-
维吾尔大臣博客礼物:新博客模板<<孤独宇宙>>将要发布
UyghurBeg blog's gift: a new blog template named Lonely Universe will be issued
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار
يېقىندا يەنە ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ قارا رەڭنى ئاساس قىلىپ ئىشلەنگەن << تەنھا كائىنات>>(ئۆزۈم قۇيۇۋالغان نام بۇ ھى ھى ھى...)نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىققان ئىدىم.ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشمۇ ناھايىتى ئاسانغا توختىدى، بۇ ئۇسلۇبنىڭ ماڭا ئەڭ ياققان يىرى بەت بېشىدىكى چوڭ سەييارە يۇلتۇزنىڭ سۆرىتى بولدى،بۇ ئۇسلۇبنى مۇشۇنداق يۇلتۇزلارنى تەتقىق قىلىدىغان بىرەر بۇرادىرىمىز ئىشلىتىپ قالسا يامان ماسلىشىدۇ دەيمەن.
بۇ ئۇسلۇبنىڭ ئەڭ ياخشى يېرى بەت يۈزىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇشى سىپتا بولۇپ ، رەتلىك بولۇپ راھەت كۆرۈنىدۇ.بىراق تەگلىك ۋە خەت رەڭگى سەل تۇتۇق،كۆزگە راھەتسىز تۇيىلىدىغاندەك...بېراق خەت رەڭگى يامان ئاقساكەن!خۇددى پارلاپ تۇرغان يۇلتۇزدەك سېزىم بىرىدىكەن ئادەمگە!...
بۇ ئۇسلۇبنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش جەريانىدا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن بارلىق خەت نۇسقىلىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئوخشاش قىلىپ تەڭشىدىم ھەمدە بۇرۇن تارقاتقان ئۇسلۇبلارغا ئوخشاشلا بىۋاستە ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش كودى ۋە ئايرىم بەت ئۇلىنىش كودىنى قۇشۇۋەتتىم،بلوگباس تەمىنلىگەن ئېلانلار ساقلىنىپ قالدى.
بۇ ئۇسلۇبنىڭ ئاساسلىق كۆرۈنۈشى تۆۋەندىكىدەك :
ئىشلىتىشنى خالايدىغانلار،كونا قائىدە بۇيىچە ئەمگىكىم ئۈچۈن ئاستىدىكى تەرجىمە قىلغۇچى نامىنى چىقىرىۋەتمەسلىك ھەمدە تۇرايىمىزنى رەسىملىك ئۇلىنىش قىلىش تەلىپى ئاستىدا ئېلخەت ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويسا بولىدۇ،مەن بىۋاستە ئېلخەتكە ئەۋەتىپ بىرىمەن....
评论