-
تۈركچە ئاساس جۈملىلەر 2010-01-11
تونۇشۇش -تونۇشتۇرۇش
Kendimi size takdim edeyim -----------سىلەرگە ئوزۇمنى تۇنۇشتۇراي
Sizi esma hanimla tanistirayim------سىزنى ئەسما خانىم بىلەن تونۇشتۇرۇپ قۇياي
Siz kimsiniz?-----------------------سىز كىم بولىسىز؟
Sizinle tanistigima memnun oldum!----سىز بىلەن تۇنۇشقىنىمدىن خوشالمەن!
Adiniz nedir?-------------------------ئىسمىڭىز نىمە؟
Ahmet beyi taniyormusunuz?---------ئەخمەت ئەپەندىمنى تۇنامسىز؟
Sanirim sizinle tanismadik?-----------سىز بىلەن تونۇشمىدۇققۇ دەيمەن؟
Sizinle daha once karsilasmistik------سىز بىلەن بۇرۇن ئۇچراشقانتۇق.
رەھمەت ئېيتىش.كەچۇرۇم سوراش.
!Cok tesekkur ederim-------------------كوپ رەھمەت!
!Bir sey degil..onemi yok..rica ederim-----تۇزۇت قىلماڭ[مۇھىم ئەمەس]
Pardon/affedersiniz/ozur dilerim--------كەچۇرۇڭ!
Aldirma/Bosver------------------------بولدى قىلىڭ[بولدىلا]
Affinizi rica ederim--------------------سىزدىن كەچۇرۇم سورايمەن
Sizi kirmak istememistim--------------كوڭلىڭىزنى ئاغرىتىشنى خالىمايتتىم!
Uzgunum ama size yardim edemem----خاپا بولماڭ.سىزگە ياردەم قىلالمايمەن!داۋامىنى مەزكۇر يازمىدىن كۆرۈڭ
-
تۈركىيە ناخشا چولپانلىرىدىن: مۇرات كەكىللى 2009-12-13
مۇرات كەكىللى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تاركان،ئىبراھىم،گۆھتان قاتارلىق ناخشىچىلاردەك ئانچە تۇنۇش ئەمەس. بېراق، << بۇ ئاخشام ئۆلەرمەن >> دىگەن ناخشىنى ئاڭلاپ باققانلارغا ئۇ چۇقۇم ناھايىتى چۇڭقۇر تەسىرىنى قالدۇرغان. << بۇ ئاخشام ئۆلەرمەن >> دەل بىز بۈگۈن تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىدىغان ناخشىچى مۇرات كەكىللىنىڭ بۇلىدۇ.
مۇرات كەكىللى 1968-يىلى 18- ئاپرىل ئادانا(Adana)دا تۇغۇلغان بولۇپ،باشلانغۇچ،ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىنى كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئادانادا ئۆتكۈزگەن. ئائىلىسى نامرات بولغاچقا،مۇرات كەكىللى كىچىگىدىن تارتىپ جاپا مۇشەققەتلىك تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈرگەن.ئۇ تەتىل كۈنلىرى مەھەللىسىدە يەل يىمىش ساتاتتى،مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇرات كەكىللىنىڭ بېشىغا تەلەي قۇشى قۇنۇپ ئادانا ياشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بىلەن كۆرۈشۈپ قالىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ يېنىدا ئىشلەش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.ھەمدە بىر پىئانىنو چالىدىغان ياش بىلەن تۇنۇشۇپ قېلىپ پىئانىنوغا ناھايىتى ئىشتىياق باغلاپ قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشكە باشلايدۇ.شۇنداق قىلىپ، مۇرات كەكىللىنىڭ سەنئەت ھاياتى باشلىنىدۇ.
1989-يىلىدا، مۇرات كەكىللى ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىنىپ 1991-يىلىغىچە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەيدۇ ۋە بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ سەنئەت تالانتى بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق گازارمىدا ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشىدۇ.1992-1993 يىللىرىدا ئۇ ئادانا دۆلەتلىك مۇزىكا ئىنىستۇتىغا قۇبۇل قىلىنىدۇيۇ-مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى مەكتەپدە بىر يىل ئوقۇپلا ئوقۇشتىن رايى يېنىپ مەكتەپدىن چىقىپ كىتىدۇ.1994-يىلى ئۇ ئادانادىن ئىستانبۇلغا كېلىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ تۇنجى مۇزىكا ئەترىتىنى قۇرۇپ چىقىپ ئۆزىنىڭ سەنئەت ھاياتىنى باشلايدۇ.ئۇ 1996-يىلى << يوپۇرماق گورۇپپىسى>> نامىدا تۇنجى پلاستىنكىسىنى چىقىرىدۇ.ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ يەنە << بوغازچى گورۇپپىسى>>نى باشلاپ داڭق تاپىدۇ ۋە 1999-يىلى <<بۇ ئاخشام ئۆلەرمەن>> نامىدىكى پلاستىنكىسى تارقىتىدۇ...
