•  是的,外语是很重要的,不过母语是更重要!的

    Yes, the language is very important, but the mother tongue is more important!

     

    تۇرايىمىز ئېلاۋىسى :

    مەزكۇر يازما تۇرايىمىزنىڭ تەكلىبلىك يازغۇچىسى، رىتا رۇس تىلى ئۆگىنىش بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى شۇنداقلا كەمىنە ئۇيغۇربەگنىڭ بىر قورساق قېرىندىشى بولغان خ.نىياز ئەلقۇت تەرىپىدىن يىزىلغان بولۇپ مىللىي ئۆزلۈك،ئېتىقاد جەھەتتىن قاتتىق تەپەككۇر ئىچىدە ئۆز تەجرىبىلىرى ئاساسىدا يىلغان بولۇپ ھەربىر ۋىجدان ئىگىسىنىڭ ئويلىنىشىغا ئەرزىيدۇ.

     رىتا رۇس تىلى ئۆگىنىش بلوگى: رۇس تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن تەييارلانغان مەخسۇس بلوگ بولۇپ ئۆز كەسپى رۇس تىلى بولغان مۇشۇنداق بىر كەسىب ئىگىسىنىڭ تۇنجى قىلغان ئەمگىكىدىن بۇلىدۇ.كەڭ رۇس تىلى ھەۋەسكارلىرىنىڭ  رىتا رۇس تىلى ئۆگىنىش بلوگىغا قەدەب تەشرىب قىلىشىنى سورايمىز! مەنزىل:

    http://rita1028.blogbus.com 

    كىچىكىمدىن ئائىلە تەربىيىسى ناھايىتى كۈچلۈك ئۆيدە چوڭ بولغان ئىدىم ،شۇڭا مەندە مىللەتنى سۆيۈش ،ئانا تىلنى سۆيۈش ئېڭى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىدى ،مەن  ئوتتۇرى مەكتەپتەئوقۇۋاتقان چاغلار خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش ھەركىتى ھەدەپ راۋاجلىنىۋاتقان ،مىنكاۋخەنلەر قاتتىق قارشى ئېلىشقا ئېرىشىۋاتقان ،قىلغان ھەر بىر ئېغىز گېپىگە خەنزۇچە قىستۇرۋالسا مەدەنىيەتلىك ھېساپلىنىپ كېتىدىغان چاغلار ئىدى .گەرچە شۇنداق بولسىمۇ مەن ئېقىمغا قارشى تۇرۇپ نۇتۇقىمغا خەنزۇچە تېرمىنلارنى قىستۇرۋېلىشقا جان -جەھلىم بىلەن قارشى ئىدىم ،ھەم باشقىلار تەرىپىدىن جاھىل دەپمۇ قارالغان ئىدىم. شۇغىنىسى ا مېنىڭ خەنزۇ تىلى ئىمتاھانىدىكى نەتىجەم دائىم مېنى مەسخىرە قىلىدىغانلارنىڭكىدىن يۇقىرى چىقاتتى .بۇنىڭغا ئۇلارلا ئەمەس ئۆزۈممۇ ھەيران قالاتتىم.
              
