• 维吾尔大臣博客礼物:新博客模板绿色的梦将要发布

    UyghurBeg blog's gift: a new blog template named green dream will be issued 

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار،

    يېڭى بلوگ ئاچقان ھەمدە بلوگ تەرجىمە قىلىش سەۋىيىسى ئانچە يۇقىرى ئەمەس ۋە ياكى يېڭى بلوگ ئۇسلۇبىغا ئىھتىياجلىق تورداشلارنىڭ ئىھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ ئۇسلۇبنى تەرجىمە قىلىپ چىقتىم،شۇنداقلا بۇ ئۇسلۇبقا يېشىل چۈش دەپ نام قويدۇم.بۇ ئۇسلۇب مېنىڭ ئىككىنچى ئەمگىكىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    بۇ ئۇسلۇبنىڭ ئېلانلىرى چىقىرىپ تاشلانغان بۇلۇپ بەت يۈزى سىلىق،سىپتا ئاددىي ئەمما كۆرىنىشلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ ، ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان ئەمگىكىم ئۆچۈن ئاستىدىكى مەزمۇنلارنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ئىشلەتسە ھەمدە ئۆزگەرتسە بۇلىدۇ،ئىشىنىمەنكى بۇ ئۇسلۇب تورداشلارنىڭ ياختۇرىشىغا ئېرىشىدۇ.

     

    بۇ بەتنىڭ كۈرۈنۈشى تۆۋەندىكىدەك:

    بلوگ باشبەت يۈز كۆرۈنۈشى

     

     

    ئىشلىتىشنى خالايدىغانلار ئەمگىكىم ئۈچۈن ئاستىدىكى تەرجىمە قىلغۇچى نامىنى چىقىرىۋەتمەسلىك ھەمدە تۇرايىمىزنى رەسىملىك ئۇلىنىش قىلىش تەلىپى ئاستىدا ئېلخەت ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويسا بولىدۇ،مەن بىۋاستە ئېلخەتكە ئەۋەتىپ بىرىمەن.





