• زىيالىي، يىتەكلىگۈچى ۋە باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش(2)

    لىدېرلەر نەرسىلەرنىڭ كىشىلەرگە بىلدۈرىدىغان مەنىسىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، باشقۇرغۇچىلار بولسا قانداق قىلىپ بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ.
    لىدېرلەر بىنا لاھىيىلىگۈچىلەرگە ئوخشايدۇ، باشقۇرغۇچىلار بولسا بىنا ياسىغۇچىلارغا ئوخشايدۇ.
    لىدېرلەر ئۆز زېھنىنى يىراقنى كۆرۈش ئىقتىدارىغا ئاساسلانغان ئورتاق نىشاننى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرىدۇ، باشقۇرغۇچىلار بولسا ئۆز زېھنىنى كونكىرت ئىشلارنى پىلانلاش ۋە كونترول قىلىشقا مەركەزلەشتۈرىدۇ.

    باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇللىرى
    مەن يۇقىرىدا زىيالىي ۋە لىدېرلەر ھەققىدە قىسقىچە توختالدىم. مېنىڭ بۇ مەزمۇنلارنى يېزىشتىكى مەقسىدىم ئوقۇرمەنلەرنى زىيالىي ۋە لىدېرلار ھەققىدە بىر مۇكەممەل چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش، شۇنداقلا ئۆزلىرىدىكى زىيالىيلىق ۋە لىدېرلىق ئېلمىنتلىرىنى، يوشۇرۇن تالانتلىرىنى تولۇق قېزىپ چىقىشىغا، ئۆز-ئۆزىنى قايتىدىن تولۇق بايقىشىغا بىر ئاز ياردەم قىلىشتۇر. زىيالى ۋە لىدېرلار ئوينايدىغان مۇھىم روللارنىڭ بىرسى باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش. ئويلاپ باقسام مەن بۇ ئىشنى ئۆزەمنىڭ ھازىرغىچە بولغان ئۆمرىنىڭ ھەممىسىدە ئىزچىل تۈردە قىلىپ كەلگەن ئىكەنمەن. لېكىن باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ ئۇسۇللىرىغا ئائىت نەزىرىيە ئۈستىدە زادىلا ئىزدىنىپ باقماپتىكەنمەن. بۇ قېتىم ئۇشبۇ يازمىنى تەييارلاش ئۈچۈن بۇ ساھەدە ئازراق ئىزدىنىپ باقتىم. تۆۋەندە مەن بىلىۋالغان ئۇقۇملارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

           ئىنگلىزچىدە «ئىلھاملاندۇرۇش» دېگەن مەنىدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆزدىن مۇنداق ئىككىسى بار: «Encourage» ۋە «Encourage» . «Inspire» نىڭ يۇلغۇن لوغىتىدىكى مەنىسى «ئىلھاملاندۇرماق، رىغبەتلەندۈرمەك، روھلاندۇرماق» بولۇپ، «Inspire» نىڭ بولسا «ئىلھاملاندۇرماق، رىغبەتلەندۈرمەك» ئىكەن. لېكىن، ئىنگلىزچە بۇ ئىككى سۆزنىڭ ئازراق پەرقى بار بولۇپ، مەن يازمامنىڭ ئۇشبۇ قىسىمدا توختىلىدىغىنىم «Inspire» دېگەن سۆزدىن ئىبارەت. مەن بۇ ئىككى ئىنگلىزچە سۆزنىڭ پەرقىنى ئۇيغۇرچىدە ئەينەن چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇشنىڭ ئورنىغا، «Inspire» دېگەن سۆز ئىشلىتىدىغان بىر قانچە مىساللارنى سۆزلەپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۈم:
          ئۇنىڭ غەيرىتى ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى ئىلھاملاندۇردى (ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىلھاملاندۇرۇش).
          ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى باشقىلاردا ئىشەنچ پەيدا قىلدى (پەيدا قىلىش).
          رىقابەت ئۇنىڭ يەنىمۇ تىرىشىشىغا تەسىر كۆرسەتتى (تەسىر كۆرسىتىش).
          بىر ياخشىراق ئىستىقبالغا ئېرىشىش ئىشەنچىسى ئۇلارنى ئىلھاملاندۇردى (ئىلھاملاندۇرۇش).
         بىر ئىنقىلاپنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن پەلسەپە (ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش).
        
