78.la/u/anatil/archives/2007/20071017214941.html

    ئىككىسىنىڭ پەرقى توغرىسىدا http://blog.78.la/u/anatil/archives/2007/2007115155144.html

    4- ئىلتىماس قىلىش (2006-يىلى 12-ئاي)

    ئىلتىماس قىلىشتا ئالدى بىلەن ئىلتىماس قىلماقچى بولغان مەكتەپ، فاكۇلتىت، ئوقۇتقۇچىغا دائىر ئۇچۇرلارنى كۆپرەك ئىگەللەڭ. چۈنكى تەتقىقات پىلانى يازغاندا، ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىلتىماس قىلغاندا، نېمە ئۈچۈن مۇشۇ دۆلەتنى، مۇشۇ مەكتەپنى، مۇشۇ ئوقۇتقۇچىنى تاللىغانلىقىڭىزنى يېزىشقا توغرا كېلىدۇ. مۇشۇ نەرسىلەرنى ياخشىراق شەرھىلىيەلىسىڭىز، جۈملىدىن مۇشۇلارنى لايىقىدا، يالغاننى ئارىلاشتۇرۇپ قويماي ماختىيالىسىڭىز سىزنىڭ قوبۇل قىلىنىش، ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىش نىسبىتىڭىز يوقىرى بولىدۇ. ئىلتىماس جەدىۋىلىنى ئەستايىدىل توشتۇرۇڭ، بۇ جەھەتتىكى كىچىككىنە سەۋەنلىك سىزنىڭ مەغلۇپ بولۇشىڭىزغا سەۋەبچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇلار دېگەن تەلەپنىڭ بىرەرسىنى ئورۇنلىيالمىغان بولسىڭىز، ئىلتىماس قىلمايلا قويۇڭ. ناۋادا " مەن كەسىپتە ياخشى بولغانتىكىن، ئىنگىلىز تىلىدا نەتىجەم ئازراق تۆۋەن بولسىمۇ قوبۇل قىلىنىپ قالارمەن" ياكى"چەتئەل تىلى نەتىجەم يوقىرى بولغاندىن كېيىن ئېلان قىلغان ماقالەم ئاز بولسىمۇ قوبۇل قىلىنىپ قالارمەن" دەپ ئويلىسىڭىز قاتتىق خاتالاشقان بولىسىز، چۈنكى چەتئەللىكلەر ھامان"بىرنى بىر دەيدۇ".

    بۇ جەرياندىكى يەنە بىر موھىم مەسىلە-چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلاردىن ياخشى پايدىلىنىڭ!

    چۈنكى چەتئەلدىكى ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر سىزنىڭ چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىشىڭىزنى قوللايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز ئوقۇماقچى بولغان ساھەدە چوقۇم بورۇن ئوقۇپ پۈتتۈرگەن دوكتۇرلار بار. ئۇلار سىزنىڭ تېما تاللاش، تەتقىقات پىلانى يېزىش ئىشىڭزىغا ياردەم بېرەلەيدۇ. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، كەسىپ جەھەتتىكى ھەر قانداق ئىشنى چەتئەلدە تورۇۋاتقان ياكى ئوقۇۋاتقان، مۇشۇ ساھەنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋاللىرىنى بىلىدىغان ئادەملەرگە مەسلىھەت سېلىڭ. لېكىن ئۇلارغا تايىنىۋالماڭ. يېزىپ تەييار قىلغان تەتقىقات پىلانىڭىزنى ئەۋەتىسىڭىز، ئۇلار چوقۇم ياخشى پىكىرلەرنى بىرىدۇ. ئىلتىماسنى ئالدىراپ-سالدىراپ يوللىۋەتمەڭ. چوقۇم مۇشۇ ساھەنىڭ مۇتەخەسسىدىن بىرىگە كۆرسىتىڭ.

