• ھەققىدە(Bachelors Day)بويتاقلار بايرىمى

     

    يېقىنقى يىللاردىن بىرى بويتاقلار بايرىمى(Bachelors Day,光棍节) دىگەن بۇ يېڭىچە بايرام يېڭىچە مودا بايراملارنىڭ بىرسىگە ئايلاندى.بۇ بايرام تورنىڭ چەكلىمىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ھەتتا ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۈچ كۆرسۈرۈش ھالىتىگە ئۆتۈش باسقۇچىغا كىردى.چەتتىن كىرگەن بايرام ھېسابلىنىدىغان بۇ بايرامنى چۈشۈنۈش ، چۈشەنگەن ئاساستا قوبۇل قىلىش كېرەكمۇ ياكى شاللاش كىرەكمۇ دىگەن مەسىلىگە جاۋاب تېپىش ئۈچۈن بۇ بايرام ھەققىدە ئازراق توختىلىش ئۆتۈشنى زۆرۈر تاپتىم.

     

    بويتاقلار بايرىمىنىڭ ۋاقتى

    بويتاقلار بايرىمىنىڭ ۋاقتى ھەر يىلى ئون بىرىنچى ئاينىڭ ئون بىرىنچى كۈنىدە بولۇپ،ئەرەب رەقىمىدە ئىپادىلىگەندە  11.11 بولۇپ بۇ خۇددى رەسىم سۈپىتىدە قارىغاندا تۆت دانە كالتەكچە(تاياقچە)گە ئوخشاپ كىتىدۇ.بۇ تاياقچىلار ئايرىم تۇرغاندا تاق تاياق(تاياقچە) دەپ ئاتىلىدىغان بولغاچقا،بەزىلەر ئۇيغۇر تىلىدا بويتاق دىگەن سۆزگە يېقىن ئاڭلىنىدىغانلىقىنى بايقاپ بۇ سانلارنى بويتاق دىگەن مەنىگە ئىما قىلغان.شۇنداق قىلىپ 11.11 بويتاقلار بايرىمى كۈنىگە ئايلانغان. (بۇ ئۆزۈمنىڭ چىقارغان يەكۈنى،ئەمەلىيەتتە بويتاقلار بايرىمى ئۇيغۇرلارغا خەنزۇلاردىن كىرگەن)

     

    بويتاقلار بايرىمى چوڭ بويتاقلار بايرىمى(ھەر يىلى 11.11 ۋاقتىدا)،ئوتتۇرا بويتاقلار بايرىمى(ھەر يىلى11.1،1.11  ۋاقتىدا) ۋە كىچىك بويتاقلار بايرىمى (ھەر يىلى 1.1 ۋاقتىدا) دەپ تۈرگە بۈلۈنىدۇ.بىز ئادەتتە دەيدىغان بويتاقلار بايرىمى بولسا چوڭ بويتاقلار بايرىمىنى كۆزگە تۇتىدۇ.

     

    بويتاقلار بايرىمىنىڭ مەنبەسى

    خەنزۇچە توربەتلەردىن كۆرە بويتاقلار بايرىمى يا شەرقنىڭ يا غەربنىڭ مەھسۇلاتى بولماستىن،بەلكى، شەرق غەرب مەدەنىيەتلەر ئالمىشىش داۋامىدا،بولۇپمۇ 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردە پەيدىنپەي شەكىللىنىپ،21-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئاندىن شىددەت بىلەن دۇنياغا كېڭەيگەنىكەن.ئەلۋەتتە،ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بويتاقلار بايرىمى دىگەن بۇ بوۋاق بايرامنىڭ ئۇمۇملىشى خەنزۇ قاتارلىق مىللەتلەردەك ئۇنچە يۇقىرى ئەمەس،بىراق،ئالىي مەكتەپلەردە بولۇپمۇ ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ستودىتلىرىمىز ئارىسىدا بۇ بايرامنىڭ ئومۇملىشىشى گەۋدىلىكرەك.بۇنى،شۇ ستودىتلىرىمىزنىڭ مۇھىتىنىڭ تەسىر قىلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە.نۆۋەتتە بۇ بايرامنىڭ ئىچكىرىدىكى ستۇدېنىتلىرىمىز ئارىسىدىكى ئاساسلىق تەبرىكلەش شەكلى(بۇنى مەن ئۆزۈم كۆرگەندىن كىيىنكى ھىسلىرىم ئاساسىدائېيىتتىم) مۇنداق:

    1.يۈرگەنلەر بىللە چىقىپ(كەچ ۋاقىتلىرى)تاماق يىگەچ،ئۆزلىرىنىڭ بويتاق ۋاقىتلىرىدىكى كەچۈرمۈشلىرىنى ئېيتىشىش

     2.بويتاقلار يېغىلىشى قىلىپ،يىغىلىش داۋامىدا ئۆزلىرىنىڭ يېقىنقى ھالەتلىرىنى(يەنى،بىرەرسى بىلەن تۇنۇشقان ياكى قىزىشىپ قالغانلىقىنى)دىيىش ئارقىلىق ھەسرەتلىرىنى يەڭگىللىتىش ۋە ياكى قىز ئوغۇللار يىغىلىش قىلغان بولسا ئۆز-ئارا تۇنۇشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش

    .3كارا ئوكەي خانىلارغا بېرىش(بۇ بەك ئۇمۇملاشقان تەبرىكلەش) ئارقىلىق خۇشاللىقىنى ئىپادىلەش ياكى ھەسرەتلىرىنى يەڭگىللىتىش.

    4.مۇشائىرە يىغىلىشى. بۇ ئۇسۇل بىر قىسىم رومانتىكىغا تۇيۇنغان،ئەدەبىي تالانتى بار بويتاقلارنىڭ تاپقان ئۇسۇلى بولۇپ،مەن ھازىرچە ئىككى مەكتەپتىكى بالىلارنىڭ مۇشۇنداق يىغىلىش قىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم.

      

      

    خۇلاسىلىگەندە،تۈرلۈك ئامىللار تۈپەيلى،بويتاقلار بايرىمىنىڭ ئۇيغۇرلار ئەنئەنىۋى ئەخلاقىغا نىسپەتەن نۆۋەتتىكى تەسىرى ئانچە چوڭ ئەمەس،بىراق،كىيىنچە بۇ بايرامنىڭ غەيرىي تۈس بىلەن تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىپ ئەخلاق قارىشىمىزغا تەسىر قىلامدۇ يوق بۇنىسى ئېنىق ئەمەس،مەسىلە بىزنىڭ بۇ بايرامنى قۇبۇل قىلماسلىق ۋە ياكى قۇبۇل قىلىش داۋامىدىكى يوللۇ

    ق ئويلىنىشىمىزغا باغلىق.

     

     ئاپتور: تۇرايىمىز يازغۇچىسى ئۇيغۇربەگ

     

    بۇ يازمىنىڭ ئىشلىتىش ھۇقۇقى ئەلقۇت جەمەتى تور تۇرايىغا مەنسۇپ.ناۋادا كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز تۇرايىمىزنى ۋە مەزكۇر يازما ئادرىسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ.باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىش ئەخلاقنىڭ جۈملىسىدىندۇر.