          ئەمدى باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش، يەنى يۇقۇرىقىدەك «Inspire» قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى بايان قىلىشنى باشلايمەن. (ئىنگلىزچىدىكى بۇ «Inspire» دېگەن سۆز ئۇيغۇرچە ئوقۇغاندا «ئىنسىپايېر» دەپ ئوقۇلىدۇ.)

        (1) ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىڭ

         ئەگەر سىز مەلۇم بىر ئىشقا يۈكسەك دەرىجىدە قىزىقسىڭىز، ھەمدە ئاشۇ ئىشنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن كەسىپ قىلىپ تاللىغان بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ قانچە قېتىم مەغلۇپ بولۇشىغا قارىماي قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرىسىز. كىشىلەر سىزدىن گۇمان قىلسىمۇ، سىزنىڭ مەغلۇبىيىتىڭىزنى مەسخىرە قىلسىمۇ، سىز قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەنلىگىڭىز ئۈچۈن ئۇنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىسىز. سىزدە مەلۇم بىر ئىشقا نىسبەتەن ئاشۇنداق چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە يۈكسەك قىزغىنلىقنىڭ بولۇشى سىزنى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار بولغان نۇرغۇن مەغلۇبىيەتتىن ساقلاپ قالىدۇ. سىز ئۆز مەغلۇبىيىتىڭىزدىن ساۋاق ئېلىپ، تېخىمۇ ئېگىز پەللىگە چىقىسىز. مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق سىز باشقىلارنىمۇ ئىلھاملاندۇرالايسىز. بۇ مەسىلە ئۇستىدە مەن «مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يېڭى تەڭلىمىسى» ۋە «ئۆمۈرلۇك كەسىپنى قانداق تاللاش كېرەك» دېگەن يازمىلىرىمدىمۇ بىر ئاز توختالغان بولۇپ، قىزىققان ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئاشۇ ئىككى يازمىنىمۇ ئوقۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

          (2) چوڭ-چوڭ ۋە يېڭى ئىشلارنى نىشان قىلىڭ

          سىز ئۆزىڭىز يۈكسەك دەرىجىدە قىزىقىدىغان بىر ئىش ئۈچۈن بەلگىلىك ئاساس سالغاندىن كېيىن، ئاشۇ ساھەدە چوڭ-چوڭ ئىشلارنى نىشانلاشقا باشلاڭ. ئۆزىڭىزنىڭ كەسپىي بىلىمى ۋە ئىقتىدارىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، ئىمكانقەدەر كۆپرەك كىشىلەرگە ئىلھام بېرىشكە تىرىشىڭ. ئۆز ئىدىيىڭىزنى ئىمكانقەدەر كۆپرەك كىشىلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ، ئۇلاردا ئۆز تەسىرىڭىزنى ئۇلغايتىپ مېڭىشىنى، شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىشنى قولغا كەلتۈرۈڭ. چوڭ-چوڭ ئىشلارنى نىشان قىلىش ئارقىلىق سىز يالغۇز

          كۆپلىگەن كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇپلا قالماستىن، ھەر بىر كىشىگە كۆرسەتكەن تەسىرىڭىزنىمۇ چوڭايتالايسىز. ھەرگىز بىر كىشىنىڭ ھاياتىدا بىر كىچىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماڭ. ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۇ كىشىنى بىر پۈتۈنلەي يېڭى ئادەمگە ئۆزگەرتىشكە تىرىشىڭ. باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىشتە پەقەت بىر يول بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، كۆپلىگەن يوللارنى تېپىشقا تىرىشىڭ. ئەگەر سىز بىر ئادەمگە تەسىر كۆرسىتىش يولىدا 100 خىل ئۇسۇلنى سىناپ باققان بولسىڭىز، ئۇ ئادەم پەقەت بىرلا ئۇسۇلنى قوبۇل قىلغان بولسا، سىز يەنىلا ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان بولىسىز.

          باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىشنىڭ يەنە بىر پايدىلىق ئۇسۇلى كەمبەغەل ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم قىلىش ۋە مۇھىتنى ئاسراشقا ئوخشاش بىر ئۇلۇغۋار ھەرىكەتكە قاتنىشىشتۇر. بىر ئۇلۇغۋار ئىشقا قاتنىشىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاش، ئەگەشكۈچىلەرگە ۋە ياردەمگە ئېرىشىشكە كۆپ ئاسان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋالغا ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان بىرەر ئىشقا قاتنىشىش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا تەسىرى چوڭ ئىشلاردىن ھەرگىزمۇ باش تارتماڭ.

          (3) ھېسىياتلىق سۆزلەرنى كۆپرەك ئىشلىتىڭ

          باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇشتا سىز تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئىشقا نىسبەتەن ئۆزىڭىزنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى قىزىقىشى بولۇشى ۋە ئۇنى سۆز ئارقىلىق ئۈنۈملۈك ئىپادىلىشىڭىز ئىنتايىن مۇھىم. سىز مەلۇم بىر ئىشقا نىسبەتەن ئىنتايىن ھاياجانلىنىۋاتقانلىغىڭىزنى ھەمدە ئۇنىڭغا ئىنتايىن قىزىقىۋاتقانلىغىڭىزنى سۆز ئارقىلىق ياخشى ئىپادىلەش ئارقىلىقلا سىز باشقىلارغا خېلى زور تەسىر كۆرسىتەلەيسىز. سىز سۆز بىلەن ئىپادىلىگەن يۈكسەك دەرىجىدىكى قىزىقىش باشقىلاردا ھەۋەس قوزغايدۇ. باشقىلار سىزنىڭ ئاشۇ بىر ئىشنى نىمە ئۈچۈن شۇنچىۋالا ياخشى كۆرىدىغىنىڭىزنى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن قىلىدىغىڭىزنى بىلىۋېلىشقا ئىنتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تەبىئى ھالدا مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئاشۇ ئىشنى تولۇق چۈشىنىۋېلىشقا تىرىشىدۇ. ھېسىياتلىق سۆزلەرنى كۆپرەك ئىشلىتىشنىڭ پايدىسى توغرىسىدا مەن ئۆزەمنىڭ «ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭە » دېگەن يازمامدىمۇ ئازراق توختالغان بولۇپ، بۇ يازمىنى بۇرۇن ئوقۇپ باقمىغان ئوقۇرمەنلەرگە ئۇنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلىمەن.

        (4) باشقىلارغا تەشەببۇس قىلغان ئىشنى ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز قىلىڭ

         كىشىلەر سىز دىگەن گەپلەرگە قارىغاندا سىز قىلغان ئىشلارغا بەكرەك دىققەت قىلىدۇ. شۇڭا باشقىلارغا تەشەببۇس قىلغان ئىشنى سىز ئۆزىڭىز ئالدى بىلەن ئاكتىپلىق بىلەن قىلىپ، باشقىلارغا بىر ياخشى ئۈلگە بولۇڭ. بۇ باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. يەنى سىز باشقىلارغا تەشۋىق قىلغان ئىش سىزنىڭ ئۆز تۇرمۇشىڭىزنىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر قىسمى بولسۇن. سىز بۇ ئىشتا بىر مۇتەخەسسىسلىق دەرىجىسىگە يەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، لېكىن ئۇ ئىش سىز يۈكسەك دەرىجىدىكى قىزىقىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئىشلارنىڭ بىرسى بولسۇن.

          (5) ھەممە كىشىلەرگە كەڭ قۇچاق بولۇڭ

         سىزنىڭ قانچىلىك بىلىملىك بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، سىزنىڭ ئۇلارغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىغىڭىزنى ھىس قىلمىغىچە، كىشىلەر سىزنىڭ بىلىمىڭىزگە ئانچە پەرۋا قىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئۆزىڭىز ئۇچراتقان ھەممە ئادەملەرگە كەڭ قۇچاقلىق قىلىڭ. ئۇلارنى ئۆزىڭىز بىۋاستە قارشى ئېلىڭ، ھەمدە ئۇلارنىڭ ھال-دەردىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلاڭ. ئۇلار بىلەن بىر قېتىم ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئۇلار بىلەن بىر كىشىدىن يەنە بىر كىشىگە بولغان بىۋاستە، يېقىن ۋە ساغلام مۇناسىۋەتنى ساقلاڭ.