    ئانا تىلغا بولغان كۈچلۈك مۇھەببەت تۈرتكىسىدە ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىنىڭ ئەڭ كۆزگە چېلىقمايدىغان ،كۆپ قوللىنىلمايدىغان بۆلەكلىرىنىمۇ زور ئىجتىھات بىلەن ئۈگۈنۈپ چىققان ئىدىم .ھەمدە چوڭ بولسام بىر تىلشۇناس بولسام دەپ ئارزۇ قىلغان ئىدىم .شۇ ئارزۇ تۈرتكىسىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدا مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئەدەبىيات فاكۇلتىتىدا ئوقۇشنى ئۆزۈمگە نىشان قىلغان ئىدىم . ئەمما بۇ ئارزۇيۇم ئارزۇ پېتى قېلىپ ئۆيدىكىلەرنىڭ كۆچلۈك تەۋسىيىسى بىلەن ھازىرقى مەكتىپىمنىڭ رۇس تىلى فاكۇلتىتىغا ئوقۇشقا كىردىم .كۆڭلۈم بىر ئاز يېرىم ئىدى .گەرچە مۇشۇ كۈنلەردە رۇس تىلى ئوقۇغانلارنىڭ ئىستىقبالى بەك پارلاق بولسىمۇ بۇ مەن ئارزۇ قىلغان نىشاندىن خېلىلا يىراقتا ئىدى .«ھىچۋەقەسى يوق ،رۇس تىلى ئۈگۈنۈپ كېيىكى كۈنلەردە سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق بىلەن شۇغۇللانساڭمۇ بولىدۇ «دەپ مەدەت بەردى ئاكام .ئاكامنىڭ تەسەللىدى ۋە ئۆزۈمنىڭ غەيرىتى بىلەن ئۆزۈمنىڭ شۇنداق تونۇلغان سېلىشتۇرما تىلشۇناس بولالايدىغىنىمغائىشىنىپ ئىچكىرىگە ئانا يۇرتتىن نەچچە ئون مىڭ چاقىرقىم يىراقلىققا كۆرگۈم كەلسە دەمماللىققا بارالمايدىغان ،چاقىرسام ئۈنۈم يەتمەيدىغان ناتونۇش ماكانغا قاراپ يول ئالدىم .
             شۇنداق قىلىپ ئىككى يىللىق تەييارلىق ئوقۇشقا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم . ئېيتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇكى 
    بۇ ئىككى يىللىق تەييارلىق ھۆكۈمەتنىڭ بىزنى ئىككى يىل جەريانىدا خەنزۇتىلى ۋە ئېنگلىز تىلىدا مەلۇم سەۋىيە ھازىرلاش ئۈچۈن بېكىتكەن ئىككى يىل بولسىمۇ مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئادەمنى روھى جەھەتتە قەھەتچىككە دۇچار قىلىدىغان ،كۆڭۈلنى ئۆلتۈرىدىغان ،سالامەتلىكنى تۈگەشتۈرىدىغان ئىككى يىل بولدى. شۇنداق قىلىپ كۆڭۈلگە پۈككەن ئارزۇ ئارمانلار ھالسىراپ تۈگەي دېگەنددە ئاشقازانلار فۇنكىسيىسنى تېخى تولۇق يوقىتىپ بولالماستا جەنۇبى جوڭگۇدىكى قالاق ،مەينەت ،يامغۇر بېسىپ كەتكەن ئاشۇ شەھەردىن ئايرىلىپ پايتەخىتكە كەلدۇق .
