-
زىيالىي، يىتەكلىگۈچى ۋە باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش
ئەركىن سىدىق
2009-يىلى 7-ئاينىڭ 3- كۈنى
دۇنياغا مەشھۇر فىزىكا ئالىمى ئالبېرت ئېينىشتىيىن (ئىنگلىزچىسى: Albert Einstein، ياشىغان ۋاقتى: 1879-1955 ) مۇنداق دەيدۇ: «دۇنيا بىر خەتەرلىك جاي. بۇنداق بولۇشىنى رەزىل ئىشلارنى قىلىدىغانلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەمەس. بەلكى ئاشۇ رەزىل ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ، سۈكۈت قىلىپ كېتىۋىرىدىغانلار كەلتۈرۈپ چىقارغان.» بۇ سۆزنى ئۆزىمىزگە تەدبىقلىساق، ئۇنىڭ مەنىسى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكىدەك ناچار ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنى باشقىلارنىڭ رەزىل ئىشلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولماستىن، ئۆزىمىزنىڭ ئاشۇ رەزىل ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇلارغا سۈكۈت قىلىپ كېتىۋەرگىنىمىز كەلتۈرۈپ چىقارغان، دېگەن مەنانى بىلدۇرىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ ئەگەر بىز ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىر ئىچىدىكى ئەھۋالى، ئالدىنقى 10-20 يىللىق ئەھۋالى، ھەتتا يېقىنقى 4-5 يىل ئىچىدىكى ئەھۋالىغا قاراپ باقىدىغان بولساق، ئېينىشتىيىن يوقۇرىقى سۆزنى خۇددى بىز ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېيتقاندەك بىر ھىسسياتقا كېلىمىز. بۇنىڭ بىر تىپىك مىسالى ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ ھازىرقىدەك بىر تەقدىرگە چۈشۈپ قېلىشىدۇر. ۋەتەندىكى ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىنى ئارىلاپ كۆرۈش ئارقىلىق، بىزنىڭ بىر قىسىم ئوت يۈرەك قېرىنداشلىرىمىز توختىماي ئىزدىنىپ، زىيالىلارنى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان، كىشىلەرنى ھازىرقى دەۋرگە ماس كېلىدىغان يېتەكلىگۈچىلەردىن بولۇشقا ئۈندەيدىغان ياخشى يازمىلارنى تەييارلاپ ئىنتېرنىتتە ئېلان قىلىۋاتقانلىغىنى بىلدىم. مەسىلەن، مەن يېقىندا كۆرگەن يازمىلاردىن زۇلپىقار باراتنىڭ «سەگەك زىيالىلارغا يېڭى يىللىق ئوچۇق خەت»، ئابدۇرېھىم ئابلەتخاننىڭ « سېسسىق توققۇزىنچى ۋە ئۇيغۇرلار» بىلەن «قەھرىمان بولىدىغان مايلامچى بالا »، ئىلھام توختىنىڭ «بىيجىڭ ئايردرومىدىن پارىژ ئايردرومىغىچە »، ۋە سالام دۇنيانىڭ « ھەقىقى قۇدرەت تېپىش دىگەن نىمە؟ » دېگەن يازمىلىرى بار بولۇپ (بۇ بىر مۇكەممەل تىزىملىك ئەمەس)، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى بىلىم ئەھلىلىرىنى ئويغىتىپ، ئىلھاملاندۇرۇپ، قوزغىتىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇرلار ئىچىدە بىر يېتەكچىلىك، باشلامچىلىق رولىنى ئويناشقا ئۈندەشنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەزمۇن قىلغان، دىيىشكە بولىدۇ. (مەن يوقۇرىقى ماقالىلارنىڭ تور بەت ئادرىسلىرىنى مۇشۇ يازمىنىڭ ئاخىرسىغا يېزىپ قويدۇم.) مېنىڭ ھازىرغىچە كۆرۈش ئىمكانىيىتىم بولمىغان، ئۇيغۇرچە گېزىت- ژورنال، كىتاپ ۋە تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان باشقا نادىر تېمىلارمۇ ئىنتايىن كۆپ بولىشى مۇمكىن. مەن يوقۇرىقىدەك ئەھۋالدىن ئىنتايىن خوشال بولدۇم، ھەمدە ئىلھاملاندىم. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغىنى دەۋرنىڭ تەقەززاسى ۋە دەۋرنىڭ چاقىرىغى بولۇپ، مەن ئاشۇ يازمىلارنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئۆز-ئۆزۈمدىن مۇنداق سوئاللارنى سورىدىم:
