• لۇتپۇللا ئەسەرلىرىنىڭ چەت ئەللەردە نەشر قىلىنىشى
    ماھمۇد زەيىدى
    شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىن

    لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى ئۇ ھايات چاغلىرىدىلا شىنجاڭدىكى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغانىدى. ئەينى يىللاردا غۇلجىدا ئۇيغۇرچىدىن باشقا قازاقچە، رۇسچە، خەنزۇچە، ئۆزبېكچە گېزىت - زھۇرنال 11 خىلغا يېتەتتى. ئۇ گېزىت - زھۇرناللارنىڭ ھەممىسىدە لۇتپۇللانىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇچراتقىلى بولاتتى. ئۇنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا ، ئەجەل ھودۇقۇشىدا (فېليەتون)، يىللارغا جاۋاب ، ياشلىق ئۆگەن ، كۆكلەم ئىشقى ، پەرياد ، ئەپەندى بولماق ۋە قىتەلەر قاتارلىق ئەسەرلىرى ئالماناخ نىڭ باش تەرىپىدىن ئورۇن ئالغانىدى. لۇتپۇللانىڭ ئەسەرلىرىنى ھەرخىل تىلدا چىقىدىغان ئاشۇ گېزىت - زھۇرناللار ئارقىلىق دەسلەپكى قەدەمدە چەت ئەل ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشكەن دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى لۇتپۇللانىڭ يىللارغا جاۋاب ۋە ئەجەل ھودۇقۇشىدا قاتارلىق ئەسەرلىرى خ . خوسەيىننىڭ رۇسچىغا تەرجىمە قىلىشى بىلەن غۇلجىدىكى گرازھدانلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان رۇسچە گېزىتتە ئېلان قىلىنغاندا ئاجايىپ يۇقىرى باھا بېرىلگەن. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى مەتبۇئاتلىرىدا كۆپرەك ئېلان قىلىندى.1950 -، 1960 - يىللاردىكى كوممۇنىزم تۇغى ۋە يېڭى ھايات گېزىتلىرىدە،1980 - يىللاردىكى ئۇيغۇر ئاۋازى ، بىزنىڭ ۋەتەن گېزىتلىرىدە ۋە قازاقىستان يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى پەرۋاز ۋە ئارزۇ ناملىق پەسىللىك زھۇرناللاردا تونۇشتۇرۇلدى.

    1951 - يىلى مەشھۇر ئەدەبىياتشۇناس قادىر ھەسەنوف ئالمۇتادا لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ 30 نەچچە شېئىرىنى شىنجاڭ كىتابخانىلىرىغا ئاتاپ، ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يىللارغا جاۋاب نامى بىلەن كىتابچە قىلىپ نەشر قىلدۇرۇپ شىنجاڭغا ئەۋەتىپ بەردى، بۇ لۇتپۇللانىڭ تۇنجى توپلىمى ئىدى. 1958 - يىلى تاشكەنتتە چىقىرىلغان شىنجاڭ شائىرلىرى (ئۆزبېكچە) توپلىمىغا، 1961 - يىلى شەرق يۇلتۇزى )ئۆزبېكىستان يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئورگان زھۇرنىلى( غا لۇتپۇللا ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلدى. 1962- يىلى ئالمۇتا گۈزەل ئەدەبىيات نەشرىياتى لۇتپۇللا تاللانغان ئەسەرلىرى ۋە شائىر ھاياتى دېگەن كىتابنى نەشر قىلدى. 1966- يىلى ئالمۇتا شەھىرىدە رۇسچە چىقىرىلغان ئۇيغۇر سوۋېت ئەدەبىياتى ناملىق كىتابتا ۋە 1971- 1979 - يىللاردا ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى تۈزگەن ئۇيغۇر رېئالىستىك ئەدەبىياتى ناملىق ئىككى توملۇق ئۆزبېكچە كىتابتا لۇتپۇللاغا ئالاھىدە باب ئاجرىتىلىپ، ئۇنىڭ سۈرىتى، شېئىرلىرى، ھاياتى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلدى. شۇ يىللاردا لۇتپۇللا ئۆزبېك سوۋېت ئېنسىكلوپىدىسى گىمۇ كىرگۈزۈلدى.

