-
چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا بىر قانچە تەكلىپ
مېنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زىيالىي ۋە لىدېرلەردىن كۈتۈۋاتقان زور ئۈمىدلىرىم ۋە ئۇلارنىڭ مەن ئۈمىد قىلىدىغان ئىشلارنى قىلالايدىغانلىغىغا زور ئىشەنچەم بار. بىراق مەن ھازىر چەت ئەلدە ياشاۋاتقان بولغاچقا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى زىيالىي ۋە لىدېرلەرگە بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىشى كېرەكلىگى توغرىسىدىكى ئۆز ئۈمىدىمنى ئوتتۇرىغا قويسام ئانچە مۇۋاپىق بولمايدۇ. شۇڭلاشقا مەن بۇ يەردە پەقەت چەت ئەلدە ئوقۇپ، ئوقۇشى پۇتكەندىن كېيىن چەت ئەلدە تۇرۇپ قالغان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزۈم مۇشۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە ئويلاپ يېتەلىگەن، ھەمدە ئۇشبۇ يازمىدا ئوتتۇرىغا قويۇشقا مۇۋاپىق كەلگەن بىر قىسىم ئىشلاردا ئورتاقلىشىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. مېنىڭچە چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار يۇرتىمىز ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى خەلقىمىز ئۈچۈن قىلىپ بېرەلەيدىغان ئىشلاردىن تۆۋەندىكىلىرى بار: (1) ئۇيغۇر كەشپىياتچىلارغا كەسىپ ۋە تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم قىلىش. يېقىنقى 2-3 يىلنىڭ مابەينىدە مەن ئۇيغۇر دىيارىدا بىر نەرسە كەشىپ قىلغان ياكى يېڭى ئىجادىيەت سەۋىيىسىدىكى بىر ئىدىيەنى ئويلاپ چىققان ئون نەچچە ئۇيغۇرلاردىن ئېلخەت تاپشۇرۇپ ئالدىم. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىگە قولۇمدىن كېلىشىچە مەسلىھەت ۋە ياردەم بەردىم. لېكىن، ۋاقىت ۋە زېھىن جەھەتتىن يېتىشەلمەي، ياكى كەسپىم توغرا كەلمەي، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە ھىچ قانداق ياردەمدە بولالمىدىم. چەت ئەلدىكى كەسپى توغرا كېلىدىغان ئۇيغۇرلار ئاشۇنداق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كەشپىياتىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنى خەلقئارادىكى ئەڭ يوقۇرى سەۋىيە بىلەن سېلىشتۇرۇپ، شۇ ئاساستا ئۇلارغا بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىشى كېرەكلىگى توغرىسىدا مەسلىھەت بەرسە، ياكى جۇڭگودا تېپىلمايدىغان بەزى نەرسىلەرنى چەت ئەلدىن تېپىپ، ئۇنى سېتىۋېلىش ئۇسۇلىنى دەپ بەرسە، بۇنىڭ ئاشۇ كەشپىياتچىلار ۋە ئىجادكارلار ئۈچۈن زور پايدىسى بولىدۇ. (2) يېڭى ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىغا كەسپىي ۋە باشقۇرۇش جەھەتتە ياردەم قىلىش ۋە مەسلىھەت بېرىش. ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خۇسۇسىي ئىگىلىك تىكلىشى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈپتۇ. بۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىدا ناھايىتى زور رول ئوينىشى مۇمكىن. چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئاشۇنداق ياشلارغا ياردەم قىلىشتا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايدۇ. (3) ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن چەت ئەلدە ھەقسىز ئوقۇش پۇرسىتىنى تېپىش ياكى ھازىرلاش، ھەمدە ئۇلارنىڭ چەت ئەلدىكى مەكتەپكە ئوڭۇشلۇق كىرىشىگە ياردەم قىلىش. بۇ جەھەتتە ھازىر چەت ئەلدىكى بىر قىسىم قېرىنداشلار