         (6) باشقىلارنىمۇ يېتەكلەڭ

        باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىشنىڭ يەنە بىر ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى، يالغۇز ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىغىلا قىزىقىپ قالماي، ئۆزىڭىزنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىمۇ تولۇق چۈشىنىش ۋە ئېتىراپ قىلىش، ھەمدە ئۇلارنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ئۆزگىرىشىنىمۇ يېقىندىن كۈزىتىپ تۇرۇش. ئۇلارغا ئۆزىڭىزنىڭ شەخسىي ھېكايىلىرىنى ئېيتىپ بېرىڭ. ئۇلارغا ئۆز ھاياتىڭىزدا ئۆگەنگەن ئىشلارنى ئۆگىتىپ قويۇڭ. ئۇلارغا ئۆزىڭىزنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن مەغلۇبىيەتلىرىنى سۆزلەپ بېرىڭ. ھەمدە ئۇلاردىن ئۆزلىرىدە قانداق ئىلگىرىلەشلەر بولغانلىغىنى سوراپ تۇرۇڭ. ئۇلارنىڭ سىز بۇرۇن سادىر قىلغان خاتالىقلارنى سادىر قىلماسلىقىغا ياردەم قىلىڭ، ھەمدە ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى توغرىسىدا ئىزچىل ھالدا بىر ئۈمىدۋار پوزىتسىيىدە بولۇڭ.

        (7) قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى باشتىن-ئاخىر بىر خىل داۋاملاشتۇرۇڭ

         ھەرىكەتتە، ئۇچۇردا ۋە ئەخلاقىي ئۆلچەمدە باشتىن-ئاخىر بىر خىل بولۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئۇسۇلىنى، قىزىقىشىنى ۋە قىلىۋاتقان ۋە باشقىلارنى قىزىقتۇرۇۋاتقان ئىشىڭىزنى داۋاملىق ئۆزگەرتىپ تۇرسىڭىز، باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇشتا ئاساسەن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالمايسىز. كىشىلەر سىزنىڭ ئىدىيىڭىزنى چۈشىنىشنى ۋە ئۇنى بىر ئىشەنچلىك پىلان بىلەن باغلاشنى ئىستەيدۇ. سىز ئۆز ئىشىڭىزدا بىر ئىزچىللىقنى ساقلايدىغانلىغىڭىزنى ئۆز ئەمىليىتىڭىز ئارقىلىق ئىسپاتلىشىڭىز كېرەك. ئۇنىڭ كام قالغان جايلىرىنى باشقىلارغا ئىلھام بېغىشلايدىغان ھېكايىلەر بىلەن تولۇقلاپ كەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. يەنى ھېكايە سۆزلەش ئارقىلىق بۇرۇنقى مۇھىم سەرگۇزەشتىلەرنى باشقىلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى يېتەكلىسىڭىز ۋە ئۇلارغا تەسىر كۆرسەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندا سىز سۆزلەيدىغان ھېكايىلەر چوقۇم سىزنىڭ ھەرىكەتتىكى ئىزچىللىقىڭىزنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بېرەلەيدىغان بولسۇن.

         (8) ئىجابىي پوزىتسىيىلىك بولۇڭ

        ئادەتتە باشقىلارغا تەربىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغان سۆز ۋە يازمىلاردا ئەيىپلەش ۋە چۈشۈرۈش سەل كۆپرەك بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، چوقۇم ئىجابىي پوزىتسىيىلىك بولۇشىڭىز، ھازىرقى ئەھۋالنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇرۇنقى ناچار ئەھۋاللارنى تەكىتلەۋەرمەي، كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچ ۋە ئۈمىدۋار كۆز قارىشىڭىزنى ئوچۇق-ئاشكارا ئىپادىلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلار ئۈستىدە توختالماقچى بولسىڭىز، ئۇلارنى بۇرۇنقى خاتالىقلارنى ئەيىپلەش ياكى بۇرۇنقى ياخشى كۈنلەر ئۈستىدە قايتىدىن ماختىنىش ئۈچۈن ئەمەس، بۇرۇنقى تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ئۇلارنى ھازىرقى نىشان ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش مەقسىتىدە تىلغا ئېلىڭ.

         مەن بۇرۇنمۇ دەپ ئوتكىنىمدەك، ئەگەر ئالدىغا يېرىمىغىچە سۇ بار ئىستاكاندىن بىرنى قويۇپ، «سىز نىمە كۆردىڭىز؟» دەپ سورىسىڭىز، سەلبى پوزىتسىيىلىك ئادەم «يېرىمى قۇرۇق ئىستاكاندىن بىرنى كۆردۈم»، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئىجابىي پوزىتسىيىلىك ئادەم بولسا «يېرىمىدا سۇ بار ئىستاكاندىن بىرنى»، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. سەلبىي پوزىتسىيلىك كىشىلەر ھەرگىزمۇ باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرالمايدۇ. گۇمانلىنىش بىر ناھايىتى ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، ئەگەر سىز مەلۇم بىر ئىش ئۈستىدە ئۆزىڭىزنىڭ گۇمانىنى بىلدۈرۈپ قويسىڭىز، سىز بىر كىشىگە بۇرۇن كۆرسەتكەن ئىجابىي تەسىرىڭىزنىمۇ پۈتۈنلەي نابۇت قىلىسىز. كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر نوپۇسى ھازىر ئىنتايىن قىيىن بىر شارائىتتا ياشاشقا مەجبۇ بولۇۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا ئەگەر سەللا دىققەت قىلمايدىكەن، ئادەم ئاسانلا بىر گۇمانلىنىش، ئۈمىتسىزلىنىش ۋە چۈشكۈنلىشىش ھالىتىگە پېتىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆز قىلغاندا ياكى بىر نەرسە يازغاندا، سىز ئۈچۈن چوقۇم «ئىستاكاننىڭ يەرىمىدە سۇ بار» بولسۇن. سەلبىي ئىشلارنىمۇ بىر ئىجابىي ۋە پايدىلىق يوسۇندا ئوتتۇرىغا قويۇشقا پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىڭ. مەن بۇ ئىشنى قانچىلىك تەكىتلىسەممۇ يېتەرلىك بولمايدۇ.

          ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدا، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدا جەمئى 7 مىليون پۇقرا ئۆلگەن. ئاچلىقتىن ئۆلۈش ئەڭ ئۇچىغا چىققان مەزگىلدە، كىشىلەر يەرگە كۆمۈۋەتكەن جەسەتلەرنى كولاپ چىقىرپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى يېڭىراقلىرىنى تاللاپ پىشۇرۇپ يەپ، شۇ ئارقىلىق ھاياتىنى ساقلاشقا تىرىشقان. بەزىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۆلگەن يەھۇدىيلارنىڭ سانى 6 مىليونغا يېتىدىكەن. ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن ئىنتايىن ئېچىنىشلىق. ئىنتايىن خەتەرلىك. لېكىن بۇ دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ كۆپ ناچار ئەھۋاللار كۆپلەپ يۈز بېرىپ باققان. يۇقۇرىقىلار شۇنىڭ بىر قانچە مىساللىرى. مەن بۇ يەردە سىزگە «شۈكرى قىلىڭ، سەۋرى قىلىڭ، سۈكۈت قىلىڭ» دىمەكچى ئەمەسمەن. بەلكى سىزگە «چۈشكۈنلەشمەڭ، ئۈمىتسىزلەنمەڭ» دىمەكچى. ھەر قېتىم ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىرەر يامان خەۋەرلەرنى ئاڭلىغىنىمدا، مېنىڭ كۆزۈممۇ ئىسسىق ياش بىلەن لىق تولىدۇ. لېكىن مەن ھەر قېتىم ئاشۇ خەۋەردىن كېلىپ چىققان بىئاراملىغىمنى، نەپرىتىمنى ۋە غەزىۋىمنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، تېخىمۇ قاتتىق ئىشلەشكە تىرىشىمەن. بىر ستاتىستىكا نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ھازىر ئامېرىكىدا ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 115 ئادەم ماشىنا ۋەقەسىدە ئۆلىدىكەن. مەن ھەر قېتىم بىرەر چوڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا، بىر ئىشتا چوڭ زىيان تارتقاندا، «مېنىڭ ئەھۋالىم بۈگۈن ماشىنا ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمنىڭكىدىن كۆپ ياخشى»، دەپ ئويلايمەن، ھەمدە دەرھال ئاشۇ ئوڭۇشسىزلىقنى ئوڭۇشلۇققا ئايلاندۇرۇش، ئاشۇ زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋېلىشنىڭ چارىلىرى ئۈستىدە ئويلىنىش ۋە ئىزدىنىشنى باشلايمەن. كېيىنكى يولۇمنى بېكىتكەندىن كېيىن، ھىچ قانداق ۋاقىتنى زايا قىلمايلا ئىش باشلايمەن. ئىشىنىمەنكى، مەن تۇتقان بۇنداق يوللارنى سىزمۇ تۇتالايسىز. ئەگەر ئۇنداق قىلالمىسىڭىز، ھەمدە سىز بىرەر بالىنىڭ ئاپىسى ياكى دادىسى بولۇپ قالسىڭىز، بالىڭىزغا ھەرگىز ئۆزىڭىزنىڭ چۈشكۈنلەشكەن قىياپىتىنى كۆرسەتمەڭ. ئۆزىڭىزنىڭ ئۈمىتسىزلەنگەن ھالىتىنى بىلىندۈرمەڭ. كەلگۈسىگە بولغان سەلبىي كۆز-قارىشىڭىز، ۋە گۇمان ۋە ئۈمىتسىزلىك بىلەن تولغان مۆلچەرىڭىزنى دىمەڭ. ئۇنداق قىلمىسىڭىز، زىيانلىق يولغا سىز ئۆزىڭىزلا كىرىپ كېتىپ قالماي، بالىڭىزنىمۇ بىللە سۆرەپ كىرىپ كېتىسىز. ئۆزىمىزنىڭ قانداق ياشىشىدىن قەتئىينەزەر، بىز ھەممىمىزنىڭ بالىلارنى ئىجابىي پۇزىتسىيەلىك ۋە ئۈمىدۋار قىلىپ تەربىيىلەش مەجبۇرىيىتىمىز بار. بۇنداق قىلىش مىللەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم.

         (9) «قائىدىسىزلىك» قىلىڭ

        باشقىلارغا زور تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان كىشىلەر بۇرۇنقى قائىدىلەرنى بۇزۇپ ۋە بۇرۇنقى ئادەتلەرنى ئېتىبارغا ئالماي ئىش قىلىدىغان كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ. بۇنداق قىلىش ئەنئەنىنى ساقلىغۇچىلارنى نارازى قىلىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇ «بىر ياخشىراق يول مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن» دەپ قارىغۇچىلارغا يېڭى ئۈمىد ئېلىپ كېلىدۇ.

          (10) كىتابنى كۆپ ئوقۇڭ

         كىتابنى كۆپ ئوقۇيدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى لىدېر بولالمايدۇ، لېكىن لىدېرلەرنىڭ ھەممىسى كىتابنى كۆپ ئوقۇيدىغان كىشىلەردىن تەركىپ تاپىدۇ. شۇڭا كىتابنى كۆپ ئوقۇپ، داۋاملىق تۈردە يېڭى بىلىمگە ئېرىشىپ تۇرۇڭ. يېڭى ئىگىلىگەن بىلىملىرىڭىزنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىپ تۇرۇڭ. سىزگە ئىلھام بەرگەن كىتاپلارنى باشقىلارغىمۇ تونۇشتۇرۇپ قويۇڭ.

    داۋامى بار،