• ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،بىلىم ئېلىش يۇلىدا ئىزدىنىۋاتقان قېرىنداشلىرىم،ئاللاھ ئىگەم ئىرادەڭلەرگە مەدەت بەرسۇن.

    بۈگۈن مەكتىپىمىزنىڭ چەتئەلدە ئوقۇش ئۇچۇرلىرى مەركىزىگە بېرىپ ئۇيغۇرلارغا تولىمۇ ماس كىلىدىغان بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم.بۇنداق پۇرسەتلەرنىڭ باشقا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭمۇ ئېرىشىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ شۇ ھامان بىزگە ئالاقىدار جايلىرىنى ئۈزۈندە قىلىپ ئېلان قىلدىم.قىزىقىدىغانلار كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.

     

    مەكتەپ ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە:

    نېۋكاستېل ئۇنىۋېرسىتىتى بولسا يېقىندىن بىرى تەرەققىياتى ناھايىتى ياخشى بولغان خەلىقئارالاشقان ئوقۇش تۈزۈمىدىكى ئالىي مەكتەپ،شۇنداقلا ئاۋسىترالىيەدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تەتقىقات ئۇنىۋېرسىتىتى.بۇ مەكتەپ تەتقىقات ڧوندى ھەمدە تەتقىقات نەتىجىسى جەھەتتە دۆلەت بۇيىچە 9-ئورۇندا تۇرىدىكەن.

     

    ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ھەققىدە:

     

    بۇ مۇكاپات پۇلى ئاۋسىترالىيە نېۋكاستېل ئۇنىۋېرسىتىتى بىلەن جۇڭگو دۆلەتلىك چەتتە ئوقۇيدىغانلار ڧوندى باشقۇرۇش كومىتتىتى بىرلىشىپ باشقۇرۇدىغان ڧوند بولۇپ،جۇڭگۇدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارغا بىرىلىدىكەن.ھەريىلى تەخمىنەن 50 نەپەر جۇڭگۇلۇق بۇ مۇكاپاتتىن بەھرىمەن بولالايدىكەن.(ئىنشائاللا،50نىڭ ئىچىگە بىزدىن بىرەرى كىرىپ قالار)

     

     

    داۋامىنى مەزكۇر يازمىدىن كۆرۈڭ


  •  يامغۇرلار تاراسلاپ يېغىۋاتقان ئاشۇ كۈنى ئارقىڭغا بۇرۇلۇپ قويمايلا كېتىپ قالغانىدىڭ گۈلۈم.ئايمۇ قىيا باقاي دەپ ئويلىدى دەيمەن،قاپقارا بۇلۇتلار ئارىسىدىن مارىلاپ.يامغۇرلار ھىچ توختاي دېمىدى،ئىچى ئاغرىغاندۇ ماڭا بەلكىم،ياشلىرىمنى كۆرسەتمەسلىك ...
  • گۈليارىخان (ناخشا تېكىسىتى)
     مەردان تاتلىق

    گۈلۈم گۈليار ئەمەسمۇ ئا،يۇرتۇم قەشقەر ئەمەسمۇ.
    ئا بىزنى يامان دىگەنلەر،ئۆزى ۋەيران ئەمەسمۇ.
    گۈليارىخان بويلارىڭ ساز ۋاي دادەي....

    سۆزەك قىلما دىگەنلەر ئا،سەتەڭنى تاللاپ سۆيگەنلەر،
    ئايدا يىلدا كەپ قويۇپ،يۈرەك باغرىمنى ئەزگەنلەر،
    گۈليارىخان بويلارىڭ ساز ۋاي دادەي....



  • 14-يانۋاردىكى ئۇچۇرلاردا دىيىلىشىچە،بەزى تورداشلار مەركىزىي تېلىۋىزىيە(CCTV)تورى يېقىندا بىردىنلا <<مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىزدەش ماتورى>>دەپ مۇستەقىل بىر ئىزدەش ماتورىنى ئېلان قىلغان(ئادرىسى:search.cctv.com)بېراق،بۇ ئىزدەش ماتورىنىڭ ئىزدەش دائىرىسى پەقەتلا مەركىزىي تېلىۋىزىيە تورىنىڭ ئىچىگىلا ئىشلەيدىغان بولۇپ،ئىزدەش نەتىجىسى ناھايىتى شۇ مەزكۇر تورغا قاراشلىق ھەرقايسى بەت ۋە بلوگلارنىڭ خەۋەر،سۆرەت،فىلىم،توربەت ۋە ئىنكاس قاتارلىق مەزمۇنلارنىلا تاپالايدىغان بولۇپ،گۇگېل،بەيدۇ قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئۆز تور دائىرىسىدىن ھالقىپ چىقالمايدىكەن.