• ئۇيغۇر تىلى يوقىلامدۇ؟

    2009-10-14


    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/48348005.html

    ئۇيغۇر تىلى يوقىلامدۇ؟
    تىلشۇناسلارنىڭ قارىشىچە تۆۋەندىكى ئىقتىدارلارنى ھازىرلىغان تىللار ئالدىراپ يوقالمايدۇ:
    1. نوپۇسى مىليوندىن ئاشىدىغان ۋە توپلىشىپ ئوتۇراقلاشقان مىللەتلەرنىڭ تىلى (ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى مىليوندىن ئاشىدۇ ۋە توپلىشىپ ئولتۇرارقلاشقان)؛
    2. يازما مەدەنىيەت مىراسلىرىغا، جۈملىدىن زامانىۋىي نەشرىيات ھوقۇقىغا ئىگە تىللار(ئۇيغۇر خەلقى تا ئورخۇن دەۋرىدىن تارتىپ گۈللەنگەن بىر مەدەنىيەتنىڭ ياراتقۇچىسى، تارقاتقۇچىسى ۋە ۋارىسى سۈپىتىدە مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرىدىن تارتىپ <<ئالتۇن يارۇق>>، <<مايتىرى سىمىت>> قاتارلىق بۇددىزىم مەزمۇنىدىكى، <<دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك>>، <<قۇتادغۇبىلىك>>، <<ئەتەبەتۇل ھەقايىق>> كەبى ئىسلام مۇھىتىدىكى ۋە 600 يىللىق چاغاتاي تىلى دەۋرىدە ناۋايى ۋەكىللىكىدىكى كاتتا يازما مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىگە. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇرلار ئېلىمىزدە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە زامانىۋىي نەشرىياتچىلىق خىزمىتىىدە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرماقتا. يىرىك رومانلىرىمىزلا 100دىن ئاشىدۇ.)؛
    3. فونېتىكىسى، لېكسىكىسى، گرامماتىكىسى تەتقىق قىلىنغان، بۇ ھەقتە مەخسۇس تەتقىقات ئەسەرلىرى بار تىللار (ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە يېزىلغان مەخسۇس ئەسەرلەر 10دىن، ئىلمىي ماقالىلار نەچچە مىڭغا يېتىدۇ. بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تارتىپ ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى كاتتا ئالىملارغىچە، تەكلىماكان باغرىدا ئۆسكەن ئۇيغۇر پەرزەنتىلىرىدىن ئېلىمىزدىكى داڭلىق خەنزۇ ئالىملىرىغىچە ئورتاق تىرىشىپ يورۇقلۇققا چىقارغان. دۇنيادا فونېتىكىلىق، لېكسىكىلىق ۋە گرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى تەتقىق قىلنغان تىللار 500 ئەتراپىدا)؛
    4. بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ زامانىۋىي ئۇچۇر ۋاسىتىسى ئىنتېرنېتتا ئورۇن تۇتالىغان تىللار (ئۇيغۇر تىلىدىكى تور بەتلىرى مىڭغا يېتىدۇ. ھازىر سەرخىل توربەتلىرىمۇ كۆپەيمەكتە.)؛
    5. سەرخىل زىيالىلىرى بولغان تىللار (ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىن ئانا تىل تەربىيىسىدە يېتىشىپ چىققان ۋە چىقىۋاتقان بىر تۈركۈم سەرخىل زىيالىلار بار.)؛
    بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر تىلى خىرىسقا دۇچ كەلدى. ئەمما بۇ بىرىنچى قېتىملىقى ئەمەس، ئۇيغۇر تىلى 600 يىللىق چاغاتاي تىلى دەۋرىدە مەدرىسلەردە، زىيالىلارنىڭ قەلىمىدە بويۇن قىسىپ قالغانىدى، ھەتتا <<ئەرەبى ھەسەل ئەست، فارىسى شەكەر ئەست>> ( ئەرەب تىلى ھەسەلدۇر، پارس تىلى شېكەردۇر) دېگەن شۇئار بىلەن ئەرەب، پارس تىلى يۈكسەك ئورۇنغا، ئۇيغۇر تىلى تۆۋەن ئورۇنغا قويۇلغانىدى. بۈرۈك ئەدىبب ئەلىشىر ناۋايى ئۆز ئىجادىيىتى بىلەن <<تۈركى ھۈنەر ئەست>>(تۈرك تىلى ھۈنەر -- ئىجادىىيەت تىلىدۇر) دەپ جاكارلىغان. ئەمما، ئەنە شۇ 600 يىللىق بوران -چاپقۇندىن ئامان ئېسەن دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن ئۇيغۇر تىلى ئىككىنچى قېتىم خىرىسقا دۇچ كەلدى. بىز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ئانا تىلغا  يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، سەمىمىي مۇھەببىتىمىز بىلەن مۇئامىلە قىلالىساق،  ئۇنى كۆز قارچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىساق يەنە نەچچىنچى ئەۋلادىڭىزمۇ ئۇيغۇر تىلى قاچان يوقىلىدۇ دەپ سورىمايدۇ.
    ئۇنى ئاسراش قانداق بولىدۇ؟
    ئۇنى ئاسراش ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇنى سۆيۈشتىن، ھۆرمەتلەشتىن باشلىنىدۇ؛ سىز ئۇنى ئانىڭىزنى ھۆرمەتلىگەندەك ھۆرمەتلىسىڭىز، كىيىمىڭىزنى ئاسرىغانچىلىك ئاسرىسىڭىز ياۋ سەن ياۋ لىڭ جۇ جۇ...... دېمەيسىز! ئۇنى ئۆز نام-ئابرويىڭىزنى قوغدىغاندەك قوغدىسىڭىز، ئۇنى بالىڭىزنى سۆيگەندەك سۆيسىڭىز شىندا، نوڭدا دېمەيسىز!ئۇنى يانفۇنىڭىزنى قەدىرلىگەنچىلىك قەدىرلىسىڭىز، قۇرسىقىڭىزغا ئامراق بولغانچىلىك ئامراق بولسىڭىز، ئۇيغۇرچە خەت يازغاندا ئىملاغا دىققەت قىلىسىز! ئەمدى قانداق قىلىش ئىختىيارىڭىزدا!
    مەنبە:ئورخۇن مۇنبىرى

    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us