• ھازىر بىر قىسىم دوستىلىرىمىزنىڭ فورد ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىدىغان مەزگىلى، شۇڭا تورداشلارغا ياردىمى بولۇپ قالار دەپ بۇ يازمىنى يوللىدىم.
    ھازىرغا كەلگىچە بۇ ئوقۇش فوندىغا ئېرىشكەن بىرەرسى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىلتىماس جەريانىدا ئۆزىنىڭ ھىس قىلغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقمىدى. شۇڭا مەن ئۆزۈمنىڭ مۇشۇ جەرياندا ھىس قىلغانلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنى مۇۋاپىق كۆردۇم.