-
تۈركچە ئۆگەنمەكچى بولغانلارغا بىرىنچى دەرس:تۈركچە ئۆگىنىمەن
>>تۈركچە ئۆگىنىمەن<< دىگەن بۇ پروگرامما تۈركىيەدە مەخسۇس چەتئەللىك ئۆگەنچىلەر ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ،ئاددىي-ئوڭاي تىل بىلەن چۈشەندۈرىدىغان پروگرامما بولۇپ تۈرك-ئىنگىلىز تىلىدا تەڭ چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ.بۇ پروگرامما ئېغىز تىلى،سۆزلۈك،گرامماتىكا،كۇلتۇر قاتارلىق كۆپ مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ تۈركچە ئۆگىنىش ئىشتىياقى بارلارغا نىسبەتەن ياخشى پايدىلىنىش ماتىرىيالى ھېسابلىنىدۇ.بۇ پروگرامما ھازىرغا قەدەر ڧرانسۇز،نېمىس،ئىتاليان،ئەرەب،پارس،قازاق،ئۆزبېك،قىرغىز قاتارلىق 22 تىلغا تەرجىمە قىلىنغان.تۈركچە ئۆگەنمەكچى بولغان قېرىنداشلىرىمىزغا پايدىسى بولۇپ قالار دىگەن نىيەتتە مەزكۇز پروگراممىنىڭ بىرىنچى،ئىككىنچى دەرس ڧىلىمىنى تۇرايىمىزدا ئېلان قىلدۇق.ئىنشائاللا،مەزكۇر پروگرامما سىلەرنىڭ ھاجىتىڭلاردىن چىققۇسى.
· ئاپتور: تۇرايىمىز يازغۇچىسى ئۇيغۇربەگ
بۇ يازمىنىڭ ئىشلىتىش ھۇقۇقى ئەلقۇت جەمەتى تور تۇرايىغا مەنسۇپ.ناۋادا كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز تۇرايىمىزنى ۋە مەزكۇر يازما ئادرىسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ.باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىش ئەخلاقنىڭ جۈملىسىدىندۇر.