    1974 - يىلى ئى . روزىباقىيوف لۇتپۇللا مۇتەللىپنى باش تېما قىلىپ تۇرۇپ دىسسېرتاتسىيە ياقلىدى.

    1957 -، 1976 - يىللاردا موسكۋادا نەشر قىلىنغان لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ تولۇقلانغان رۇسچە توپلىمىغا ئۇنىڭ 65 شېئىرى، بىر داستانى، ئىككى فېليەتونى، ئىككى كومېدىيىسى، ئۈچ ماقالىسى كىرگۈزۈلدى.

    1976 - يىلى قازاقىستاندا نەشر قىلىنغان لۇتپۇللا ئەسەرلىرى تاللانمىسى غا شائىر م . ھەمرايېف ئۇزۇن ماقالە يېزىپ شائىرنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى. شۇ يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئەزاسى)ئاكادېمىك( مۇراد ھەمرايېف گۈلدۈرمامىلىق چاقماق نامىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرىنى رۇسچىغا تەرجىمە قىلىپ پراۋدا نەشرىياتىدا نەشر قىلدۇردى. شائىر، ئەدەبىياتشۇناس مەسۇمجان زۇلپىقار لۇتپۇللا نامىدا رومان يازدى. خىزمەت ئابدۇللىن يىللارغا جاۋاب ناملىق پوۋېست ئېلان قىلدى. قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا لۇتپۇللانىڭ 50 يىللىقى، 60 يىللىقى ۋە70 يىللىقى تەنتەنىلىك خاتىرىلىنىپ لېكسىيىلەر ئوقۇلدى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىجادىيىتىنىڭ ئىنگلىز ۋە فرانسۇز تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىشىغا كەلسەك، بۇنىڭ جەريانى مۇنداق: 1956 -، 1957 - يىللىرىدا پېشقەدەم ئۇيغۇر شائىر، يازغۇچىلار ئەسەرلىرى توپلاملىرى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغانىدى، شۇ چاغدا بېيجىڭ يازغۇچىلار نەشرىياتى لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ تاللانما ئەسەرلىرىنى خەنزۇ تىلىدا نەشر قىلدى، 1959 - يىلى مەملىكەت بويىچە تارقىتىلغان خەنزۇ تىلىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار شېئىرلىرى توپلامى غا لۇتپۇللانىڭ شېئىرلىرى كىرگۈزۈلدى. بۇ توپلاملاردىكى شېئىرلىرى ئىنگلىز ۋە فرانسۇز تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ، چەتئەل كىتابخانىلىرىدىمۇ چوڭقۇر تەسىرات پەيدا قىلدى.

    1991 - يىلى ياپونىيىلىك تائاكو نىشىۋاكى جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئەسەرلىرى مەجمۇئەسى دىكى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ، يىپەك يولى ئەدەبىياتى نامىدا بىر يۈرۈش كىتاب نەشر قىلغان، بۇ كىتابلاردا قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر بېرىلگەندىن سىرت، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىن لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ تەرجىمىھالى، يىللارغا جاۋاب ، جۇڭگو قاتارلىق شېئىرلىرىنىڭ ئەسلى تېكىستى بىلەن ياپونچە تەرجىمىسى بىللە بېرىلگەن. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى ھازىرغىچە دۆلىتىمىزدە ئۇيغۇرچە ئۈچ قېتىم، خەنزۇچە ئىككى قېتىم نەشر قىلىندى، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلدى؛ چەت ئەللەردە ئۇيغۇرچە تۆت قېتىم، ئۆزبېكچە ئىككى قېتىم، قازاقچە بىر قېتىم، رۇسچە ئىككى قېتىم نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. لۇتپۇللانىڭ ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن كىنو فىلىملىرىمۇ ئىشلەندى. ئۇنىڭ يىللارغا جاۋاب ناملىق شېئىرىنى ئوقۇغان رۇس كىتابخانىلىرىدا ئاجايىپ تەسىرلىك ئىنكاسلار بولغان.

    مەنبە:سەئىدىيە بلوگى
    مەنبە مەنزىلى:
    http://seidiye.blogbus.com/logs/64259134.html