-
تۇرايىمىزدىن سوۋغا <<مەرگەن سۈرى>> ئۇسلۇبى تارقىتىلىدۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تۇرايىمىزنىڭ ئەزىز مېھمىنى
بۈگۈنمۇ يەنە قولۇم قىچىشىپ بلوگباسنىڭ ئۇسلۇب تاللاش بېتىگە كېرىپ يۆرۈپ كۆك رەڭنى ئاساس قىلغان ئۆزۈم << مەرگەن سۈرى >> دەپ نام قۇيۇۋالغان بۇ ئۇسلۇبنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقتىم.
بۇ ئۇسلۇبنىڭمۇ بەت ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇشى ياخشىكەن،تېمىلار رەتلىك چىقىدىكەن.چاتاق يېرى يازما تېمىسىنى ئوڭغا يۆتكەش مەشخۇلاتىنى ئېلىپ بارغىنىمدا بەت يۈزىدە قالايمىقانچىلىق كىلىپ چىقتى.شۇنىڭ بىلەن يازما تېما،ئىنكاس قالدۇرۇش رايونى قاتارلىق جايلارنى ئەسلى ئورنىدا قويۇپ قويدۇم.بۇ ئۇسلۇبقىمۇ يېڭىدىن ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش ھۆججىتى ياساپ ئولتۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.بلوگباسنىڭ ئېلانلىرىغا ئۆزىڭىز ئامال قىلارسىز.
ئۇسلۇبنىڭ كۆرۈنۈشى تۆۋەندىكىدەك :
ئىشلىتىشنى خالايدىغانلار،كونا قائىدە بۇيىچە سىڭدۈرگەن ئەمگىكىم ئۈچۈن ئاستىدىكى تەرجىمە قىلغۇچى نامىنى چىقىرىۋەتمەسلىك ھەمدە تۇرايىمىزنى رەسىملىك ئۇلىنىش قىلىش تەلىپى ئاستىدا ئېلخەت ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويسا بولىدۇ،مەن بىۋاستە ئېلخەتكە ئەۋەتىپ بىرىمەن...
评论