(1) زىيالىنىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە ئۇنىڭ رولى نىمە؟
(2) بىر يېتەكلىگۇچى بولۇش ئۈچۈن قانداق شەرتنى ھازىرلاش كېرەك؟
(3) قانداق قىلغاندا باشقىلارنى رىغبەتلەندۈرگىلى بولىدۇ؟
مەن ئۇشبۇ يازمامدا يوقۇرىقى ئۈچ سوئالغا جاۋاب تېپىش يۈزىسىدىن ئىگىلىگەن بىر قىسىم بىلىملەرنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
زىيالىيلار
زىيالىي دېگەن بۇ نام كىشىلەرگە ناھايىتى تونۇشلۇق بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۆز زىيالىيلىرىنى ھۆرمەتلەش ۋە قەدىرلەشنى ئۆزىنىڭ مۇھىم بىر ئەنئەنىسى قىلىپ كەلگەن. يېقىنقى 5-10 يىلنىڭ مابەينىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە زور ۋە شىددەتلىك ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقى بىر قىسىم يامان ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىكى سەۋەپلەرنى چۈشىنىش ھەمدە ئۇلارنى ئۈنۈملۈك توسۇپ قېلىشتا ئۆز ئۈمىدىنى زىيالىيلارغا باغلاپ كەلدى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدىكى ئۈمىدىنى ئۆز زىيالىيلىرىغا باغلىشى ھازىر تارىختىكى ئەڭ يوقۇرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، دىيىش مۇمكىن. مەن زىيالىلارنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائى ئۆزگىرىشلەردىكى ئورنى ۋە رولىنى بىر ئاز چۈشىنىۋىلىش مەقسىتىدە، يېقىندا بىر ئاز ئىزدىنىپ، بىر قىسىم ماتېرىياللارنى توپلىدىم ۋە ئۇلارنى كۆرۈپ چىقتىم. بۇ يازمىنىڭ ئۇشبۇ قىسمىدا مەن ئايدىڭلاشتۇرىۋالغان بىر قىسىم ئۇقۇملارنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمەن.
(1) ئاممىۋىي زىيالىيلار
ئاممىۋىي زىيالىيلارنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىگى ئۇلار ھۆكۈمدارلار ئالدىدا ھەقىقەتنى سۆزلەپ، شۇ ئارقىلىق ھۆكۈمدارلارنى ئىنسانىي خاراكتېرگە ئىگە قىلدۇرىدۇ. بۇ كاتىگورىيىگە كىرىدىغان زىيالىيلار جەمئىيەتنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى فۇنكىسىيەسىنىڭ ھەممىسىنى، يەنى كوللىكتىپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە روھىي مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى كۈزىتىدىغان كىشىلەردىن ئىبارەتتۇر. يازغۇچىلار، شائىرلار، مۇزىكانتلار، لېكسىيە بەرگۈچىلەر ۋە ئارتىستلارنىڭ ھەممىسى ئاممىۋىي زىيالىيلارنىڭ رولىنى ئوينىغۇچىلار بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇلار رېئاللىقنى ئۆز چۈشەنچىسى ئاساسىدا كۈزىتىدۇ ۋە چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەت بىلەن قىلچە ھىساپلاشمايدۇ. ئۇلارنىڭ رولى داۋاملىق تۈردە ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلىتىشكە ۋە ھوقۇقدارلارنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق نەرسىلەرنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشىغا جەڭ ئېلان قىلىش بولىدۇ. كۆپ تەرەپتىن قارىغاندا، ئاممىۋىي زىيالىيلار ئۆزلىرىنى ئىنسانىيەتنىڭ ئۇنىۋېرسال قىممىتىگە ئاتىغان بولىدۇ.
