-
مەن سېنىڭدىن رەنجىيمەن گۈلۈم 2010-11-03
يامغۇرلار تاراسلاپ يېغىۋاتقان ئاشۇ كۈنى ئارقىڭغا بۇرۇلۇپ قويمايلا كېتىپ قالغانىدىڭ گۈلۈم.ئايمۇ قىيا باقاي دەپ ئويلىدى دەيمەن،قاپقارا بۇلۇتلار ئارىسىدىن مارىلاپ.يامغۇرلار ھىچ توختاي دېمىدى،ئىچى ئاغرىغاندۇ ماڭا بەلكىم،ياشلىرىمنى كۆرسەتمەسلىك ... -
ئۇيغۇربەگ : كاشىغەرىينىڭ ئوغلىمەن!... 2010-01-01
بۇ ئەسەر،ئەسلى مەكتىپىمىزدىكى مىللىي بالىلار بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن نەۋرۇز بايرىمىغا ئاتاپ يازغان بولۇپ،2008-يىل مەھمۇد كاشىغەرىي يىلىنى قۇدلۇقلاش،ھەمدە بوۋىمىزنى مەھمۇدنى كۈيلەش ئۈچۈن يېزىلغان.بۇ شېئىرنى مۇشۇ كەمگە قەدەر مەن يازغان بىردىنبىر سۈپەتلىك شېئىر دىسەممۇ بولىدۇ،ئەمىسە،دىققىتىڭلار تۆۋەنكى قۇرلاردا بولسۇن ھە!(ياخشى يازالمىغاندىكىن،شېئىر ئۇستىلىرى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈپ كەتمەيلى ھە،خىجىل بوپقالسام ….)
ئۇنىڭ تىلى ئەينى چاغ ئەرەب بىلەن بەسلەشكەن،
پارس قېلىپ كەينىدە،باشقا تىللار سەتلەشكەن.
ئەڭ مۇھىمى ئۇ تىللەن <<دېۋان>>ىمىز خەتلەشكەن،
ئەل قەلبىدە كۆكلىگەن كاشىغەرىينىڭ ئوغلىمەن!
مانا ئاشۇ<< دېۋان>>دىن تەنلەر بىر يىل يايرىغان،
مەشرىق تامام مەغرىبچە پۈتكۈل جاھان قاينىغان،
مەھمۇد روھى ئەۋلادتا كۆچەت بولۇپ ئاينىغان،
بىزگە روھىي كۈچ بەرگەن كاشىغەرىينىڭ ئوغلىمەن!
ئۇ-غەزىنە بىز ئۈچۈن، نەچچە ئەسىر قازغۇدەك،
ئۇ-خەرىتە بىز ئۈچۈن،دەۋر بويلاپ ماڭغۇدەك،
ئۇ-ۋەزىپە بىز ئۈچۈن،داستان-شېئىر يازغۇدەك،
بىزگە ئۆچمەس ئىز سالغان كاشىغەرىينىڭ ئوغلىمەن!
داۋامىنى مەزكۇر يازمىدىن كۆرۈڭ...
-
ئاق يول بولسۇن،دېھقان دادا... 2009-12-29
ئەتىسى،چۈشكە يېقىن ئاخىرى چىدىماي ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ سالاملاشتىم،ئەھۋال سوراش جەريانىدا بىلدىنكى بۇ كىشىلەر قەشقەرنىڭ مەلۇم ناھىيىسىدىن كەلگەن دېھقانلار بولۇپ مەركەزگە ئەرز-شىكايەت قىلىش ئۈچۈن سەپەرگە چىققانىدى.<<بىزنى بوزەك قىلغانلار ئۆزىمىزنىڭ خەقلىرى!...يەرلىرىمىزنى،قوي-پادىلىرىمىزنى تارتىۋالدى!>>دېدى ياشتا كىچىكرەك بىرى.<<نىمىشقا ئۈرۈمچىدىن بىۋاستە يولغا چىقماي بۇ يول بىلەن يۈردۈڭلار؟ ئۈرۈمچى بىلەن ماڭساڭلار بېيجىڭغا بىۋاستە بارىدىغان پويىز بارئىدىغۇ؟>>دەپ سورىدىم مەن،چۈنكى بۇ لىنىيەدە ماڭسا يەنە بىرنەچچە يەردە پويىز ئالمىشىشقا توغرا كىلەتتى،ئۇنىڭ ئۈستىگە يول ئۇزىراپ كىتەتتى.<<ھەممىسى پۇلنىڭ يوقلىقى ئۇكام(گەرچە بۇ كىشى مېنىڭ دادامدەك كۆرۈنسىمۇ مېنى ئۇكام دىدى).بىز سۈرۈشتۈرۈپ باقتۇق،بۇ يول بىلەن ماڭساق كىراغا بىرىمىزگە 30 كويدىن 120 كوي تىجىلىدىكەن!>>دەپ جاۋاب بەردى ياشتا ئەڭ چوڭ كۆرۈنىدىغان بوۋاي. بۇ كىشى 76گە كىردىم دىگەنىدى.قالغانلىرىمۇ 71،45،30 ياشلىق ئاكاشلار،داداشلار ئىدى.
