بورخېس شېئىرلىرىدىن

چەتئەل شېئىرلىرى| زىيارەت: 16 قېتىم باھا يازىمەن

بورخېس شېئىرلىرىدىن

ئەرەبچىدىن ئە. ئوسمان تەرجىمىسى

ئۆلۈۋالغۇچى

بىرمۇ يۇلتۇز قالماس كېچىدە،

قالماس كېچىمۇ.

ئۆلۈمەن كۆتۈرگەنچە ئېغىرلىقنىڭ ھەممىسىنى،

كۆتۈرمەك قىيىن بولغان ئېغىرلىقىنى ئالەمنىڭ.

پاچاقلايمەن ئېھراملارنى، قەدىمقى پۇللارنى،

قىتئەلەرنى، چىرايلارنى.

پاچاقلايمەن قاتلاملىرىنى ئۆتمۈشنىڭ،

ئايلاندۇرىمەن تارىخنى كۈلگە، توزاننى توزانغا.

ئاداققى قۇياشنىڭ باقىمەن ئاخىرقى پېتىشىغا،

ئاداققى قۇشقا سالىمەن قۇلاق،

خاتىرىلەيمەن ھەمدە يوقلۇقنى، بىراق، ھېچكىمگە.

گۇناھقا شېرىك

ئۇلار مېنى مىخلىشىدۇ كرېستقا،

ھەم كرېست ھەم مىخ بولمىقىم كېرەك شۇنداقلا.

ئۇلار ماڭا سۇنىشىدۇ كاسەنى،

ھەم بولمىقىم كېرەك مېنىڭ جان ئالغۇچ زەھەر.

ئۇلار مېنى ئالدىشىدۇ،

شۇنداقلا،

يالغانچىلىق بولمىقىم كېرەك.

ئۇلار مېنى كۆيدۈرىشىدۇ،

ھەم بولمىقىم كېرەك مېنىڭ بىر دوزاخ.

كېرەك ھەر دەم مەدھىيە ھەم شۈكۈر ئېيتمىقىم،

مەن ياشايمەن ھەر نەرسە بىلەن،

مەيلى بولسۇن ھەرقانداق نەرسە.

مەن ياشايمەن ئالەمگە پاتماي،

ھېس قىلغانچە خورلۇق ھەمدە شاد – خوراملىق.

ئاقلىشىم كېرەك

ئىچ – ئىچىمنى يارا قىلغان نەرسىنى،

بەرىبىردۇر سائادىتىم، كۈلپىتىم.

مەن بىر شائىر!

 

شېئىر سەنئىتى

 

زامان ۋە سۇلاردىن ياسالغان دەرياغا قاراپ

زاماننىڭمۇ باشقا بىر دەريا ئىكەنلىكىنى يادىمىزغا ئېلىش،

بىزنىڭمۇ، بەئەينى دەريادەك، بارلىقتىن يوقىلىدىغانلىقىمىزنى

ھەم چىرايلىرىمىزنىڭمۇ، بەئەينى سۇلاردەك، بارا – بارا كۆزدىن غايىب بولىدىغانلىقىنى بىلىش؛

ئويغاقلىقنىڭمۇ ئۆزىنىڭ ئۇيقۇدا ئەمەسلىكىنى چۈشەيدىغان باشقا بىر ئۇيقۇ ئىكەنلىكىنى

ھەم تېنىمىز شۈركۈنىدىغان ئۆلۈمنىڭمۇ بىز ھەر كېچە ئادەتلەنگەن شۇنداقلا ئۇيقۇ دەپ ئاتايدىغان ئۆلۈمنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىش؛

بىر كۈن ياكى بىر يىلنىڭ ئۆزىنى ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق كۈنلىرى ۋە يىللىرىنىڭ سىمۋولى دەپ قاراش

ھەم يىللارنىڭ غەزىپىنى مۇزىكىغا، سۆز – چۆچەككە ۋە سىمۋولغا ئايلاندۇرۇش؛

ئۆلۈمنى ئۇيقۇ ھەم كۈنپېتىشنى غەمكىن ئالتۇن دەپ قاراش -

مانا بۇ شېئىردۇر ئۆلمەس ۋە نامرات.

قايتار، چۈنكى، شېئىر تاڭدەك، كۈنپېتىشتەك.

چىڭقىچۈش پەيتلىرىدە، كۆرۈنەر بىزگە بىر چىراي ئەينەكنىڭ چوڭقۇرىدىن،

سەنئەت چوقۇم شۇ ئەينەككە ئوخشايدۇ، ئاخىرىدا كۆرۈنگىنى يۈزىمىز بولغان.

ئولىسېس، مۆجىزىلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، يىغلاپتىكەن ئاپىرىدىغان يولنى تاپالماي

ئاددىي – ساددا ئەمما يېشىل ئېتاكاغا.

سەنئەت — ئېتاكا،

مۆجىزىلەر ئەمەس، بەلكى، ئاشۇ يېشىل مەڭگۈلۈك.

ئاخىرى يوق دەريا كەبى شۇنداقلا

ئۆتەر ۋە قالار، ئەينىكىدۇر ھېراكلىتېسنىڭ ئۆزگىرىشچان شەخسىيىتىنىڭ

ھەم ئۆزى ھەم ئۆزىدىن باشقا بىرسى بولغان،

خۇددى ئاشۇ ئاخىرى يوق دەريادەك.

 

ئېزىتقۇ ئوردىسى

 

ھەتتاكى زېۋىس ئۈزەلمەيدۇ بىر تال ھالقىسىنىمۇ

مەڭگۈلۈك قىستمىتىمدىن ئىبارەت بۇ تاش تورنىڭ.

كۆزدىن غايىب بولار يىراقتا مەن بولغان ئادەملەر.

زېرىكىشلىك، يىرگىنىچلىك بىر سېپىلنى بويلاپ ماڭىمەن توختىماي.

يالغان ئاچا يوللار، مەجرۇھ نىگاھىم تەرىپىدىن

ئاستا ۋە مەخپىي ئايلىنىشتەك شەرھىلەنگەن كارىدورلار،

زاماننىڭ تەسىرىدە دەز كەتكەن توسۇقلار.

بەزەن بايقايمەن ئۆڭۈپ كەتكەن توزاندا

قورقۇنچلۇق قەدىمىي چىرايلارنى.

كېلەر بەزەن ئويمان نامازشام چۈشكۈنلۈك ئاۋازىدەك،

ھالاكەتنىڭ بىشارىتىدەك، خىرقىرىغان ئاجىز سادادەك.

بىلىمەن يوشۇرىدۇ سايە ئۆزگىنى

دوزاخنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىشتۇر

ئاچچىقىنى كەلتۈرۈشتۇر يالغۇزلىقىمنىڭ

قېنىمنى شورىماقتۇر، ئۆلۈكىمنى

يالمىماقتۇر ئۇنىڭ قىسمىتى.

………………….

خەتكۈچلەر:


随机日志

باھا يوللاش