گەرچە يوقارقى ئىدىيىلەر ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچلەر بولسىمۇ، ئاممىۋىي زىيالىيلار باستۇرۇش، ئىقتىسادىي ھەققانىيەتسىزلىك ۋە دۇنياۋىيلاشتۇرۇشنىڭ سەلبى تەسىرى قاتارلىقلارغا نىسبەتەن بىر مەيدان تاللايدۇ. ئۇلار مەلۇم ھەرىكەت ياكى دەۋاغا ئۆزىنى ئاتىغان بولۇپ، بۇ ھەركەت ياكى دەۋانى تەشكىللىگەن پارتىيە ياكى ھۆكۈمەت ئۈچۈن مەلۇم بىر مەجبۇرىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ. ئۇلار كىشىلىك ھوقۇق ۋە ھەققانىيەتچىلىك دائىرىسىدە ئىش ئېلىپ بارىدۇ.
بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئۇلار ھەققانىيەتسىزلىكنى ئەيىپلەش يولىدا سۆزلەش ۋە يېزىش ئىقتىدارىنى ئىشقا سالىدۇ. بۇ ئاممىۋىي زىيالىيلار ئادەتتە سىياسەت ياكى سىياسىي پارتىيىلەرگە باغلانمىغان بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ئۇلار ئۆز فۇنكىسىيەسى بىلەن ئۆز ئىقتىدارىنى ئاممىۋىي سورۇنلاردا جارى قىلدۇرىدۇ.
زىيالىيلار گۇرۇپپىسى بىر جەمئىيەتتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەسىلەن، ئاممىۋىي پىكىرلەرنى رەتكە چۈشۈرۈش، ھەمدە سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىماىي ۋە پەلسەپىۋىي مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلار. بۇنداق فۇنكىسىيەنى ئادا قىلىش ئۈچۈن زىيالىلار بارلىق ئاممىۋىي ھەركەت-پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ۋە ئۇلار توغرىسىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى شەرت.
(2) ئەنئەنىۋىي ۋە ئورگانىك زىيالىيلار
1891-يىلىدىن 1937-يىلىغىچە ياشىغان ئىتالىيىلىك ماركىسىزىمچى ئانتونىيو گرامىسكى ( Antonio Gramsci) ئۆز ئۆمرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى 11 يىلىنى بىر تۈرمىدە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئاشۇ 11 يىل جەريانىدا ئۇ 32 پارچە خاتىرە دەپتىرىنى يېزىپ چىققان. بۇ خاتىرىلەر جەمئى 3000 بەتلىك بولۇپ، ئۇلار خەلقئارادا «گرامىسكى تۈرمە خاتىرىسى» دەپ ئاتىلىدىكەن. بۇ خاتىرىلەرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى تەرەققىي قىلغان كاپىتالىزىمغا ماس كېلىدىغان ماركىسىزم نەزىرىيىسى ھەققىدە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسى 1970-يىلى نەشىر قىلىنغان. گرامىسكى ئۆزىنىڭ يوقۇرىقى «تۈرمە خاتىرىسى» دە زىيالىلارغا يېڭىچە ئېنىقلىما بەرگەن. يازمامنىڭ ئۇشبۇ قىسمىدا مەن گرامىسكى ئوتتۇرىغا قويغان زىيالىيلار ھەققىدىكى ئاشۇ يېڭىچە ئۇقۇملارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. ئەسلىدىكى نەزىرىيە كاپىتالىزىم تۈزۈمىدىن سوتسىيالىزىم تۈزۈمىگە ئۆتۈش جەريانىغا قارىتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەنمۇ بۇ يەردە ئۇنى ئەينەن چۈشەندۈرۈپ ئۆتىدىغان بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ مەزمۇنلاردىن جانلىق ھالدا پايدىلىنىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. ئىشىنىمەنكى، بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان نەزىرىيىۋىي بىلىملەر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ناھايىتى ماس كېلىدۇ.