    5. ئىككىنچى قېتىملىق ئىلتىماس قىلىش باسقۇچى (2007-يىلى 7-ئاي)

    بۇ باسقۇچنى ئامال بار ماڭماڭ!!!!! ئەمدى مېنىڭ نېمە ئۈچۈن 6-7-ئايلاردا ئىمتىھان بېرىڭ دېگىنىمنى چۈشەنگەنسىز. مەن تۇنجى يىلى ئىمتىھاننى كېچىكىپ بەردىم. پەقەت بىرلا مەكتەپكە ئىلتىماس قىلدىم. چۈنكى ئوقۇتقۇچى مېنى زادى قوبۇل قىلىۋىتىدىغاندەك، ئوقۇش مۇكاپات پۇلى چوقۇم بېرىدىغاندەك پوزىتسىيەدە ئېدى. قوبۇل قىلىشنىغۇ قوبۇل قىلدى، لېكىن ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرەلمىدى. مانا مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئۈمۈتسىزلەنمەي، باشقا يولغا مېڭىپ كەتمەي، ھامان چىقىمەنغۇ دېگەن ئۈمۈدتە تۇرۇڭ.ناۋادا سىزمۇ مۇشۇ يولغا مېڭىپ قالسىڭىز، بۇ جەرياندا ئەڭ مۇھىمى تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەڭ.

    كۆپ مەكتەپلەرنىڭ ئۇچۇرىنى ئىگەللەڭ، كۆپ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنىڭ ئۇچۇرىنى ئېگەللەڭ.

    6. ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىلتىماس قىلىش باسقۇچى.(2007-يىلى 11-ئاي)

    بۇ ۋاقىتتا سىزمۇ خېلى تەجرىبىلىك بولۇپ قالىسىز. مەكتەپنىڭ، فاكۇلتىتنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئائىت تور بەتلىرىنى كۆرۈڭ. سىز چىقماقچى بولغان دۆلەتنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئائىت ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈڭ. ئادەتتە دۆلەت تەرىپىدىنمۇ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىلىدۇ. سىز ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇتقۇچىدىن مەسلىھەت سوراڭ. چۈنكى ئۇلار بۇ جەھەتتىكى ئۇچۇرلارنى كۆپرەك بىلىدۇ. سىز بىلەن كەسپى ئوخشاش چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلاردىن مەسلىھەت سوراڭ، ئۇلارمۇ بۇ جەھەتتىكى ئۇچۇرلارنى بىلىدۇ. ئادەتتە ھەر قانداق بىر كەسىپنىڭ بىر نەچچە خەت-ئالاقە گورۇپپىسى بولىدۇ. سىزمۇ مۇشۇنداق گورۇپپىلارغا ئەزا بولۇپ قويۇڭ. ئادەتتە مۇشۇنداق خەت-ئالاقە گورۇپپىلىرىغىمۇ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى توغرىلىق ئۇچۇرلار كېلىدۇ. قىسقىسى مۇشۇ مەزگىلدە "تور قۇرتى"غا ئايلىنىپ، پۇل بار يەرنىڭ ھەممىسىگە دۇقۇرۇپ بېقىڭ.

    7. پاسسپورت بىلەن ۋېزا بىجىرىش (2008-يىلى 3-ئاي 5-ئاي)

    ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشەلىدىڭىزمۇ، قالغان ئىشلار تەسكە توختىمايدۇ. بۇ توغرىسىدا تۆۋەندىكى يازمىلارنى كۆرۈپ بېقىڭ.

    ئۈرۈمچىدە پاسپورت بېجىرىش http://blog.78.la/u/anatil/archives/2008/200853174034.html

    ۋېزا بىجىرىش تەسىراتلىرى http://blog.78.la/u/anatil/archives/2008/20086611847.html

    8. سەپەرگە چىقىش (2008-يىلى 8-ئاي)

    چەتئەلگە چىقىشتىكى ئەڭ مۇھىم تاكتىكا- 1. پۇختا تەييارلىق قىلىش (كەسىپ بىلەن تىلنى پۇختا ئىگەللەش) 2.توردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش (كەڭ دائىرىلىك ئۇچۇر ئېگەللەش) 3.ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ياردىمىدىن پايدىلىنىش



    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • نادىر تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن!
    ئۇيغۇربەگ回复Neil说:
    تىمىرىلىمىز ياققان بولسا، يەنە رەت كىلەرسىز!
    2009-09-25 12:15:13
  • نادىر تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن!
  • بۇ ماقالە نادىر ئىكەن~!
    ئۇيغۇربەگ回复2009130088说:
    نادىر ماقالىلەرنى داۋاملىق ھۇزۇرىڭىزغا سۇنۇشقا تىرىشىمىز!
    2009-09-24 17:28:11