•   ئۈگۈنۈش قىلاتتىم ،ئەجرىم كۆپ ئىدى ،ئۈلگىلىك جۈملىلەرنى توختىماي يادلايتتىم ،تىل سەزگۈسى شەكىللەنگەندەك قىلمايتتى ،ئۈگۈنۈشۈم بەك جاپالىق بەك جاپالىق ئىدى . مۇشۇنداق داۋاملىشۋاتقان كۈنلەردە ھەدىلىرىم «رۇس تىلى كەسپ 4-دەرىجىلىك ئىمتاھانى«دىن ئۆتەلمىدى .پۈتۈن فاكۇلتىت بويىچە شۇلاردىن ،شىنجاڭدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا ھەممىسى ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى ، ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى نەتىجىسىنىڭ ياخشىلىقى ھەممىگە مەلۇم بولغاچ بۇ ئىش ھەممىنى تاڭ قالدۇردى . <<مەن شۇنچە تىرىشىپ ئۈگەندىم ،ئەمما ئىتىراپ قىلىمەن مەن رۇس تىلى گىرامماتىكىسىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىنى ئەزەلدىن ھەقىقى چۈشىنىپ باققان ئەمەس ،مەسىلەن ‹سۈپەتداش ،رەۋىشداش›دىگەنلەرنىڭ نېمىلىكىنى ئەزەلدىن بىلىپ باقمىدىم ،يەنە بىرى گەرچە خەنزۇچە مېنىڭ ئانا تىلىمدەك بولسىمۇ ،مەن  خەنزۇلار بىلەن شۇنداق ياخشى ئۆتسەممۇ  مەن يەنىلا مەڭگۈ ئۇلارغا تەۋە بولالمىغۇدەكمەن،ئۇيغۇرلار بىلەن ئەسلى ...>> ئۆز كۆڭلىدىكىنى ئىزھار قىلدى بىر ھەدەم .
          شۇنداق ،ئۇلار چۈشىنەلمەيتتى ، چۈنكى ئۇلار ئەزەلدىن ئۆز تىلىنىڭ گىرامماتىكىسىنى ئۈگۈنۈپ باقمىغان ،ھەتتا ئۆز ئىسمىنى قانداق يازىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى ، ئۇلار ناچار ،يولدىن چىققان قىزلار ئەمەس ئىدى ،ئۇلاردا مىللى خاسلىق ئۇقۇمى بولمىغاچقا يات مىللەت قىزلىرىنى دورىۋېلىپ شۇنداق يامان قىزلارغا ئوخشاپ قالغان ئىدى .  ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى ئۆزلىرىنىڭ يات مىللەتكە تەۋە ئەمەسلىكىنى بىلەتتى ،ئەمما كىچىكىدىن يات مىللەت بىلەن چوڭ بولغاچقا ئۆز مىللىتىگىمۇ قوشۇلۇپ كېتەلمەيتتى ،ئەمما قوشۇلغۇسى بار ئىدى ...

    داۋامىنى مەزكۇر يازمىدىن كۆرۈڭ . ..

  • بىر كۈنى دىگىنە،ئاداش- دېدى بىر ئايال يېنىدىكى خېلى پۇرۇز كىيىنگەن دوستىغا،-زاھىر بۇرھان دىگىنى تۇرپاندا ئاياللاردەك قۇيۇۋالغان ئۇزۇن چېچىنى تازا ياساپ كېچىدە ئاقسالىق قىلغان گەپ.ۋاھ ھاي،شۇنىڭ بىلەن يىگىتلەر ئۇنىڭ ئەدىبىنى راسا بىرىپتۇ.ئاڭلىسام بىچارە نەچچە ئاي ياتقان گەپ.مانا بۇ خەلق ئەڭ ياخشى كۈرىدىغان ئون سەنئەتكارىمىز ئۈستىدىكى گەپ. كىيىن،زاھىر بۇرھاننىڭ بىر زىيارەت قىلىنىش خاتىرىسىدىن بىلدىمكى،ئەسلى ھەقىقى ئەھۋالدا، زاھىر بۇرھان تۇرپانغا ئۇيۇن قويغىلى بېرىپ ئاخشىمى تۇرپان كوچىلىرىنى ئارىلاۋاتقاندا،ئۈزىنىڭ بىر ناخشىسىنى بىرەيلەننىڭ شۇنداق ياخشى ئېيتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ،ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشكىسى كېلىپ بارغانىكەن.قارىسا،ئۇ بىر ھاراقكەش بولۇپ ئەمدى بىر ئېغىز گەپ قىلىشىغا مەستلىكى تۇتۇپ ئۇرغان،شۇنىڭ بىلەن بەزى ئۇزاق قۇلاقلىرىمىز بۇ خەۋەرنى چالا پۇچۇق ئاڭلاپ يۇقارقىدەك ئۆسەك سۆزلەرنى تارقىتىپ يۈرۈشكەن.

     

    داۋامىنى مەزكۇر يازمىدىن كۆرۈڭ