    评论

  • مىنىڭ ئېلخەت ئادرىسىم perhat.h@gmail.com مەن بىلوگ توغرىسىدا ھېچنىمە بىلمەيمەن بىلمىگەنلىرىمنى سورىسام بولامدۇ؟؟
    ئۇيغۇربەگ回复ademi说:
    Xahzada0997@163.com قانداق ياردەم بولسا سوراۋېرىڭ،ياردەم قۇلىمىزنى ئايىمايمىز! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم،بىلمىسىڭىز ئەيىب ئەمەس ئۆگەنمىسىڭىز ئەيىب...مېنىڭ ئېلخەت ئادرىسىم
    2010-01-19 07:40:50
  • ماڭا ئەۋەرتىپ بىرەلەرسىزمۇ؟ماڭا لازىمتى~~~
    sehriger@hotmail.com مۇشۇ ئادىرىسقا ئەۋەرتىىپ قويسڭىز بولىدۇ.
    ئۇيغۇربەگ回复sehriger说:
    ئەۋەتىۋەتتىم،تاپشۇرۇپ ئېلىڭ!
    2010-01-18 12:11:02
  • ئۇيغۇربەگ، خاپا بولماي سىستىما باغچىسى بلوگىنىڭ نامى ۋە ئادرىسىنى ئۇيغۇر يۇمتال مەركىزىگە ئالماشتۇرۇپ قويسىڭىز، (سىستىما باغچىسى بلوگى بۇندىن كېيىن مەۋجۇد ئەمەس)..
    ئۇيغۇربەگ回复تۈركزاد说:
    ئۆزگەرتىپ قويدۇم،نادىر يازمىلىرىڭىزغا تەشنامىز!
    2010-01-16 18:04:52
  • خوتەن قەغىزى ئۇسلۇبىنى قايسى ئۇسلۇبتىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغانتىڭىز؟ خەنزۇچىسىنى قالدۇرۇپ قويالارسىزمۇ؟..
    يەنە بىر ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم...
    ئۇيغۇربەگ回复تۈركزاد说:
    مۇشۇ ئادرىس شۇ!
    http://new-skin026.blogbus.com/
    2010-01-14 21:40:06
  • مەن چچ بوشلۇقىڭىزدىن كۆردۈم، مۇمكىن بولسا قارا تۈن ئۇسلۇبىنى ئەۋەتىپ بىرەلەرسىزمۇ؟ شۇ بىر قەدەر ماس كەلگۈدەك...
    mijit888@163.com
    رەھمەت!...
    ئۇيغۇربەگ回复تۈركزاد说:
    مەن سىناق قىلىپ بېقىپ ئەۋەتىپ بىراي ھە!
    2010-01-14 21:38:53
  • ئۇيغۇربەگ، مېنى كومپىيوتىر تېخنىكىسى، سىستىمىلار قاتارلىقلارغا ماس كەلگۈدەك بىرەر ئۇسلۇب بىلەن تەمىنلىيەلەمسىز؟كومپىيوتىرغا ئائىت. جىددى ئۆتۈنىمەن.رەھمەت...
    ئۇيغۇربەگ回复تۈركزاد说:
    مەن تېخى بۇ مەزمۇندىكى ئۇسلۇبنى تەرجىمە قىلىپ باقماپتىمەن،توغرا
    http://new-skin151.blogbus.com/
    غا قاراپ بېقىڭ،ياقامدۇ ياكى بۇلامدۇ؟ مەن مۇشۇنى تەرجىمە قىلىۋاتقان،بېراق ئازراق تەڭشەكنى ئىمتاھان مۇناسىۋىتى بىلەن توختىتىپ قويدۇم...ياقسا ئەۋەتىپ بىرەي، چ چ ئارقىلىق پىكىردەشسەكمۇ بولىدۇ. يا بولمىسا چ چ بوشلۇقىمدىن كۆرۈپ بېقىڭ،بولغۇدەك ئۇسلۇبلار بارمىكەن...،
    2010-01-14 14:54:16
  • erki1987@gmail.com
  • سالام ئەزىز قېرىندىشىم، مېنىڭ بىلگىمنى سىزنىڭكىدەك چىرايلىق قىلغىلى بولارمۇ؟ مەنمۇ بىلوگىمدا تۈركىيىدىكى ئوقۇش توغۇرسىدا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەي دىگەن.

    مېنىڭ بىلوگىمنىڭ erki_8
    87060311

    ئۇيغۇربەگ回复ئەركى说:
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم...بلوگ ياساش ئوڭاي ئىش ئەمما زىننەتلەش،گۈزەللەشتۈرۈش بىر تەسچىلىك.خالىسىڭىز مەن سىزنىڭ بلوگىڭىزغا مەن ئۆزۈم تەرجىمە قىلىپ چىققان ئۇسلۇب جەھەتتىن كۆركەم،ئازادە كەلگەن تېخى باشقىلارغا تارقاتمىغان يېڭى ئۇسلۇبدىن بىرنى بىرەي.ئالاقىلىشىش ئادرىسىڭىزنى قالدۇرۇپ قۇيۇڭ.مەسىلەن ئېلخەت دىگەندەك.
    2010-01-03 01:01:29
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندېشىم.بلوگىڭىزنىڭ مەزمۇنى ياخشى ئىكەن. بۇ يېشىل چۈش بىلوگ ئۇسلۇبىنى مەن ياختۇرۇپ قالدىم ۋە كانادا ئۇيغۇر ستۇدېنت بلوگىغا خاسلاشتۇرۇپ ئىشلىتەيمىكىن ياردەم قىلسىڭىز. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. جاپا چەكتىڭىز.
    Email: uyghurstudent1@gmail.com
    ئۇيغۇربەگ回复Anjur007说:
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم قېرىندىشىم كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا...ئۇسلۇبنى ئېلخىتىڭىزگە يوللىۋەتتىم،ئەسەر ھوقۇقىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ.رەھمەت! تۇرايىمىزغا پات پات كەپ تۇرارسىز!
    2010-01-02 02:38:00