-
ئۈگۈنۈش قىلاتتىم ،ئەجرىم كۆپ ئىدى ،ئۈلگىلىك جۈملىلەرنى توختىماي يادلايتتىم ،تىل سەزگۈسى شەكىللەنگەندەك قىلمايتتى ،ئۈگۈنۈشۈم بەك جاپالىق بەك جاپالىق ئىدى . مۇشۇنداق داۋاملىشۋاتقان كۈنلەردە ھەدىلىرىم «رۇس تىلى كەسپ 4-دەرىجىلىك ئىمتاھانى«دىن ئۆتەلمىدى .پۈتۈن فاكۇلتىت بويىچە شۇلاردىن ،شىنجاڭدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا ھەممىسى ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى ، ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى نەتىجىسىنىڭ ياخشىلىقى ھەممىگە مەلۇم بولغاچ بۇ ئىش ھەممىنى تاڭ قالدۇردى . <<مەن شۇنچە تىرىشىپ ئۈگەندىم ،ئەمما ئىتىراپ قىلىمەن مەن رۇس تىلى گىرامماتىكىسىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىنى ئەزەلدىن ھەقىقى چۈشىنىپ باققان ئەمەس ،مەسىلەن ‹سۈپەتداش ،رەۋىشداش›دىگەنلەرنىڭ نېمىلىكىنى ئەزەلدىن بىلىپ باقمىدىم ،يەنە بىرى گەرچە خەنزۇچە مېنىڭ ئانا تىلىمدەك بولسىمۇ ،مەن خەنزۇلار بىلەن شۇنداق ياخشى ئۆتسەممۇ مەن يەنىلا مەڭگۈ ئۇلارغا تەۋە بولالمىغۇدەكمەن،ئۇيغۇرلار بىلەن ئەسلى ...>> ئۆز كۆڭلىدىكىنى ئىزھار قىلدى بىر ھەدەم .
شۇنداق ،ئۇلار چۈشىنەلمەيتتى ، چۈنكى ئۇلار ئەزەلدىن ئۆز تىلىنىڭ گىرامماتىكىسىنى ئۈگۈنۈپ باقمىغان ،ھەتتا ئۆز ئىسمىنى قانداق يازىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى ، ئۇلار ناچار ،يولدىن چىققان قىزلار ئەمەس ئىدى ،ئۇلاردا مىللى خاسلىق ئۇقۇمى بولمىغاچقا يات مىللەت قىزلىرىنى دورىۋېلىپ شۇنداق يامان قىزلارغا ئوخشاپ قالغان ئىدى . ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى ئۆزلىرىنىڭ يات مىللەتكە تەۋە ئەمەسلىكىنى بىلەتتى ،ئەمما كىچىكىدىن يات مىللەت بىلەن چوڭ بولغاچقا ئۆز مىللىتىگىمۇ قوشۇلۇپ كېتەلمەيتتى ،ئەمما قوشۇلغۇسى بار ئىدى ...داۋامىنى مەزكۇر يازمىدىن كۆرۈڭ . ..
-
ھەققىدە(Bachelors Day)بويتاقلار بايرىمى 2009-11-11
يېقىنقى يىللاردىن بىرى بويتاقلار بايرىم
ى(Bachelors Day,光棍节) دىگەن بۇ يېڭىچە بايرام يېڭىچە مودا بايراملارنىڭ بىرسىگە ئايلاندى.بۇ بايرام تورنىڭ چەكلىمىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ھەتتا ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۈچ كۆرسۈرۈش ھالىتىگە ئۆتۈش باسقۇچىغا كىردى.چەتتىن كىرگەن بايرام ھېسابلىنىدىغان بۇ بايرامنى چۈشۈنۈش ، چۈشەنگەن ئاساستا قوبۇل قىلىش كېرەك
مۇ ياكى شاللاش كىرەكمۇ دىگەن مەسىلىگە جاۋاب تېپىش ئۈچۈن بۇ بايرام ھەققىدە ئازراق توختىلىش ئۆتۈشنى زۆرۈر تاپتىم.