-
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار،
ئىمتىھان ۋە تەتىل مۇناسىۋىتى بىلەن تۇرايىمىزنى ۋاقىتلىق تاقاش ئالدىدا تورۇپتىمىز.ئەسلىدىكى پلان بۇيىچە تەرجىمە قىلىپ تارقىتىشقا تەييارلىق قىلىپ قويغان بلوگ ئۇسلۇبلىرىنى ھاجەتمەنلەرنىڭ كۆرۈشى ئۈچۈن ئالدىن يوللاشقا تەڭشەپ قويدۇم،يەنى مەن ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن تۇرايىمىزدا قەرەللىك ھالدا ئۆزلۈكىدىن ئۇسلۇب ۋە يازمىلار ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ.ئۇسلۇبقا ئېھتىياجلىق دوستلار ئاشۇ ئېلان بېتىگە كېرىپ ئىنكاس قالدۇرۇپ قويسا بولىدۇ،تەتىلدىن قايتىپ ئىنكاسلارغا ئاندىن جاۋاب قايتۇرالايمەن!...
بىرقىسىم تەۋسىيىلىك بلوگ ۋە تور بەتلەرنى ھۇزۇرۇڭلىغا سۇندۇم:
مەرىپەت تورى: http://www.meripet.com/
مەرىپەت تورى: http://www.meripet.org/
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى: http://uyghuracademy.org/uyghur/
ئىلقۇت تورى: http://ilqut.com/
ئىلقۇت بلوگى: http://ilqut.com/blog/پرىستان بلوگى: http://pristan.blogbus.com/
مۇنبەر ئىسلام تورى: http://www.islammunbiri.org/ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى!
-
تۇرايىمىز سەھىپىلىرى رەتلەندى. 2010-01-14
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تۇرايىمىزنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى،
تۇرايىمىزنىڭ خاراكتىرىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش مەقسىدىدە ئەسلىدە تەسىس قىلغان سەھىپىلىرىمىز ئاساسىدا رەتلەش ئېلىپ باردۇق.
ئەسلىدىكى سەھىپىلەردىن <<مەشھۇر شەخىسلىرىمىز>> <<مىللەت ۋە مەدەنىيەت>>سەھىپىسىگە قۇشۇۋېتىلدى.<<تىل ئۆگۈنۈش سالونى>>سەھىپىمىز <<ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن>>سەھىپىمىزگە قۇشۇۋېتىلدى.يېڭىدىن <
>سەھىپىسى قۇشۇلدى. بۇنىڭدىن كىيىن <<تىل ئۆگىنىش سالونى>>غا ئائىت يازمىلار يوللانمايدۇ.
-
1.مەزمۇنى دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە ئالاقىدار نىزاملارغا زىت بولغان، قۇتراتقۇلۇق خاراكتېرنى ئالغان ھەرقانداق ئەسەر يوللانغان بلوگ تۇرايىمىزغا قوشۇلمايدۇ. ھەرقانداق سىياسىيغا ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى، زىمىن پۈتۈنلۈكى، ئوبرازىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان، مىللەتلەر بىخەتەرلىكى ۋە ئاۋامنىڭ كۆڭۈل ئارامىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان مەزمۇن بايقالغان بلوگ قوشۇلمايدۇ، ئەگەر ئىلگىرى قوشۇلۇپ بولغان بولسا، شۇنداق ئەھۋال بايقالغان ھامان ئۆچۈرۈلۈپ تاشلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ھەرقانداق سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەتنى تۇرايىمىز ئۈستىگە ئالمايدۇ.
2. ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا ئۇلىنىش قىلىشقا بولىدىغان بلوگلار بىرىنچىدىن كۆرۈنۈش، ئۇسلۇب جەھەتتىن كۆركەم بولىشى، پاكىزە، ئازادە بولىشى كېرەك.چۈنكى بلوگ زىيارەت قىلغانلارغا ئالدى بىلەن سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ ئازادىلىكى، كۆركەملىكى چېلىقىدۇ.ئىككىنچىدىن بلوگىڭىزغا يوللىغان يازمىلار خەلققە پايدىلىق بولىشى كېرەك.كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىدىكى بلوگلار بىردەك قېتىلمايدۇ. ئۈچۈنچىدىن،بلوگىڭىزغا قۇيۇلغان ئېلانلار كۆپ ھەجىمنى ئىگەللىمەسلىگى كېرەك،چۈنكى زىيارەتچىلەر بلوگىڭىزغا ئېلان چەككىلى بارمايدۇ.
داۋامىنى مەزكۇر يازمىدىن كۆرۈڭ...
-
تۇرايىمىزنىڭ بەزى سەھىپىلىرى تاقالدى. 2009-12-13
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەلقۇت جەمەتى تور تۇرايىمىزنىڭ مېھمانلىرى
تۇرايىمىزنىڭ خاسلىقىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش يۈزىسىدە ئەسلى <<تارىخ دوقمۇشلىرىدا>>،<<ئەدەبىيات گۈلزارى>> نامىدىكى ئىككى سەھىپە تاقالدى،بۇ سەھىپىلەردىكى ماقالىلەرنى تۇرايىمىزنىڭ <<ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن>> سەھىپىسىگە يۆتكىدۇق،بۇنىڭدىن كىيىن بۇ ئىككى سەھىپىگە ئائىت يازمىلار يوللانمايدۇ.
بۇنىڭدىن كىيىن تۇرايىمىزدا چەتئەلدە ئوقۇش ئۇچۇرلىرى،چەتئەلدىكى داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ تۇنۇشتۇرۇلىشى، تۈرك ۋە رۇس تىلىغا ئائىت(قىسمەن ئىنگىلىز تىلى)بىلىملەر،ماتىرىياللار،بۇ تىللارنى ئۆگىنىش تەجرىبىلىرى،داڭلىق شەخىسلىرىمىز توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار،قىسمەن كومپىيۇتۇر – تور بىلىملىرى داۋاملىق ھۇزۇرۇڭلاردا بۇلىدۇ.<<شادلىق سەيناسى>>سەھىپىمىزدە چەتئەلنىڭ داڭلىق ناخشىچىلىرىنىڭ ۋەكىللىك ناخشىلىرى (تۇنۇشتۇرۇش،باھا قۇشۇلۇپ)، قىسمەن قىزىقارلىق مەزمۇندىكى يازمىلار داۋاملىق يوللىنىدۇ.<<دەۋر ۋە بىز>>سەپىسىگە ئاساسلىقى ئەركىن سىدىق،زۇلپىقاربارات(ئۆزباش)لارنى ئىچىگە ئالغان زىيالىي-ئالىملىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئاتاپ يازغان تۈرلۈك ئېسىل يازمىلىرى يوللىنىدۇ.
-
قۇربان ھېيىت-مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ناھايىتى مۇقەددەس بايرام ھېسابلىنىدۇ.اللە نىڭ ئەينى چاغدىكى ئەلچىسى بولغان ئىبراھىم ئەلەيھىسالام(ئولۇغ اللە ئول كىشىگە رەھمەتلەر ياغدۇرسۇن!)نىڭ اللە يولىدا ئۆز پۇشتى سۇلايمان ئەلەيھىسالامنى قۇربانلىق قىلىش ۋەقەسىدىن كىيىن داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان بۇ ھېيىت ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىكى يارقىن نۇرانىلەردىن بولۇپ قالدى.ھېيىت كۈنلىرىدىكى خۇشاللىقنى باشقا چاغدىن تاپقىلى بولمايدۇ.ھېيىت كۈنىدىكى تەنتەنىنى باشقا چاغدا كۆرگىلى بولمايدۇ.ھېيىت كۈنىدىكى بەخىتنى باشقا چاغدا ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.ھېيىت كۈنىدىكى خاسىيەتنى يېزىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ..
داۋامىنى مەزكۇر يازمىدىن كۆرۈڭ