-
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار،
خانىم-قىزلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شۇنداقلا تۇرايىمىزنى قوللاپ بىرىۋاتقان تورداشلىرىمىزغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن يېڭىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىققان << شادلىق پەردىسى>> دەپ نام قويغان ئۇسلۇبنى تارقاتماقچى بۇلىۋاتىمىز.
بۇ ئۇسلۇبنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش جەريانىدا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن بارلىق خەت نۇسقىلىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئوخشاش قىلىپ تەڭشىدىم ھەمدە بۇرۇن تارقاتقان ئۇسلۇبلارغا ئوخشاشلا بىۋاستە ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش كودى ۋە ئايرىم بەت ئۇلىنىش كودىنى قۇشۇۋەتتىم.بلوگباس تەمىنلىگەن ئېلانلارمۇ شۇ پېتى قالدى،ئىشلەتكۈچىلەر ئۆز ئىھتىياجىغا قاراپ چىقىرىۋېتىشنى ياكى ساقلاپ قېلىشنى تاللىسا بۇلىدۇ.
ئۇسلۇب ئەسلى كودىنىڭ ئالاھىدىلىكى سەۋەبلىك يازما تىمىسى،ئىنكاس رامكىسى قاتارلىقلارنى ئوڭ تەرەپكە يۆتكەش تەڭشىكى ئېلىپ بىرىلمىدى (بۇغۇ بەتنىڭ كۆرۈنۈشىگە ئانچە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ) ، ئىنكاس رامكىسىنىڭ كودى ئەسلى ياسىغۇچى تەرىپىدىن باشقىچە ياسالغان بولغاچقا نورمال ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش بولماي قالدى.بۇنى كىيىنچە ئايرىم بىر تەرەپ قىلىپ قالالىسام ئەسلىگە كەلتۈرۋالساڭلار بولىدۇ.
يېڭى ئۇسلۇبنىڭ بەت ۋە يازما كۆرۈنۈشى تۆۋەندىكىدەك:
ئىشلىتىشنى خالايدىغانلار،كونا قائىدە بۇيىچە ئەمگىكىم ئۈچۈن ئاستىدىكى تەرجىمە قىلغۇچى نامىنى چىقىرىۋەتمەسلىك ھەمدە تۇرايىمىزنى رەسىملىك ئۇلىنىش قىلىش تەلىپى ئاستىدا ئېلخەت ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويسا بولىدۇ،مەن بىۋاستە ئېلخەتكە ئەۋەتىپ بىرىمەن....