ھەي،تۇرمۇش قاتتىقچىلىقى!...پويىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئۈنلىرى قۇلىقىمغا كىرمەيتى.يۈرۈكۈم بىر نەپەس توختاپ قالغاندەك ھىس قىلدىم.لېكىن،كاللام قىمىرلاۋاتاتتى.نىمىنى ئويلاۋاتقانلىقىمنى بىلمىدىم.تۇرمۇش قاتتىقچىلىقى!...تۇرمۇش قاتتىقچىلىقى!...رەھمەتلىك چوڭ ئاپام رەھمەتلىك ئاتامنىڭ تۇرمۇش قاتتىقچىلىقىدا چوڭ بولۇپ پىشىپ يىتىلگەچكە ئىسلاھات ئېچىۋىتىشنىڭ بېشىدىكى ئەۋزەل شارائىتتا شۇنداق نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى،بۇدېھقانلار بولسا تۇرمۇشنىڭ قاتتىقلىدىن ئۆزىمۇ بىلمىگەن يەرگە ئادالەتكە ئاتلانغانىدى.
ئوتتۇرىدا نۇرغۇن پاراڭلار بولۇندى،مەن تىڭشاپ ئولتۇردۇم.بۇلارنىڭ ئاغزىدىن مىللەت،ۋەتەن،زۇڭتۇڭ دىگەن گەپلەر چىقمايتى.مەھەللىسىدىكى قىززىق ئىشلارنى بىر بىرىنىڭ ئەسلىرىگە سېلىشىپ،ناھايىتى خۇشال-خۇرام ئازادە ئولتۇراتتى.بۇ چاغلاردا باياقى قاتتىق غېرىبلىقىم يوقاپ كەتكەنىدى....داۋامىنى مەزكۇر يازمىدىن كۆرۈڭ!...
-
بۈگۈن،مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغ بىركۈندە،يۇرتىمىزدىن ئايرىلىپ باشقا بىر شەھەردە،باشقا بىر يۇرتتا بۇ ئەنئەنىۋى بايرىمىمىزنى ئۆتكۈزۈ
پ تۇرۇپتىمىز،شۇ تاپتا بۇ شادلىقتىن پۈتكۈل شېنجېن ئۇنىۋېرسىتىتى شۇنداقلا پۈتكۈل شەھەرئۆزگىچە بىر تۈسكە كىرىپ تۇرۇپتۇ.بۈ خاسىيەتلىك مىنۇتلاردىن نەچچە كۈندىكى قەھرىتان سوغۇق باھارنىڭ ئىللىق ئاپتىپىغا ئايلىنىپ تۇرۇپتۇ.مانا بۇ ھېيت شادلىقىنىڭ قۇدرىتى! مانا بۇ ھېيىت شادلىقىنىڭ خاسىيىتى! مانا بۇ ھېيىت شادلىقىنىڭ ماھىيىتى!دېمەك، بىزنىڭ بۇ شادلىقتىن پەخىرلىنىش ھوقۇقىمىز بار،چۈنكى بۇ ھېيىت بىزنىڭ،چۈنكى بۇ شادلىق بىزنىڭ،چۈنكى بۇ ھاياتلىق بىزنىڭ!(ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈملە يۇقىرى ئېنتۇناتسىيىدە ئوقۇلىدۇ)
گەرچە، بىزگە ھېيىتلىق خۇشاللىقى ئاتا قىلىدىغان ئۇرۇق-تۇققانلىرىمىز يېراق يۇرتتا قالغان بولسىمۇ ئەمما بىزگە يېقىنلىق ھىس قىلدۇرىدىغان دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئورتاق خۇشاللىقتىن بەھىرلىنىپ ئولتۇرۇپتىمىز.گەرچە،بىزگە خۇشاللىق ئاتا قىلىدىغان ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىمىز يۈرىكىمىزدە يادلىنىپ تۇرغان بولسىمۇ،ئەمما بىزگە شادلىق ئاتا قىلىدىغان بۇ ھېيىت يىغىلىشى بىزگە يېڭىچە قىممەتنى تونۇتۇپ تۇرۇپتۇ.دىمەك بۇ يەردە بىز يالغۇز ئەمەس،بىز غېرىب ئەمەس.مەيلى بىز نەگىلا بارايلى،قۇربان ھېيىت شادلىقى بىزدىن ھەرگىز ئۆكسۈمەس!
-
ھەققىدە(Bachelors Day)بويتاقلار بايرىمى 2009-11-11
يېقىنقى يىللاردىن بىرى بويتاقلار بايرىم
ى(Bachelors Day,光棍节) دىگەن بۇ يېڭىچە بايرام يېڭىچە مودا بايراملارنىڭ بىرسىگە ئايلاندى.بۇ بايرام تورنىڭ چەكلىمىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ھەتتا ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۈچ كۆرسۈرۈش ھالىتىگە ئۆتۈش باسقۇچىغا كىردى.چەتتىن كىرگەن بايرام ھېسابلىنىدىغان بۇ بايرامنى چۈشۈنۈش ، چۈشەنگەن ئاساستا قوبۇل قىلىش كېرەك
مۇ ياكى شاللاش كىرەكمۇ دىگەن مەسىلىگە جاۋاب تېپىش ئۈچۈن بۇ بايرام ھەققىدە ئازراق توختىلىش ئۆتۈشنى زۆرۈر تاپتىم.