گرامىسكى زىيالىيلارنى ئېقىمغا قارشى ئىش ئېلىپ بارالايدىغان بىر ھالقىلىق كۈچ دەپ ھېساپلىغان. ئۇ كاپىتالىزمدىن سوتسىيالىزىمغا ئۆتۈش جەريانى پۈتۈن خەلق ئاممىسى قاتناشقان بىر ھەرىكەت بولۇشى كېرەك ئىكەنلىگىنى، سوتسىيالىزمنى بەرپا قىلىش ئۆزىنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقىنىنى ئاڭلىق ھالدا چۈشەنگەن، نوقۇل ھالدا بىر يېتەكچى پارتىيىنىڭ رەھبەرلىگىدە ئىش ئېلىپ بارمايدىغان كۆپ سانلىق خەلق ئاممىسى ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدىغانلىغىنى تونۇپ يەتكەن. ئۇنىڭ نەزىرىدىكى زىيالىيلار يالغۇز ئاكادىمىيىدە ئىشلەيدىغان، پەقەت ئۆزىگە ئوخشاش ئادەملەرلا ئوقۇيدىغان يۇقۇرى سەۋىيىلىك ماقالىلەرنى يېزىش بىلەن كۈن ئوتكۈزىدىغان كىشىلەرنىلا ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەمەس. ئۇنىڭ زىيالىلارغا بەرگەن ئېنىقلىمىسى يۇقۇرقىدىن كۆپ كەڭرى دائىرىلىك بولغان. ئۇنىڭ قارىشىچە ھەممە ئادەم زىيالىي بولالايدۇ، لېكىن جەمئىيەتتە ھەممە ئادەم بىر زىيالىيلىق فۇنكىسىيەسىنى ئادا قىلمايدۇ. مەسىلەن، سىز ئۆز ھاياتىڭىزدا تاماق ئېتىپ باققان بولۇشىڭىز مۇمكىن. كۆينىكىڭىزنىڭ تۈگمىسىنى تىكىپ باققان بولۇشىڭىز مۇمكىن. بىراق سىزنىڭ بىر ئاشپەز ياكى بىر كىيىم تىككۈچى بولۇشىڭىز ناتايىن. مەۋجۇتلۇققا قەدەم قويغان ھەر بىر ئىنسان گوروھى ئۆز ئىچىدە بىر ياكى بىر قانچە قاتلام زىيالىيلارنى بەرپا قىلىدۇ. بۇ زىيالىيلار ئاشۇ گوروھقا مەنە بېرىدۇ، ھەمدە ئۇنىڭ ئۇيىشىشىغا ۋە نورمال خىزمەت قىلىشىغا ياردەم قىلىدۇ. بۇ زىيالىيلار ئۆز گوروھى ئىچىدىكى باشقۇرغۇچىلار (manager)، مەمۇرىي خادىملار، راھىبلار، پروفىسسورلار، ئوقۇتقۇچىلار، تېخنىكلار، ئالىملار، ئادۋۇكاتلار ۋە دوختۇرلار بولۇشى مۇمكىن. ماھىيەت جەھەتتىن قارىغاندا، ئۇلار ھۆكۈمران سىنىپ بىلەن بىللە تەرەققىي قىلىپ يېتىشىپ چىققان بولۇپ، ھۆكۈمران سىنىپنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. زىيالىيلارنى مەلۇم بىر سىنىپقا تەۋە بولمىغان بىر ئالاھىدە ئىجتىماىي كاتىگورىيىدىكى ئادەملەر دەپ قاراش بىر كونا ۋە خاتا چۈشەنچىدۇر.