مۇرات كەكىللىنىڭ ناخشىلىرىدا بىرخىل مۇڭ ئەكىس ئەتتۈرۈپ تۇرىدىغان بولۇپ ، ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلىغۇچىلاردا بىرخىل لەرزان ئىقىمىدىكى مۇڭلۇق كەيپىيات پەيدا بولىدۇ دە،ئۇنىڭ ناخشىلىرىنىڭ ئىچىدە ئېرىپ كېتىدۇ.
-
>>تۈركچە ئۆگىنىمەن<< دىگەن بۇ پروگرامما تۈركىيەدە مەخسۇس چەتئەللىك ئۆگەنچىلەر ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ،ئاددىي-ئوڭاي تىل بىلەن چۈشەندۈرىدىغان پروگرامما بولۇپ تۈرك-ئىنگىلىز تىلىدا تەڭ چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ.بۇ پروگرامما ئېغىز تىلى،سۆزلۈك،گرامماتىكا،كۇلتۇر قاتارلىق كۆپ مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ تۈركچە ئۆگىنىش ئىشتىياقى بارلارغا نىسبەتەن ياخشى پايدىلىنىش ماتىرىيالى ھېسابلىنىدۇ.بۇ پروگرامما ھازىرغا قەدەر ڧرانسۇز،نېمىس،ئىتاليان،ئەرەب،پارس،قازاق،ئۆزبېك،قىرغىز قاتارلىق 22 تىلغا تەرجىمە قىلىنغان.تۈركچە ئۆگەنمەكچى بولغان قېرىنداشلىرىمىزغا پايدىسى بولۇپ قالار دىگەن نىيەتتە مەزكۇز پروگراممىنىڭ بىرىنچى،ئىككىنچى دەرس ڧىلىمىنى تۇرايىمىزدا ئېلان قىلدۇق.ئىنشائاللا،مەزكۇر پروگرامما سىلەرنىڭ ھاجىتىڭلاردىن چىققۇسى.
-
تۈركچە ئۆگىنىمەن<< دىگەن بۇ پروگرامما تۈركىيەدە مەخسۇس چەتئەللىك ئۆگەنچىلەر ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ،ئاددىي-ئوڭاي تىل بىلەن چۈشەندۈرىدىغان پروگرامما بولۇپ تۈرك-ئىنگىلىز تىلىدا تەڭ چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ.بۇ پروگرامما ئېغىز تىلى،سۆزلۈك،گرامماتىكا،كۇلتۇر قاتارلىق كۆپ مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ تۈركچە ئۆگىنىش ئىشتىياقى بارلارغا نىسبەتەن ياخشى پايدىلىنىش ماتىرىيالى ھېسابلىنىدۇ.بۇ پروگرامما ھازىرغا قەدەر ڧرانسۇز،نېمىس،ئىتاليان،ئەرەب،پارس،قازاق،ئۆزبېك،قىرغىز قاتارلىق 22 تىلغا تەرجىمە قىلىنغان.تۈركچە ئۆگەنمەكچى بولغان قېرىنداشلىرىمىزغا پايدىسى بولۇپ قالار دىگەن نىيەتتە مەزكۇز پروگراممىنىڭ بىرىنچى،ئىككىنچى دەرس ڧىلىمىنى تۇرايىمىزدا ئېلان قىلدۇق.ئىنشائاللا،مەزكۇر پروگرامما سىلەرنىڭ ھاجىتىڭلاردىن چىققۇسى.
-
كۆزئەينەكچىلەر ئانسامبىلى دىسە تۈركىيەدە بىلمەيدىغانلار يوق بولسا كېرەك،‹‹ئاينا››دەپ ئاتالغان بۇ ئانسامبىلدىكى ئاساسلىق ناخشىچىنىڭ قارىغۇلار كۆزئەينىگىنى تاقىۋالغاندىكى ھەيۋەتلىك،كېلىشكەن قامىتى ئۇنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىغۇچىلارنى ئۆزىگە ناھايىتى تارتىدۇ ھەمدە بۇ ناخشىچىلارغا ھۆرمەت ئارىلاش ھىسداشلىق تۇغۇلدۇرىدۇ.
ئەمەلىيەتتە،بۇ كۆزئەينەكلىكلەر كاياخان ئاچار باشچىلىقىدىكى روك مۇزىكىچىلىرى بولۇپ،ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب بىلەن ئۇنىڭ ئالقىشلىغۇچىلىرىغا مۇڭلۇق ناخشىلىرىنى ھەدىيە قىلىپ كەلمەكتە.
كۆزئەينەكچىلەرنىڭ ۋەكىللىك ناخشىلىرىدىن :‹‹مېنى ھەرگىز ئونۇتما››،‹‹مېنىڭ ئايالىم››،‹‹بوۋاق گۈللۈكى››،‹‹سېنى بەكلا سۆيەتتىم››...قاتارلىقلار بولۇپ تۈركىيەدە ئاتىقى خېلى چوڭ ئانسامبىللاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.