-
ئىلگىرى بلوگىمنىڭ PR قىممىتىنى كۆرسىتىش كودىنى http://www.webmasterhome.cn دىن ئالغان ئىدىم. تۈنۈگۈنگىچە بلوگىمنىڭ PR قىممىتى بلوگىمدا 2 دەپ كۆرۈنىۋاتاتتى. بۈگۈندىن باشلاپ بلوگىمنىڭ PR قىممىتى 3 كە ئۆرلەپتۇ. بىراق بلوگىمدا 0 دەپ كۆرۈنىدىغان بولىۋالدى. يۇقۇرقى بەتكە كىرىپ تەكشۈرسەم 3 دەپ چىقىدۇ، كودنى قايتا ئېلىپ بلوگىمغا قويۇپمۇ باقتىم، يەنىلا شۇ 0 دىگەن كاساپەت گۆشىيىپ قاراپلا تۇرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن PR قىممىتىنى كۆرسىتىش كودى بىلەن تەمىنلەيدىغان باشقا تور بېكەتلەردىن كود ئېلىپ بلوگىمغا قويۇپ باقسام بولمامدۇ دىگەن خىيال بىلەن
-
ئېلىمىزنىڭ قەدىمقى ھىساب كىتابى «ھىسابلاش قائىدىلىرى» دە مۇنداق بىر مەسىلە بار:
پادىچى بىر پادا قوينى چۆپلىرى بولۇق ئۆسكەن يەردە بېقىش ئۈچۈن ھەيدەپ كېتىۋاتقاندا، بىر سېمىز قوينى يېتىلىۋالغان يولۇچى ئارقىسىدىن يىتىشىپ كېلىپ:
ــــ ئەسسالام پادىچى! بۇ قويلىرىڭىز تەخمىنەن 100 تۇياققۇ دەيمەن؟ ــــ دەپتۇ.
-
سۇن ۋۇكوڭ غەرپتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، چىمەنتاغدا ئارامگاھ ئاچتى. بىراق چىمەنتاغنىڭ قاتنىشى قولايسىز، ئارىلىقى يىراق، ئۇنىڭ ئۈستىگە نامى مەشھۇر بىرەر يەرلىرى بولمىغاچقا، ساياھەتچىلەر بارغانسېرى شالاڭلاپ كەتتى. سۇن ۋۇكوڭ ئاچچىقىدا ئۇيان- بۇيان نەچچە موللاق ئېتىپ كەتتى.
سۇن ۋۇكوڭ جۇ باجيېنىڭ گاۋلاۋجۇاڭدىكى تاماقخانىسىنىڭ تىجارىتى ياخشى بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن تەلىم ئالماقچى بولدى. كىم بىلسۇن، جۇ باجيې سۈن ۋۇكۇڭنىڭ ئالدىغا بىر ئۈچ چاقلىق ۋېلسىپىت بىلەن كەلگەن ئىدى. سۈن ۋۇكۇڭنىڭ ئاچچىقى كېلىپ:
ـــ ھۇ ئەبلەخ! سەن تاماقخانا ئېچىپ خېلى كۆپ پۇل تېپىپسەن، يەنە تېخى مېنى ئالغىلى مۇشۇ ئەبجەق ۋېلسىپىتنى ئەكەلدىڭمۇ؟ بۇ مېنى كۆزگە ئىلمىغىنىڭغۇ؟ـــ دىدى.
-
بىر نامەلۇملۇق ئۈچىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنى يېشىشتە مۇنداق 3 خىل ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ:
(1) يىلتىزدىن چىقىرىش ئۇسۇلى:
ئومۇمەن، ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئەزا بىلەن ئازاد ئەزانىلا ئۆز ئىچىگە ئالغان تەڭلىمىلەرنى كۇب يىلتىزدىن چىقىرىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ يېشىشكە بولىدۇ. مەسىلەن، تەڭلىمە
-
بۈگۈن يەنە بىر يېڭى ئۇسلۇپ ياسىدىم. بۇ ئۇسلۇپ سىزنى دېڭىز بويىدىكى كوكۇسزارلىقتا سەيلى قىلىۋاتقاندەك رومانتىك كەيپىياتقا چومدۈرىدۇ.
ئۇسلۇپ شەكلىنى ئوڭدىكى رەسىمدىن كۆرۈڭ:
بۇ ئۇسلۇپ يارىغان بولسا چۈشۈرۈۋېلىڭ.
-
قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش، بۆلۈش، دەرىجىگە كۆتۈرۈش، يىلتىزدىن چىقىرىشتىن ئىبارەت 6 خىل ئەمەلنىڭ ئەمەل بېجىرىش تەرتىپى ئۈستىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەلگىلىمىلەر:
(1) تىرناق بولمىغان ئەھۋالدا:
بىر خىل دەرىجىلىك ئەمەللەردى... -
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
1921-يىل
جاھالەت سەمەرىسىدىن بىزگە بىر كۈن كۆپ جاپا باردۇر؟
ئېيتىڭىزچۇ، بۈگۈنكى ھالىمىزنىڭ قايسى بىرىدە ساپا باردۇر؟
جاھاننىڭ ھالىدىن ۋاقىپ بولۇپ تۇرماقنىڭ ئورنىغا،
بىرسىنى شاڭيۇ سايلاپ ئارقىدىن دەۋايىمىز باردۇر.