گرامىسكى ئۆزىنىڭ يۇقۇرىقى «تۈرمە خاتىرىسى» دە زىيالىيلارنى يېڭى ئىككى خىل تۈرگە بۆلگەن. ئۇنىڭ بىرسى «ئەنئەنىۋىي زىيالىيلار» بولۇپ، يەنە بىرسى «ئورگانىك زىيالىيلار» دىن ئىبارەت. ئەنئەنىۋىي زىيالىيلار ئۆزلىرىنى بىر مۇستەقىل تەبىقە ھېساپلايدىغان، ھۆكۈمران ئورۇندىكى ئىجتىمائى گوروھقا بېقىنمايدىغان، كەڭ خەلق ئاممىسى تەرىپىدىنمۇ ھۆكۈمران سىنىپقا بېقىنمايدىغان كىشىلەر، دەپ قارىلىدىغان زىيالىيلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قانداق ئىجتىمائى ئىگىز-پەسلىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ ئەنئەنىۋىي زىيالىيلار ئۆزلىرىدە بىر تارىخىي ئۈزلۈكسىزلىكنى ساقلاپ قالغان بولىدۇ. بۇنداق زىيالىلارنىڭ مىساللىرىدىن قەلەمكەشلەر، پەيلاسوپلار ۋە پروفىسسورلار قاتارلىقلار بار. مانا بۇلار بىز «زىيالىيلار» دېگەندە دەرھال ئېسىمىزگە كېلىدىغان كىشىلەردۇر. گەرچە بۇ زىيالىيلار ئۆزلىرىنى ھۆكۈمدارلارغا بېقىنمايدىغان كىشىلەر، دەپ ھېساپلىسىمۇ، بۇ بىر كونا ئۇقۇم ۋە خاتا چۈشەنچە بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار جەمئىيەتتىكى ھۆكۈمدار گوروھقا ماسلاشقان ۋە ئۇلارنى يۆلەيدىغان كىشىلەرگە ئايلىنىپ بولغان.
ئىككىنچى خىلدىكىسى ئورگانىك زىيالىيلاردۇر. ئۇلار ئورگانىك ھالدا ھۆكۈمران سىنىپ بىلەن بىللە تەرەققىي قىلىپ يېتىشىپ چىققان، ھەمدە ئۇلارنىڭ تەپەككۇر قىلغۇچى ۋە تەشكىللىگۈچى ئېلمېنتى بولغان بىر گوروھتىن ئىبارەت.
يۇقۇرقى باياندىن كۆرۈۋالغىنىمىزدەك، ھازىرقى سېستىمىنى (يەنى كاپىتالىزىم تۈزۈمىنى) ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى ئارزۇ قىلىدىغانلارغا قويۇلغان تەلەپ بىر قارشىلىق كۈچىنى بەرپا قىلىش، ھازىر ئېقىۋاتقان ئورتاق پىكىرنى بۇزۇپ تاشلايدىغان ۋە ھازىرقى پىكىر ئېقىمىغا قارشىلىق كۆرسىتەلەيدىغان بىر ئۇسۇلنى تېپىپ چىقىش. ئۇنداقتا بۇنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك؟
گرامىسكىنىڭ قارىشىچە، بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك ساندىكى ئەنئەنىۋىي زىيالىيلار ئىنقىلاۋىي كۈرەشكە كىرىشى كېرەك. شۇنداقلا ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ھەرىكىتى ئۆزلىرىنىڭ ئورگانىك زىيالىلىرىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، ھەممە ئادەم زىيالىي بولالايدۇ، لېكىن بىر جەمئىيەتتە ھەممە ئادەم بىر زىيالىيلىق رولىنى ئوينىغان بولمايدۇ. ئىنسانلارنىڭ ھەممە ھەركىتىگە زىيالىيلار قاتناشقان بولىدۇ، ھەمدە ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ كەسپىي پائالىيىتىنىڭ سىرتىدا مەلۇم شەكىلدىكى زىيالىيلىق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان بولىدۇ. يەنى، ھەممە ئادەملەرنىڭ ئويلاش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى ۋە سالاھىيىتى بولىدۇ. بۇ يەردىكى گەپ قانداق قىلىپ ئاشۇ ئىقتىدار بىلەن سالاھىيەتنى ئىشقا سېلىشتىن ئىبارەتتۇر.
گرامىسكى ئۆزىنىڭ بىر رولى ئەمگەكچىلەر قاتلىمى ئارىسىدا ئورگانىك زىيالىيلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش ھەمدە ئىمكانقەدەر كۆپ ساندىكى ئەنئەنىۋىي زىيالىيلارنى ئىنقىلاپ سەپىگە كىرگۈزۈش ئىكەنلىگىنى تونۇپ يەتكەن. ئىجتىمائى ئۆزگىرىشنى مەقسەت قىلغان ئىدىئولوگىيە ساھەسىدىكى كۈرەشنىڭ تۈپ مەقسىدى يالغۇز كىشىلىك ئاڭنى ئۆستۈرۈشنىلا ئۆز ئىچىگە ئېلىپ قالماستىن، بەلكى كونا ئاڭنى ئۆزگەرتىش ۋە يېڭى ئاڭنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. (مەن ۋەتەندىكى تور بەتلىرىدىن «ئۇيغۇرلار قايتىدىن تۆرىلىشى كېرەك» دېگەنگە ئوخشاش يازمىلارنى ئوقۇپ باقتىم، يۇقىرى قاتلامدىكى زىيالىلارنىڭ بەزىلىرىدىن «ئۇيغۇرلار قايتىدىن يارىلىشى كېرەك» دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ باقتىم. مېنىڭچە بۇ سۆزلەر يۇقىرىقى «كونا ئاڭنى ئۆزگەرتىش ۋە يېڭى ئاڭنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش» ئۇقۇمى بىلەن ئوخشاش.) بۇ كىشىلەرگە تاڭغىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس. ئۇ ئەمىلىي تۇرمۇش جەريانىدا يېتىلىپ چىقىشى كېرەك. شۇڭلاشقا زىيالىلار دائىرىسى مەلۇم بىر جەۋھەر گوروھ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىغى كېرەك. ئۇنىڭ ئەكسىچە زىيالىيلىق كۈندىلىك تۇرمۇش ئاساسىغا قۇرۇلغان بىر نەرسە بولۇشى كېرەك. ئەمىلىي تۇرمۇشقا ئاكتىپ ھالدا چۆككەن ئىشچىلار سىنىپى زىيالىيسىنى بەرپا قىلىش، بۇرۇن مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلەرنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان بىر قارشىلىق كۈچىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە ياردەم بېرىش گرامىسكىنىڭ نەزىرىيە بىلەن ئەمىليەتنى بىرلەشتۈرىدىغان بىر پەيلاسوپنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا قوشقان تۆھپىسىدۇر.
ئىختىيارى مائارىپچىلارنىڭ يەرلىك خەلق ئارىسىدىكى رولى گرامىسكى ئوتتۇرىغا قويغان ئورگانىك زىيالىيلارنىڭ رولى بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ. يەرلىك جەمئىيەت ۋە يەرلىك رايونلاردا ئوڭۇشلۇق ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقان مائارىپچىلار ئاشۇ جەمئىيەت ياكى رايون ئۈچۈن مەلۇم مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ. ئۇلار بۈگۈن كېلىپ ئەتە كېتىدىغانلاردىن ئەمەس. ئۇلار ئاشۇ رايون ۋە ئاشۇ جەمئىيەتتە ئۇزۇن مۇددەت ياشىغان بولۇپ، يەرلىك خەلق بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان بولىدۇ. ئەمىليەتتە ئۇلار يەرلىك خەلقنىڭ بىر قىسمىدۇر. كۆپىنچە ئەھۋالدا بۇنداق ئىختىيارىي مائارىپچىلارنىڭ مەقسىدى ئۆزى ئۈچۈن شان-شەرەپ قازىنىش ئەمەس، بەلكى پۈتۈن خەلق ۋە جەمئىيەتنى روناق تاپقۇزۇش بولىدۇ.