ناھايىتى ياخشى ۋە ناھايىتى كۆپ ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. مەنمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى. لېكىن، بۇ ساھەدە بىزنىڭ كۈچىمىز زادىلا يېتىشمەيدىغان بولۇپ، مەن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ مۇشۇ سەپكە قوشۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. (4) ۋەتەندىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىش. مەن يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى بىر ئالىي مەكتەپنىڭ بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان بىر سىنىپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش سالاھىيىتىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاشۇ سىنىپتىكى 15 پىرسەنتتىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە 1000-12000 سوم دائىرىسى ئىچىدە پۇل قەرز بولۇپ قالغان بولغاچقا، ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىپلومىنى ئالالمايدىكەن. بۇ پۈتۈن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىكى بىر ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال ئىكەن. ئويلاپ بېقىڭ، بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى باشلانغۇچ 1-سىنىپىدىن 12-سىنىپىغىچە قاتتىق تىرىشىپ، نۇرغۇن جاپالارنى تارتىپ ئاندىن بىر ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ، يەنە 5-6 يىل ئاتا-ئانىسىنىڭ يۆلىشى ئاستىدا ئوقۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىر نەچچە مىڭ سوم جۇڭگو پۇلى (بىر قانچە يۈز ئامېرىكا دوللىرى) بولمىغانلىغى ئۈچۈن ئالىي مەكتەپ ئۇنۋانىغا ئېرىشەلمىسە، ئاشۇ ئوقۇغۇچى نىمە بولۇپ كېتەر؟ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تاكى ھازىرغىچە تايىنى بار مائارىپ فوندىدىن بىرسىمۇ تەسىس قىلىنىپ باقمىدى. مېنىڭچە بۇ ساھەدە چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار قىلالايدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار. (5) ئۇيغۇر دىيارىدىكىلەرنى چەت ئەلدە ئاسان تېپىلىدىغان، لېكىن يۇرتىمىزدا ئاساسەن يوق بولغان يېڭى ئۇچۇر ۋە بىلىم بىلەن تەمىنلەش. بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بۇ ساھەدە ئۇزۇندىن بۇيان ئىش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ھەر خىل تور بەتلەرنى قۇرۇپ، ۋەتەندىكىلەرنى ئۇچۇر ۋە بىلىم بىلەن تەمىنلەۋاتقانلار. ئەمما بۇ جەھەتتىكى ئىشلار يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس. چەت ئەلدە ئوقۇغاننىڭ پايدىسىنى ۋەتەندىكىلەرگە يەتكۈزۈش جەھەتتە قىلىنغان ۋە قىلىنىۋاتقان ئىشلار ناھايىتىمۇ يېتەرسىز. شۇڭلاشقا مەن بۇ قوشۇندىكى كىشىلىرىمىزنىڭ سانىنىڭ ھەسسىلەپ كۆپىيىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. ئەگەر سىز چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرسى بولۇپ، يۇقىرىقى 5 تۈرلۈك ئىشلارنىڭ بىرەرسى ياكى بىر قانچىسىدا سەييارە خىزمەت قىلىشنى خالىسىڭىز، مەن بىلەن ئېلخەت ئارقىلىق ئالاقىلاشقان بولسىڭىز: erkinsidiq @ gmail.com ۋەتەندىكى قېرىنداشلارنىڭ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۇقىرىقىدىن باشقا تەلەپ-ئىلتىماسى بولسا، ئۇنى يېزىپ، ماڭا ئېلخەت ئارقىلىق ماڭدۇرۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن ۋەتەندىكلەر تەكلىپ ياكى تەلەپ قىلغان ئىشنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ ياكى قىلدۇرۇپ بېرەلمەسلىكىم مۇمكىن، بىراق، ئۆزەم مۇۋاپىق كۆرگەن ئىشلارنى چوقۇم چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا تەشەببۇس قىلىپ بېرەلەيمەن. بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا مەن ۋەتەندىكى بىر دوستۇمدىن مۇنداق بىر ئېلخەت تاپشۇرۇپ ئالدىم (بۇ يەرگە چىقىرىشقا مۇۋاپىق بولمىغان جايلىرىنىڭ ئورنىغا كۆپ چىكىت قويۇپ قويدۇم): «خېتىڭىزنى ئوقۇۋېتىپ، كۆزلىرىمگە ئىختىيارسىز ھالدا ياش كەلدى. نېمىلەرنى ئويلىدىم، نېمىلەر ھەققىدە مۇلاھىزە قىلدىم.... بۇلارنى دەپ بولالمايمەن. بىراق، بىزلەرنىڭ نېمىلەر ھەققىدە ئويلايدىغىنىمىز ھەر بىرلىرىمىزگە كۈندەك ئايان. چەت`ئەلدىكى ھەر بىر ئۇيغۇر …قانداق ياشاشنى بىلگەن، ھىچ بولمىسا، ئەمدىراق بولسىمۇ ھىس قىلغان بولسا ئىدى... دەپ ئارمان قىلىمەن. … ئەمدى بىزگە لازىمى شۇكى، ھەر بىر ئۇيغۇر بالىسى، شۆھرەتلىك زات بولۇشتىن بۇرۇن ئادەم بولۇشى ھەم شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇيغۇر بولۇشى لازىم. بىزگە كېرىكى مۇشۇنداق روھ. دۇنيادا ئۇيغۇرنىڭ ئورنى بولمىسا ، بىزنىڭ ھېچنىمىمىز بولمايدۇ. ھەر بىرىمىز ئۇيغۇر ئاتلىق بىنا ئۈچۈن بىردىن كېسەك بولۇشىمىز كېرەك. ئۇيغۇرنىڭ جارچىسى، تەشۋىقاتچىسى، ئېلانچىسى... بولالىساق، ئارمانسىز ياشار ئىدۇق. .... دېگىنىڭىزدەك، بىر ئادەمنىڭ قانداق ياشاشنى بىلىشى، كىم ئۈچۈن ياشاشنى بىلىشى، ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك بەختى ئىكەن. خېلى كۆپلەر يازغۇچى، ئالىم ۋە مۇئەللىم بولالاپتۇ-يۇ، تېخىچە ئادەم بولالماپتۇ. …» ئاخىرقى سۆز ئالبېرت ئېنىشتىيىن يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بىز ھازىر دۇچ كەلگەن ناھايىتى مۇھىم ۋە ناھايىتى قىيىن مەسىلىلەرنى بىز ئۇلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋاقىتتىكى بىلەن ئوخشاش سەۋىيىدە تۇرۇپ تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلالمايمىز.» ئەگەر بىز ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى بىر قانچە ئەسىر ماباينىدىكى تارىخىغا ئوبدان سەپسېلىپ قاراپ باقىدىغان بولساق، ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يۈز بەرگەن چوڭ-چوڭ چېكىنىشلەرنىڭ خېلى كۆپلىرىگە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى سەۋەپچى بولغانلىغىنى بايقايمىز. بۇنىڭ ئەڭ يېقىنقى بىر مىسالى سۈپىتىدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان، خاتا تۈس ئالغان «قوش تىللىق مائارىپ پروگراممىسى» نى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. مۇشۇنداق چېكىنىشلەرنىڭ يۈز بېرىشىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يۇقىرى قابىلىيەتكە ئىگە لىدېرلەر ۋە لاياقەتلىك داھىلارنىڭ كەم بولۇشى، ۋە ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشى ناھايىتى چوڭ رول ئوينىغان. ئۇيغۇرلار بىر قۇدرەت تېپىش يۆنىلىشىگە قاراپ ماڭامدۇ ياكى تېخىمۇ چېكىنىش يۆنىلىشىگە قاراپ ماڭامدۇ، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قالالامدۇ-يوق، دېگەننى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى 5-10 يىل ئىچىدە تۇتىدىغان