          قارىغاندا ئىككى يىل ئىچىدە پويىز ئالمىشىپ مېڭىپ كۆرۈپ كەتكەن شەھەرلەر كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ  ئەيتاۋۇر بېيجىڭ ئالاھىدە تەسىرات بەرمىدى . بۇ يەردە قىلىدىغان بىردىنبىر ئەھمىيەتلىلك ئىشنىڭ پەقەتلا ئۈگۈنۈش بولىدىغانلىقىغا كۆزۈم يېتىپ قالدى . مېنى بۇ يەردە تېخىمۇ «نەس باسقان«دەك تۇراتتى . چۈنكى ياتىقىم  بىلەن ئوقۇۋاتقان يېرىمنىڭ ئارلىقى ئىككى بېكەت كېلەتتى ،بۇ مېنىڭ ھەركۈنى ئاز دىگەندە ئۈچ نامازنى سىرتتا ئوقۇيدىغىنمدىن دېرەك بېرەتتى .پۈتكۈل ياتاق بىنارىمدا بىر ئۇيغۇر ياتاتتىم ،بۇ  مېنىڭ ئەگەر ئالاھىدە ئىشلار بولۇپ قالسا ،ئاغرىپ قالسام ،،،خۇدانىڭ ھۆكۈمىنى كۈتۈپ ياتماقتىن باشقا چارە يوقلىقىنى بىلدۈرەتتى. ھەقىقەتەنمۇ  شۇنداق ئاغرىپ قالغان چاغلىرىمدە ياتىقىمدىكىلەر دەرسكە چىقىپ كېتىپ ئۇلار قايتىپ كەلگۈچە كۈنلەپ كۈنلەپ ئاچ ياتقان چاغلىرىم بار 
    ئىدى..خۇداغا شۈكرى ئېيتقىنىم شۇ بولدىكى مەن ئىنستىتۇت بويىچە بىردىنبىر ئۇيغۇر ئەمەس ئىدىم ،مەندىن يۇقىرى قاراردا بىر قانچە ھەدىلىرىم بار ئىكەن ...
                 ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ بالدۇر خۇشال بولۇپ كەتكەنلىكىمنى بايقىدىم ،چۈنكى <<ئەسسالامۇئەلەيكۇم >>جاۋاپسىز قالغان ،باشقا گەپلىرىمگىمۇ ئۆلچەملىك خەنزۇچە جاۋاپ ئالغان ئىدىم. ئەڭ غەزەپلەندۈرگىنى ئۇلارنىڭ بېشىمدىن پۇتۇمنىڭ ئۇچىغىچە سالغان نەزىرى بولدى .مەن ئۇلاردىكى مودا كىيەلمىگەن، بېشىمدا <<جەنۇپتىكى دېقان چوكانلار >>ئارتىۋالىدىغان نىپىز ھېلھىلە ياغلىقىم بار ئىدى . ئەمما ئۇلارنىڭ ئۇچىسىغا قاراپ قاراشقىمۇ خىجىل بولۇپ قالدىم . دۇنيادا پۈتۈنلەيلا ئەسكى ياكى ياخشى ئادەم بولمىغىنىدەك ئۇلارنىڭمۇ خېلى يامان ئەمەس تەرەپلىرى بار ئىدى ،يەنى ئۇلار ناھايىتى تىرىشچان ،ئىجتىھات بىلەن ئۈگۈنىدىغان بولۇپ بۇ تەرىپى ئۆرنەك قىلشىمغا ئەرزىيتتى .ئۇلار ماڭا قانداق ئۈگۈنۈش ھەققىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى دەپ بەردى ،مەنمۇ تەدرىجى ئۇلار بىلەن ياخشى بولۇپ كەتتىم ،ئاستا ئاستا ئۇلارغا ئوخشاشقا باشلىدىم ، 
    ئەمما نىمىشقىدۇر كونا دوستلىرىم بىلەن ،ئائىلەمدىكىلەر بىلەن ئارلىقىم يىراقلىشىشقا باشلاۋاتاتتى.
             
    شۇنداق قىلىپ خەنزۇچە سەۋىيەم مەن بىلەن تەڭ تەييارلىقتا ئوقۇپ كەلگەنلەرگە باققاندا كۆپ ياخشىلاندى ،تۇرقۇممۇ كۆپ مەدەنىيلەشتى ،مىنكاۋخەن ئوغۇل دوستمۇ بار بولدى ،نامىزىم قالدى ،ياغلىقىم قالدى ،ئانا تىلىم كالۋالىشىپ پاساھىتىنى يوقاتتى ،نورۇز ،ھېيت بايراملانىڭ ھاياجىنى نەلەرگە ئۇچۇپ كەتتى ...
              ئۈگۈنۈش قىلاتتىم ،ئەجرىم كۆپ ئىدى ،ئۈلگىلىك جۈملىلەرنى توختىماي يادلايتتىم ،تىل سەزگۈسى شەكىللەنگندەك قىلمايتتى ،ئۈگۈنۈشۈم بەك جاپالىق بەك جاپالىق ئىدى . مۇشۇنداق داۋاملىشۋاتقان كۈنلەردە ھەدىلىرىم «رۇس تىلى كەسپ 4-دەرىجىلىك ئىمتاھانى«دىن ئۆتەلمىدى .پۈتۈن فاكۇلتىت بويىچە شۇلاردىن ،شىنجاڭدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا ھەممىسى ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى ، ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى نەتىجىسىنىڭ ياخشىلىقى ھەممىگە مەلۇم بولغاچ بۇ ئىش ھەممىنى تاڭ قالدۇردى . <<مەن شۇنچە تىرىشىپ ئۈگەندىم ،ئەمما ئىتىراپ قىلىمەن مەن رۇس تىلى گىرامماتىكىسىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىنى ئەزەلدىن ھەقىقى چۈشىنىپ باققان ئەمەس ،مەسىلەن ‹سۈپەتداش ،رەۋىشداش›دىگەنلەرنىڭ نېمىلىكىنى ئەزەلدىن بىلىپ باقمىدىم ،يەنە بىرى گەرچە خەنزۇچە مېنىڭ ئانا تىلىمدەك بولسىمۇ ،مەن  خەنزۇلار بىلەن شۇنداق ياخشى ئۆتسەممۇ 
    مەن يەنىلا مەڭگۈ ئۇلارغا تەۋە بولالمىغۇدەكمەن،ئۇيغۇرلار بىلەن ئەسلى ...>> ئۆز كۆڭلىدىكىنى ئىزھار قىلدى بىر ھەدەم .
          شۇنداق ،ئۇلار چۈشىنەلمەيتتى ، چۈنكى ئۇلار ئەزەلدىن ئۆز تىلىنىڭ گىرامماتىكىسىنى ئۈگۈنۈپ باقمىغان ،ھەتتا ئۆز ئىسمىنى قانداق يازىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى ، ئۇلار ناچار ،يولدىن چىققان قىزلار ئەمەس ئىدى ،ئۇلاردا مىللى خاسلىق ئۇقۇمى بولمىغاچقا يات مىللەت قىزلىرىنى دورىۋېلىپ شۇنداق يامان قىزلارغا ئوخشاپ قالغان ئىدى . 
    ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى ئۆزلىرىنىڭ يات مىللەتكە تەۋە ئەمەسلىكىنى بىلەتتى ،ئەمما كىچىكىدىن يات مىللەت بىلەن چوڭ بولغاچقا ئۆز مىللىتىگىمۇ قوشۇلۇپ كېتەلمەيتتى ،ئەمما قوشۇلغۇسى بار ئىدى .....
         شۇ ئىشتىن ، شۇ سۆھبەتتىن  كىيىن  مەندىكى ئۈنۈمسىزلىك ،غېرىپلىقنىڭ سەۋەبىنى بىلگەندەك بولدۇم . چۈنكى مەن ئۆزۈمنى ،مىللىيلىكىمنى ،مىللىلىتىمنىڭ ئەڭ زور خاسلىقى بولمىش ئانا تىلىمنى 
    يوقىتىشقا ،چەتنەشكە باشلىغان ئىدىم ...
           ئۆزۈمنى ئىزدەش يولىغا ئاتلاندىم ،ئائىلەمدىكىلەر كۈلۈپ باقتى ،دوستلىرىم قايتىپ كەلدى . مەن ئاخىرى ئۆزەم بولغان ئىدىم . شۇنداق مەن يەنىلا مەن ئىدىم ،مەن مەڭگۈ باشقا بىر كىم بولالمايتتىم ،مەڭگۈ باشقا تىلدا ئانا تىلىمدىن ئۆتە سايرىيالمايتتىم . ئۈگۈنۈشىمدە ھاسىلاتلار ،ئۈنۈملەر كۆرىلىۋاتاتتى...روھىي ئويغۇنۇش داۋام ئەتمەكتە ئىدى!...

     

    ئاپتور: تۇرايىمىز يازغۇچىسى رىتا 1028


    بۇ يازمىنىڭ ئىشلىتىش ھۇقۇقى رىتا رۇس تىل ئۆگىنىش بلوگى ۋە ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا مەنسۇپ.ناۋادا كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز تۇرايىمىزنى ۋە مەزكۇر يازما ئادرىسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ.باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىش ئەخلاقنىڭ جۈملىسىدىندۇر.





    评论

  • تىما ھەقىقەتەن جانلىق چىقىپتۇ.
    مەن بۇ يەردە سىلەرگە "ئۇيغۇر تىلى يۇقىلامدۇ؟"دېگەن تىمىنىمۇ تەۋسىيە قىلىمەن. كۆرۈپ باققايسىلەر.
    http://ilqut.blogbus.com/logs/54973151.html

    يەنە تەۋسىيە قىلىدىغان مەزمۇنلار:
    ﺩﯦﻠﻮ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﻛﯩﺮﺯﺳﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ
    http://ilqut.com/blog/article.asp?id=121
    مەزكۇر يازما سەل ئۇزۇن بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەردە ھەممىسىنىڭ ئادرىسىنى تەمىنلەش تازا قۇلاي بولماي قالدى، شۇڭا قىزىققۇچىلار مەنبەگە كىرىپ كۆرۈپ چىققىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
    بۇ بىر ھەقىقى ئويلىنىش تىمىسى بولغان يازما. شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ تىمىغا توغرا مۇئامىلە قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

    ئۇيغۇربەگ回复پەنگىيار说:
    ئاچامنىڭ تۇنجى ئەسىرى بولۇپ قالدىغۇ بۇ!...ماقۇل ، مەن ۋاقىت چىقىرىپ كۆرۈپ باقاي،سىز تەۋسىيە قىلغان تېمىلار چوقۇم نوچى،ئويلىنىشقا،ئوقۇشقا تىگىشلىك...
    2009-12-27 18:08:05
  • ئوبدان يازما بولۇپتۇ.
    مىنىڭ قىز دوستۇممۇ مىكاۋخەن ، مەن مىنكاۋمىن. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ بىرخىل قايسى مەدىنيەتكە تەۋەلىكىدىن يىتىمىسىراش يالتىغان يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا بىرخىل يوقسىزلىقتىن ئۆرتەنگەن قەلىبنىڭ زارىغا گۇۋاھ بولۇۋاتقاندەك تۇيغۇ بولىدۇ. ئۇ نۇرغۇن تىللارنى (7-8ئەتراپىدا) بىلىدۇ. لىكىن يۈرەكنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يىرىگە تىەىدىغان ساب تىۋىشلىرى يەنىلا ئانا تىلىدا ھەقىقى ئىپادىلىنىدۇ.كۆپ سۆزلىمەي . ھەممىمىزنىڭ باشقىلار ئۈچۈن ئەمەس ئۆزىمىزنىڭ ھازىرى ، كەلگۈسى ھەققىدە باشنى قاتۇرۇپ ئويلايدىغان ، مىللەت-مىللەت دەپ قۇرۇق شۇئارنىلا ئەمەس بەلكى ئويغىنىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى ئىزدەيدىغان ۋاقتىمىز كەلدى.
    ئۇيغۇربەگ回复نەزەرى说:
    ئەسسالام قېرىندىشىم،كۆڭلىگىڭىزدىكى گەپنى دەپ بەرگىنىڭىزگە مىڭ قەتلە شۈكرى!...سىلەردە مۇشۇنداق ئارمان بولغانىكەن،ۋاقىت ھېلىمۇ بار،كىچىكمەيسىلەر.سىز بولسا قىزدوستىڭىزغا كۆپرەك ئۆگىتىڭ،رېغبەتلەندۈرۈڭ،ئىلھاملاندۇرۇڭ.مۇشۇنداق ئاكتىب كەيپىيات كۆپ داۋاملاشقا روھىي كىملىكىمىز بىزدىن ئۇزاپ كەتمەيدۇ!...سىلەرگە بەخت تىلەيمەن!...
    2009-12-25 22:42:33