• بىرىنچى: بەيدۇنىڭ پاي چېكى ئۆسۈشى مۇمكىن.رىقابەتچىسى يوقىتىلغاندىن كىيىن شۇنداق بۇلىدۇدە!...ئەنە كۆردۇق،گۇگېلنىڭ بلوگىدا جۇڭگو بازىرىدىن چىكىنىپ كېتىش ئويىنى ئېلان قىلىۋىدى،بەيدۇ خاككېرنىڭ ھۇجۇمىغا دەھشەتلىك ئۇچرىغان تۇرۇقلۇق پاي چېكىنىڭ باھاسى 7% ئۆسۈپ كەتتى ئەنە!بۇ شۇنى چۈشەندۈرۈدىكى،پايچېكلار بىلەن سىرىتقى دۇنيانىڭ google نىڭ جۇڭگودىن چىكىنىپ كەتكەندىن كىيىن كېلىدىغان << ئىگىز-پەس دولقۇن>>لىرى بولغان تونۇشى بىردەك.

    ئىككىنچى: تېڭشۈن ئىزدەش ماتورى(腾讯搜搜)،ۋاڭيى(网易)،سوخۇ ئىزدەش ئاپشاركىسى(搜狐搜狗)،ئىزدەش  قاتارلىق توربەتلەرگە پۇرسەت كېلىشى مۇمكىن.بۇ ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ گۇگېلنىڭ ئىزدەش نەتىجىسىنى <<سۇيئىستىمال>> قىلىپ ئاخىرى ئۆزلىرىنىڭ يەككە ئىزدەش ماتورىنى ياساپ چىققانلىقىغا بىر يىلدىن ئاشتى.ئەمدى google راستىنلا كېتىدىغان بولسا،پاھ،مانا تېڭشۈن ئىزدەش ماتورى ئاسماندىن توككىدە چۈشۈپ  كەلگەن سودا پۇرسىتىدىن ئالدىراش بولۇپ كېتىدىغان بولدى،بۇنىڭ بىلەن يەنە سوخۇ ئىزدەش ئاپشاركىسىغىمۇ كۆتۈرۈلۈش پۇرسىتىمۇ كېلىشى مۇمكىن،ئۇيغۇرچە ئىزدەش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىزدەش تورىمۇ يېڭى بىر پەللىنى كۈتۈۋېلىشى مۇمكىن...

    ئۈچۈنچى:نۇرغۇن تورداشلار ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ google  چىكىنىپ كىتىشىگە قارشىلىق بىلدۈرىشى مۇمكىن.گەپنىڭ ئىنىقىنى دىسەم،google  نىڭ كىتىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ مەنمۇ ناھايىتى بىئارام بولىۋاتىمەن،ھەي شۇ، تورغا ياماشقاندىن باشلاپلا مەن شۇ google  دىن پايدىلىنىپ نەرسە ئىزدەپ كېلىۋاتاتتىم،گەرچە بەيدۇمۇ ياخشى ئىزدەش ماتورى بولغان بىلەن ئۇيغۇرچىنى ، توغرىسى Unicodeنى قوللىمايتى،شۇڭا مەن ئىزدەيدىغان ئۇيغۇرچە مەزمۇنلارنى تاپقىلى بولمىغاندىن كىيىن يەنە شۇ google غا مۇراجىئەت قىلاتتىم.ئۇنىڭ ئۈستىگە،google  خەلىقئارالىق،بەيدۇ بولسا دۆلەت ئىچىدىكىنى تاپاتتى،بەيدۇ تاپالمىغاننىgoogle ئەپلەيتى...پەمىمچە،نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق ئويلىرى ۋە كەچۈرمىشلىرى بارغۇ دەيمەن؟

    تۆتىنچى: ئېلان بەرگۈچىلەر نارازىلىق بىلدۈرىشى،بېكەت باشلىقلىرى پاراكەندە بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. google  كەتكەندىن كىيىن،ئېنىقلا بەيدۇ ئۆينىڭ غوجىسىغا ئايلىنىدۇ-دە،بازارنى يالغۇز ئۆزى قاماللايدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئېلان بەرگۈچى تەرەپ بەيدۇغا تېخىمۇ كۆپ پۇل تۆلىشى كېرەك بولىدۇ،پۇل،ھەممىسى پۇل بىلەن ئۆلچىنىدىغان ھازىرقى ئەھۋالدا نۇرغۇن كىشىلەر بۇنداق ھالەتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى خالىمايدۇ ئەلۋەتتە...بۇنىڭ بىلەن بىرگە،بىر قىسىم تور بېكەت باشلىقلىرى google ئۈچۈن ئاتايىن SEO خىزمىتى ئىشلىگەنىدى،ناۋادا  google راستىنلا كېتىدىغان بولسا ئۆزلىرىنىڭ توربەتلىرىنىڭ زىيارەت قىلىنىش سانى چۈشۈپ كېتىشى،شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئېلان كىرىمى پەقەت شۇ بەيدۇغىلا قاراشلىق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن،ئېنىقكى،ئېلان كىرىمىدىن ئايرىلىپ قېلىش ھىچقانداق بىر توربەت قۇرغۇچىنىڭ خالايدىغان ئاقىۋىتى ئەمەس!...

    سۆرەتتە : google نىڭ جۇڭگۇدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى ئالدىدىكى شىركەت ماركىسىغا بىرقىسىم تورداشلار گۈلچەمبىرەك قويدى

     سۆرەتتە : بۇ خەۋەر چىققاندىن كىيىن چەتئەللىك مۇخبىرلار ئالدىراش ھالدا جۇڭگۇدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى ئالدىدا پايپېتەك بولۇپ كېتىشمەكتە

    سۆرەتتە : google نىڭ جۇڭگۇدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى ئالدىدىكى شىركەت ماركىسىغا بىرقىسىم تورداشلار گۈلچەمبىرەك قويدى


    بۇ يازمىنىڭ ئىشلىتىش ھۇقۇقى ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا مەنسۇپ.ناۋادا كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز تۇرايىمىزنى ۋە مەزكۇر يازما ئادرىسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ.باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىش ئەخلاقنىڭ جۈملىسىدىندۇر.