يۇقۇرىقى ئەنئەنىۋىي زىيالىي بىلەن ئورگانىك زىيالىي توغرىسىدىكى نەزىرىيىنى گرامىسكى ئەپەندى بىر سىياسىي تۈزۈمنى ئۆزگەرتىش جەريانىغا تۆھپە قوشۇش مەقسىدىدە ئوتتۇرىغا قويغان. ھازىر ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگىنى باشقا بىر خىل مەسىلە. ئۇلارنىڭ دۇچ كەلگىنى خاتا تۈس ئالغان «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسىتى، يوقىلىپ كېتىۋاتقان قەشقەردىكى كونا ئۆيلەرگە ئوخشاش مىللىي ۋە تارىخىي بايلىق، مىللىي ئاڭنىڭ سۇسلىشىشى، مىللىي روھ، ئۆزلۈك ۋە كىملىكنىڭ ئاجىزلاپ مېڭىشى، ۋاقىت ۋە ماددىي تۇرمۇشتىكى ئىسراپچىلىق، ئەخلاق ۋە دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى چېكىندۈرۈلۈش، ھەممە ساھەلەردىكى چىرىكچىلىك، پەرزەنت تەربىيىسىدىكى بىپەرۋالىق ۋە ئىلمىيسىزلىك، ۋە ئىلىم-پەنگە تۇتقان پۇزىتسىيىدىكى سۇسلۇق قاتارلىقلار. (بۇ بىر مۇكەممەل تىزىملىك ئەمەس؛ مەن بۇ يەردە پەقەت ھازىر ئېسىمگە ئالالىغان مەسىلىلەرنىلا تىلغا ئالدىم.) بۇنىڭ ئىچىدە مىللىي ئاڭ سۇس بولۇش، ئۆز خەلقىنىڭ ئىشلىرى بىلەن قىلچە كارى بولماي، پەقەت ئۆزى ۋە ئۆز ئائىلىسىنىڭ ياخشى ياشىشى ئۈچۈن ئار-نومۇس، ۋىجدان، مىللىي روھ ۋە ئىنسانىي غورور قاتارلىق باشقا ھەممە نەرسىدىن ۋاز كېچىش قاتارلىق خاھىشلار بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدا ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. شۇڭلاشقا ھازىر ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن نارازى بولۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانى كۈنسايىن ئېشىپ مېڭىۋاتقاندەك قىلىدۇ—مەن بۇنى يېقىنقى بىر قانچە يىلنىڭ مابەينىدە ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىكى نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا ھىس قىلدىم. روشەنكى، ئۆز مىللىتىگە ھىچ قانداق پايدا يەتكۈزمىگەن بىر زىيالىينىڭ ئاشۇ مىللەتنىڭ زىيالىسى بولۇپ تەرىپلىنىش سالاھىيتى بولمايدۇ. ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مېنىڭچە ھازىر ئورگانىك زىيالىيلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە ئىنتايىن خوشاللىنارلىق ئەھۋال بار بولۇپ، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا ئورگانىك زىيالىيلارنىڭ رولى ئەنئەنىۋىي زىيالىيلارنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ ياخشى بولۇۋاتقاندەك قىلىدۇ. خەلقىمىز تارىختا ئۆز زىيالىيلىرىغا ھازىرقىدەك ئېھتىياجلىق بولۇپ باققان ئەمەس. زىيالىيلىرىدىن ھازىرقىدەك ئۈمۈت كۈتكەن ئەمەس. ھەممە زىيالىيلىرىنىڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۆز بۇرچىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ھازىرقىدەك تەشنا بولۇپ باققان ئەمەس.
زىيالىي توغرىسىدىكى يۇقۇرىقى نەزىرىيەنى ئوقۇغان ھەر بىر ئادەم ئۆز كاللىسىدا مۇنداق بىر ئۇقۇمنى چوقۇم ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى كېرەك. ئۇ بولسىمۇ، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيانى چۈشىنىش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىش تۇغما تالانتىغا ئىگە. بۇ تالانتنى ھەر بىر ئىنساننىڭ «زىيالىيلىق قابىليىتى» دىيىشكىمۇ بولىدۇ. ئۇنداقتا سىز مۇشۇ پەيتنىڭ ئۆزىدىلا ئۆز-ئۆزىڭىزدىن مۇنداق سوئاللارنى سوراپ بېقىڭ: «مەن ئۆزۈمنىڭ زىيالىيلىق قابىلىيىتىمنى ئىشقا سېلىپ، ھازىرغىچە مىللەت ئۈچۈن نىمە ئىشلارنى قىلىپ بەردىم؟ ھازىر نىمە ئىشلارنى قىلىپ بېرىۋاتىمەن؟ بۇنىڭدىن كېيىن نىمە ئىشلارنى قىلىپ بېرەلەيمەن ۋە قىلىپ بېرىمەن؟»
داۋامى بار،历史上的今天: