-
تۈركىيەدە بىر مەزگىل مودا بولغان ناخشا ‹‹بېراق،مېنى ھەرگىز ئۇنۇتما››دىن ھۇزۇر ئېلىڭ!
كۆزئەينەكچىلەر ئانسامبىلى دىسە تۈركىيەدە بىلمەيدىغانلار يوق بولسا كېرەك،‹‹ئاينا››دەپ ئاتالغان بۇ ئانسامبىلدىكى ئاساسلىق ناخشىچىنىڭ قارىغۇلار كۆزئەينىگىنى تاقىۋالغاندىكى ھەيۋەتلىك،كېلىشكەن قامىتى ئۇنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىغۇچىلارنى ئۆزىگە ناھايىتى تارتىدۇ ھەمدە بۇ ناخشىچىلارغا ھۆرمەت ئارىلاش ھىسداشلىق تۇغۇلدۇرىدۇ.
ئەمەلىيەتتە،بۇ كۆزئەينەكلىكلەر كاياخان ئاچار باشچىلىقىدىكى روك مۇزىكىچىلىرى بولۇپ،ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب بىلەن ئۇنىڭ ئالقىشلىغۇچىلىرىغا مۇڭلۇق ناخشىلىرىنى ھەدىيە قىلىپ كەلمەكتە.
كۆزئەينەكچىلەرنىڭ ۋەكىللىك ناخشىلىرىدىن :‹‹مېنى ھەرگىز ئونۇتما››،‹‹مېنىڭ ئايالىم››،‹‹بوۋاق گۈللۈكى››،‹‹سېنى بەكلا سۆيەتتىم››...قاتارلىقلار بولۇپ تۈركىيەدە ئاتىقى خېلى چوڭ ئانسامبىللاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
‹‹بېراق،مېنى ھەرگىز ئۇنۇتما››بۇ ناخشىدا كۆزئەينەكلىكلەر مۇھەببەتكە بولغان چوڭقۇر سېغىنىشى ھەمدە سۆيگۈگە بولغان ۋاپادارلىق،قەھرىمانلىققا بولغان مەدھىيەسىنى ئىپادىلەپ ۋاقىتسىز تۇزۇغان مۇھەببەتكە بولغان ئېچىنىشىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن بولۇپ تۇنجى قېتىم ئاڭلىغۇچىلارغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ.زىيارەتچىلەرنىڭ بۇ ناخشىغا بولغان چۈشۈنىشىنى ھەمدە تۈركچە سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇشقا پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن بۇ ناخشىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە تېكىسىتىنى قۇشۇپ يوللىدىم.سەۋىيەم چەكلىك بولغاچقا تەرجىمىدە خاتالىق بولسا ئەپۇ قىلىشىڭلارنى سورايمەن.
تېكىسىت تەرجىمىسى:
Bari Sen Unutma Beni
‹‹ بېراق،سەن ئۇنۇتما مېنى ››
Son deminde akşam
شۇ دەملەردە ئاخشام
Merhaba dostum hüzün
مەرھابا،دوستۇم ئازاب
Yalnızım yine yalnız
يالغۇزمەن يەنە يالغۇز
Nerdesin iki gözüm
نەدەسەن ئىككى كۆزۈم(بۇ يەردە يارىنى كۆرسىتىدۇ)
Böyle mi yaşanır
مۇشۇنداقلا ياشامتۇق؟
Ayrılık acısı
ئايرىلىشنىڭ ھەسرىتى
Gözlerimden anla yeter
كۆزلىرىمدىن چۈشەنسەڭ يېتەر(بىلەرسەن).
Gel de al canımı
كەل ۋە ئال جېنىمنى
Al da kurtulayım
كەل قۇتقۇز سەن مىنى
Ayrılık ölümden beter
ئايرىلىش ئۆلۈمدىن بەتەر!
Sende unuttum hayalleri
سەندە ئۇنۇتتۇم خىياللىرىمنى
Sende unuttum sevilmeyi
سەندە ئۇنۇتتۇم سۆيگۈلۈرىمنى
Bari sen unutma beni
بېراق،سەن ئۇنۇتما مېنى
(قايتارما)
(مونولوگ)
Yüreğimin kıyısına vurdu minicik bir dalga
يۈرىكىمنىڭ قېتىغا كىچىك بىر دولقۇن ئۇرۇلدى
Susmalıydım, tutamadım kendimi
ساقلىيالمىدىم(ئىچىمدە)،تۇتالمىدىم ئۆزۈمنى
Bi canım var feda etsem sevdamı bilemezsin
بۇ جانىمنى ساڭا پىدا ئېتىپ(ئۆلسەم)سۆيگۈمنى بىلەلمەسسەن.
Bi acım var anlatsam önünü göremezsin
بۇ ئازابىمنى ئاڭلاتسام،ئۈنۈمىنى كۆرەلمەسسەن.
Herkes unuttu gitti, ben de unuttum her şeyi
ھەممە كىشى ئۇنتۇپ كەتتى،مەنمۇ ئۇنۇتتۇم ھەممە نەرسىنى
Bari, bari sen unutma beni
بىراق،بىراق سەن ئۇنۇتما مېنى
(قايتارما)
Sende unuttum hayalleri
سەندە ئۇنۇتتۇم خىياللىرىمنى
Sende unuttum sevilmeyi
سەندە ئۇنۇتتۇم سۆيگۈلۈرىمنى
Bari sen unutma beni
بېراق،سەن ئۇنۇتما مېنى
Sende unuttum hayalleri
سەندە ئۇنۇتتۇم خىياللىرىمنى
Sende unuttum sevilmeyi
سەندە ئۇنۇتتۇم سۆيگۈلۈرىمنى
Bari sen unutma beni
بېراق،سەن ئۇنۇتما مېنى
Bari sen unutma beni
بېراق،سەن ئۇنۇتما مېنى
· ئاپتور: تۇرايىمىز يازغۇچىسى ئۇيغۇربەگ
بۇ يازمىنىڭ ئىشلىتىش ھۇقۇقى ئەلقۇت جەمەتى تور تۇرايىغا مەنسۇپ.ناۋادا كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز تۇرايىمىزنى ۋە مەزكۇر يازما ئادرىسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ.باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىش ئەخلاقنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
评论