يولى بەلگىلىشى مۇمكىن. خەلقنىڭ توغرا تاللاش قىلالىشى ياكى قىلالماسلىغىدا ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئاممىۋىي، ئەنئەنىۋىي ۋە يېڭى تىپتىكى (يەنى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىش كۆرىدىغان) ئورگانىك زىيالىلار، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان لىدېرلار ناھايىتى كۈچلۈك رول ئوينىيالايدۇ. مەن ئۇشبۇ يازمامنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆزىدە بار بولغان زىيالىلىق ۋە لىدېرلىق تۇغما تالانتى ۋە يوشۇرۇن قابىليىتىنى تولۇق تونۇۋېلىشى، ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئۆز بۇرچى ۋە تارىخىي مەسئۇليىتىنى توغرا چۇشىنىۋېلىشىگە بىر ئاز ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن يېقىندا يېشى ھازىر 70 كە يېقىنلاشقان، پۈتۈن ئۆمرىنى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈستىدىكى تەتقىقاتقا بېغىشلىغان، جۇڭگو بىلەن ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىنى ئوبدان بىلىدىغان بىر ياۋروپالىق داڭلىق ئەرباپ بىلەن پاراڭلاشقان ئىدىم، ئۇ ماڭا: «ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىدا بىر چوڭ ياخشىلىنىش بولىدۇ. ئۇ ئۆزگىرىشنى مەن كۆرەلمەسلىگىم مۇمكىن، لېكىن ئۇنى سەن كۆرەلەيسەن»، دېدى. نۇرغۇنلىرىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ باشقىلارغا ئوخشاش قۇدرەت تېپىپ، پارلاق ئىستىقبالغا ئېرىشەلەيدىغانلىغىدىن بىر كۈنمۇ ئۈمىد ئۈزۈپ باققان ئەمەس. باشقىلار قىلالىغان ئىشنى ئۇيغۇرنىڭمۇ قىلالايدىغانلىقىدىن ئانچە گۇمانلىنىپ باققان ئەمەس. لېكىن، ئۇ پارلاق ئىستىقبالنىڭ بىز ھەممىمىز قولىمىزنى قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرساق، ئۆزلىگىدىن كەلمەيدىغانلىغىنىمۇ ئوبدان بىلىمىز. ئۇيغۇرلار ھازىر ئۆز ئىچىدىن لاياقەتلىك يول باشلامچىلار ۋە يېتەكلىگۇچىلەرنىڭ كۆپلەپ چىقىشىغا ناھايىتىمۇ ئېھتىياجلىق. شۇڭلاشقا مەن ئۇشبۇ يازمىنى ئوقۇغان ھەر بىر ئوقۇرمەنلەردىن ئۆزىدىكى بىر زىيالى بولۇشقا ۋە بىر يېتەكلىگۈچى بولۇشقا مۇناسىپ كېلىدىغان تالانت بىلەن ئىقتىدارلارنى بىر قېتىم تەكشۈرۈپ بېقىشىنى، ئاشۇ تالانت ۋە ئىقتىدارلارنى ئىشقا سېلىپ، مىللەتكە بۇرۇن نىمە ئىش قىلىپ بەرگەنلىگى، ھازىر نىمە ئىش قىلىپ بېرىۋاتقانلىغى، ۋە بۇنىڭدىن كېيىن نىمە ئىش قىلىپ بېرەلەيدىغانلىغى ۋە قىلىپ بېرىدىغانلىغى ئۈستىدە بىر قېتىم ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. ئېينىشتىيىن يۇقىرىدا ئېيتقىنىدەك، ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى بۇرۇنقى سىزىق بويىچە ئويلاش، بۇرۇنقىدەك يول تۇتۇش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. مەن يېڭىچە سەۋىيىدە ئويلاش ۋە يېڭىچە ئۇسلۇبتا ئىش ئېلىپ بېرىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان ھەر بىر ئادەمدىن مۇنداق بىر نەرسىنى ئەستە چىڭ تۇتۇشىنى سورايمەن: ئۇيغۇرلار سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائي جەھەتتە قەد كوتۈرۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن مائارىپ ۋە ئىلىم-پەندە قەد كۆتۈرۈشى شەرت. بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تور بەتلىرىدە ئېلان قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ.
历史上的今天:
随机文章: