-
سۆرەتتە: Google شىركىتىنىڭ جۇڭگودىكى ئىش بېجىرىش ئورنى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا،گۇگېل شىركىتى بىرنەچچە كۈن ئاۋۋال جۇڭگۇدىكى سودا تىجارىتىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا ئىستاتىستىكا ئېلىپ بارغان ھەمدە جۇڭگو بازىرىدىن پۈتۈنلەي چىكىنىپ كېتىشنى ئويلاشقان.گۇگېلنىڭ ئاشكارىلىشىچە ئۇلار جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلىقىدىن زور كۆلەملىك تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانىكەن.
گۇگېلنىڭ باش قانۇن ۋەكالەتچىسى داۋىد درومموند مۇشۇ سەيشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ تور خاتىرىسىدە يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن ئەھۋاللارنى ئېلان قىلغان.بۇ خاتىرىدە دىيىلىشىچە،ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئۇلار جۇڭگودىن كەلگەن،شىركەتنىڭ ئاساسلىق يۇقىرى تېخنىكىلىرىغا بولغان ھۇجۇم قىلىش ھەمدە جاسۇسلۇق قىلىشدەك غەرەزلىك ئەھۋاللارنى سەزگەن ھەمدە بۇ ئەھۋاللار گۇگېل شىركىتى بىلىم ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
نۆۋەتتە گۇگېل جۇڭگودىكى تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ياكى توختىتىش ھەققىدە ئويلانماقتا ئىكەن.بەلكىم گۇگېل شىركىتى ئۇزاققا قالماي گۇگېل چىنانى توختىتىۋىتىشى ھەمدە جۇڭگودىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنى تارقىتىتىۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن.گۇگېل نىڭ جۇڭگودىكى باش ۋەكالەتچىسى ۋاڭ جىن خوڭ ئەپەندى بولسا ئۆزىنىڭ تېخى مەركەزدىن ھىچقانداق ئۇقتۇرۇش قوبۇل قىلمىغانلىقىنى،بۇ خەۋەرلەرنىڭ ھازىرچە ئانچە ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۇ يازمىنىڭ ئىشلىتىش ھۇقۇقى ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا مەنسۇپ.ناۋادا كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز تۇرايىمىزنى ۋە مەزكۇر يازما ئادرىسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ.باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىش ئەخلاقنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
<< بەيدۇ شىركىتىنىڭ 12-چىسلادىكى ۋەقە بولغان باياناتى | ئانابەت | بلوگباسنىڭ تاقالغانلىقى ھەققىدە بىرقىسىم قىياسلار >>
{#pagenav}