ئىلىمنىڭ ئىجدىھادىغا كۆڭۈلنى قويمىدۇق بىزلەر،
ئوقۇرمىز - ئوقۇتۇرمىز دەپ سېغىز چايناشىمىز باردۇر.
-
بلوگبۇستا ھازىرغىچە يەنە تەرجىمە قىلىنمىغان جايلاردىن
进入后台 , 写新日志 , 文章管理 , 评论管理 , 更换模板 , 访问统计 , 什么是RSS?, 回复 , 说 , 登陆为 , 退出
قاتارلىق 11 دانە خەت قالغان ئىدى. ئىلگىرى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئالدىنقى 6 دانە خەتنى باشقىچە ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ تەرجىمە قىلىپ ئىشلەتكەن ئىدۇق. بۇ ھەقتە تۆۋەندىكى تېمىلارنى كۆرسىڭىز بولىدۇ:
http://bizning.blogbus.com/logs/34289862.html
بۇ قېتىم
进入后台 , 写新日志 , 文章管理 , 评论管理 , 更换模板 , 访问统计 , 什么是RSS?, 回复 , 说
قاتارلىق 9 خەتنى تەرجىمە قىلىش كودى بىۋاستە تەرجىمە ھۆججىتىنىڭ ئىچىگە قوشۇلدى. ئەمدى بلوگبۇسنىڭ ئۆزىدە بار بولغان باشقۇرۇش تىزىملىكىنى بۇرۇنقىدەك يۇشۇرۇپ قويمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمدىكى گەپ پەقەت
登陆为 , 退出
قاتارلىق 2 خەتنى تەرجىمە قىلىشتىلا قالدى.
-
ئوۋ ئىتى ئۆزىدىن 10 مېتىر يىراقلىقتا بىر توشقاننىڭ يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال ئۇنى قوغلىدى. ئىتنىڭ سەكرەش ئارىلىقى چوڭ بولغاچقا، ئۇ 5 قېتىم سەكرەپ باسقان يولنى توشقان 9 قېتىم سەكرەپ باسالايدۇ، ئەمما توشقاننىڭ ھەركىتى تىز بولغاچقا، ئىت ئىككى قېتىم سەكرىگەن ۋاقىت ئىچىدە توشقان 3 قېتىم سەكرىيەلەيدۇ.
سىزچە ئوۋ ئىتى توشقاننى قوغلاپ يىتىشەلەمدۇ؟ ئەگەر يىتىشەلىسە، قانچىلىك يول ماڭغاندىن كېيىن ئاندىن يىتىشەلەيدۇ؟
-
بۇ ئۇسلۇپ بلوگىمنىڭ ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇبى ۋە «ئەتىرگۈل ئۇسلۇبى» نىڭ كودلىرىدىن پايدىلىنىپ، بلوگبۇس تارقاتقان «海星蓝» ئۇسلۇبىنىڭ تەگلىك رەسىملىرىنى ئىشلىتىپ ياسالغان. بۇ ئۇسلۇپنى ئىنىم يەنى باغۋەن بلوگى (http://baghwen.blogbus.com) نىڭ بلوگگىرى خېلى ئۇزۇندىن بېرى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ. قارىسام بەزىلەر باغۋەن بلوگىغا بۇ ئۇسلۇپنى ياقتۇرۇپ قالغانلىقى ھەققىدە ئىنكاس يېزىپتۇ. شۇڭا بۇ ئۇسلۇپنى ئاشكارا تارقىتىشنى قارار قىلدىم.
-
بۇ ئۇسلۇپ شەكىل جەھەتتىن ئايال (قىز) بلوگگېرلارنىڭ ئىشلىتىشىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. ئەلۋەتتە ئەر (ئوغۇل) بلوگگېرلار ياقتۇرۇپ قالغان بولسا، ئۇلارنىڭمۇ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت.
-
«ئەتىرگۈل» ئۇسلۇبىنى بۇرۇن ئارامگاھ ئەپەندى تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان. كروران بلوگى ئەڭ بۇرۇن دەل مۇشۇ ئۇسلۇپنى ئىشلەتكەن. مەن بۇ قېتىم بۇ ئۇسلۇپنىڭ بىر قىسىم كام جايلىرىنى تولۇقلىغاچ، بەت كەڭلىكىنى سەل كېڭەيتىپ قويدۇم.
-
2. ئاجايىپ ھەربى ئويۇن
نۆل پادىشاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە 1 قومانداننىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ھەربى ئويۇن كۆرسىتىش نومۇرى بار ئىدى.
نۆل پادىشاھ، 1- باش مىنىستىر ۋە بارلىق مەمۇرى ئەمەلدارلار مۇنبەرگە چىقىشتى، ھەربى ئەمەلدارلارمۇ مۇنبەر ئالدىدا قاتار تىزىلىشىپ تەييار تۇرۇشتى. قوماندان 1 قولىدا قىزىل بايراقچە تۇتقان ھالدا ئىگىز قوماندانلىق مۇنارىسىگە چىقىپ تۇراتتى. مۇنارنىڭ ئالدىدا كەڭ ۋە تۈپ-تۈز مەشق مەيدانى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كۆرەك سەھنىلىرىگە پۈتۈن سان پادىشاھلىقىنىڭ پۇقرالىرى لىققىدە تولغان ئىدى.