«دەريا ئۇسسۇلى» ناملىق مۇزىكىلىق تىياتىر تىپىك ئېرلاندىيە ئۇسسۇلى، مۇزىكا، ناخشا قاتارلىقلارنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن ئېرلاندىيە خەلق سەنئىتىدىكى ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مۇزىكىلىق تىياتىرى بولۇپ، بۇ تىياتىر 1995-يىلى تۇنجى قېتىم بېرلىندا ئۇيۇن قويغاندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە پۈتۈن دۇنيادىكى 32 دۆلەتتە 2000 دىن ئارتۇق ئۇيۇن قويۇش زالىدا 12000 مەيدان قېتىم ئۇيۇن قويۇپ كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلدى، 250 مىليۇندىن ئارتۇق ئادەم نەق مەيداندىن مەزكۈر مۇزىكىلىق تىياتىرنى كۆرگەن، تۆۋەندە مەزكۈر مۇزىكىلىق تىياتىرنىڭ دۆلىتىمىزدە قويۇلغان «بېيجىڭدىكى كۈنلەر» ناملىق كونسىرتىنى كەڭ دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق، قېنى ئۇنداقتا بۇ جاھانغا مەشھۇر ئېرلاندىيە دەريا ئۇسسۇلى ناملىق مۇزىكىلىق تىياتىرىدىن ھەممىمىز بىرگە ھوزۇرلىنايلى
تەرجىمە قىلغۇچى : تۈمەنى (تۈمەنى تەرجىمە گۇرۇپپىسى)
بەلكىم سىز مۇھەببەت ھەققىدىكى ناخشىلارنى كۆپ ئاڭلىغان، مۇھەببەت ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى كۆپ ئوقۇغان بولىشىڭىز مۈمكىن. شۇنداق، قەدىمدىن تاكى ھازىرغىچە سانسىزلىغان كىشىلەر مۇھەببەت ناخشىسىنى ئېيتىپ ئۆتتى، سانسىزلىغان كىشىلەر مۇھەببەت ھېكايىلىرىنى تارقاتتى. بۇ ناخشىلار، بۇ ھېكايىلەر ھازىرغىچە ئېيتىلماقتا، تۆۋەندە تۈركىيەلىك ناخشىچى كاياخاننىڭ ئىجراسىىكى ئاشىق ھېكايىسىدىن تەڭ ھوزۇرلىنايلى…
تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇيغۇربەگ WWW.UYGHURBEG.NET
بەلكىم تورداشلارنىڭ سەمى يۈسۈپ ناخشىلىرىنى يەنە ئاڭلىغۇسى كېلىپ قالغاندۇ، ئۆزۈممۇ بۈگۈن بېكەتنى رەتلىگەچ ئەينى ۋاقىتتا ئەسلى MV سىنى تاپالماي تورداشلارنىڭ كىرىشتۈرگەن MV سىگە كىرىشتۈرۈپ قويغان تۆۋەندىكى ئىككى ناخشىنى تور بەتتىن چۈشۈرۈپ قويغانلىقىم ئېسىمگە كېلىپ قايتا يوللاپ قويدۇم، چاڭقىغان قەلبىمىزگە ئازراق بولسىمۇ تامچە بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
بەلكىم تورداشلارغا «ئاپاچ» دېگەن بۇ ئىسىىم قىلچە ناتۇنۇش بولمىسا كېرەك، توغرا، بۇ ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان دۇنيا بۇيىچە ئەڭ ئىلغار، سۈرئىتى ئەڭ تېز، ھەركىتى ئەڭ مەخپىي ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنىڭ بىرى شۇنداقلا تاقابىل تۇرۇش ئەڭ تەس بولغان كۆپ ئىقتىدارلىق تىك ئۇچار ئايروپىلان، بەلكىم ھەممىمىز بۇنداق ئىلغار ئۇرۇش قۇرالىنى چوقۇم ئەڭ ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق دۇنياغا كەلتۈرگەن دەپ ئويلىشىمىز مۇمكىن، راستىنلا شۇنداقمىدۇ؟ مېنىڭچە ھەممىمىز تۆۋەندىكى مەخسۇس فىلىم ئارقىلىق بۇ «بوشلۇق شاھزادىسى» نىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى بىرگە كۆرۈپ ئۆتەيلى
تەرجىمە قىلغۇچى : نەپرەت (ئوكيان تورىدىن)
يىل ئاخىرى بولغاچ تۇرمۇش ۋە خىزمەت ھەلەكچىلىكىدە دوستلارغا بىرەر تەرجىمە فىلىم تەييارلاپ بەرمەكچى بولساممۇ ئەمما يەنىلا ئالدىراشلىق سەۋەبىدىن بلوگقا قارايدىغان تۈزۈكرەك ۋاقىتمۇ ئاجرىتالمىدىم، ئەمما شۇنداق بولسىمۇ ئۆزىگە مەنىۋى ئۇزۇق ئىزدەپ كىرگەن بلوگ كۆرۈرمەنلىرىنى قۇرۇق ياندۇرۇپ قويۇشنى پەقەتلا خالىمىدىم، شۇڭلاشقا ھازىرچە تۆۋەندىكى تۈرك ناخشىچىسىنىڭ تۆۋەندىكى مۇڭلۇق ناخشىسىنى كەڭ دوستلارغا سۇندۇم
تەرجىمە قىلغۇچى : دىلارا
ھەر قېتىم چەت دۆلەت ناخشىچىلىرىنىڭ گېپى چىققاندا دائىملا ياۋروپا ۋە ئامېرىكا ناخشىچىلىرىنىڭلار ناخشىلىرى كۆز ئالدىمىزغا كېلىۋالىدۇ، بۇ قېتىم بىزگە ناھايىتى يېقىن بولغان چەتئەل ناخشىچىسىنى تۇنۇشتۇرماقچىمەن، ئۇ بولسىمۇ دەل قىرغىزىستان داڭلىق ناخشىچىسى سۇلتان سادىرالىيوف، (بەلكىم رايونىمىزدىكى قىرغىز تورداشلارغا ناتۇنۇش بولمىسا كېرەك)، سۇلتان سادىرالىيوف قازاقىستاندا تۇغۇلغان بولۇپ كېيىن قىرغىزىستانغا كۆچۈپ كەلگەن، ئۆزىنىڭ يۇقىرى ئورۇنلاش ماھارىتى بىلەن ئورۇنلاپ چىققان «ئوغلۇمغا» دېگەن ناخشىسى بىلەن ئەلگە تۇنۇلغان، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئىجادى ناخشىلىرى بىلەن قىرغىزىستاندىن ھالقىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان، سۇلتاننى ئۆز كەسپىدە ناھايىتى تىرىشچان ناخشىچى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ، سۇلتان يېقىندا شىۋېتسارىيە كىنو-فىلىم شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن «يىراقتىكى سۆيگۈ» ناملىق فىلىمدە رول ئالغان ھەم بۇ فىلىمنىڭ ئاساسلىق ناخشىسىنى ئۆزى ئورۇنلاپ چىققان
تەرجىمە قىلغۇچى : ۋاسكىتبول گۈزىلى
برىتنى جون سىپېرىس ئامېرىكا مودا ناخشا خانىشى، ئۇ 1999- يىلى تۇنجى پلاستىنكىسى «سۆيگىن جانان، مېنى بىر قېتىم» ناملىق پلاستىنكىنى تارقىتىپ، 25 مىليون دانىلىق سېتىلىش رېكورتىنى ياراتقان، ئۇنىڭ ناملىق بۇ ناخشىسى، ئۇ ئېيتقان مودا ناخشىلار ئىچىدە مىلودىيىسى، رېتىمى جەھەتلەرنى كىشىنى ئۆزىگە ئەڭ جەلپ قىلىدىغان ناخشىلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ناخشا ئامېرىكا تەۋەسىدىكى برىتنى سىپىرىس ناخشا ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
تەرجىمە قىلغۇچى : تۈمەنى گۇرۇپپىسى
مارىيا.ئارېدوندو 1985-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى نورۋىگىيەنىڭ ۋېننېسلا كەنتىدە تۇغۇلغان، نۇرغۇنداڭلىق ناخشىچىلارغا ئوخشاش مارىيامۇ كىچىكىدىن باشلاپلا ئۆزىنىڭ سەنئەتكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىنى نامايان قىلىشقا باشلىغان، ئۇ 10 ياشقا كىرگەن ۋاقىتتىن باشلاپ ئۆز يۇرتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەرخىل سەنئەت مۇسابىقىلىرىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ھەم ئىككى يىل ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ ئۆز ناخشا ئېيتىش ئۇسلۇبىنى ياراتقان، تۆۋەندە ھەممىمىز بۇ ناخشا خانىشىنىڭ تۆۋەندىكى ناخشىسىغا جۆر بولايلى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇغېنى ئېزىز
ئەزھەر ئىسلام ئۇنۋېرسىتىدا ئوقۇۋاتقان ھىندىنوزىيىلىك بىر يىگىت ئوخشىمىغان تۆت خىل تىپتىكى قىزنىڭ ئوخشاش بولمىغان شەكىلدىكى مۇھەببەت ئىزھارىغا ئۇچرايدۇ، يىگىت ئىسلام شەرىئىتى ئاستىدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى بىلەن ئۆيلىنىدۇ، ئۇنداقتا قالغان قىزلار قانداق قىلىدۇ، ياكى بۇ يىگىت ئسىلام شەرىئىتى بىلەن كۆپ خوتۇنلۇق بولۇپ، قىزلارنىڭ ھەممىسىنى ۋىسالىغا يەتكۈزەمدۇ؟ بۇ تەپسىلاتلارغا قىززىقسىڭىز نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى تەسىرلىك فىلىم مۇھەببەت ھېكايىسىدا بولسۇن
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
پىرىتام ۋە جىتا ئۆز ئارزۇسىغا يېتەلمىگەن ئاشىق-مەشۇقلاردىن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا پىرىتامنىڭ نامراتلىقى تۈپەيلى جىتانىڭ دادىسى ئىككىسىنىڭ تويىغا قوشۇلمىغانىدى، ئەمما ئارىدىن نەچچە ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇ ئىككى ئاشىق-مەشۇق تۇيۇقسىز ئۇچرىشىپ قالىدۇ، ھەم ئىلگىرىكى يېتەلمىگەن ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولىشىدۇ، ئەمما ئىككىلىسىنىڭ توي قىلمىغان بولسىمۇ ئەمما ئۆز ئالدىغا بېقىۋالغان يېتىم بالىلىرى ئارىسىدا نۇرغۇنلىغان سودا ئىختىلاپى بولغاچقا بۇلار ئارىسىدا سىز ئويلاپ باقمىغان نۇرغۇن كومىدىيىلىك ئىشلار بولۇپ ئۆتىدۇ، ئۇنداقتا پىرىتام ۋە جىتا ئاخىرىدا بىرگە بولالارمۇ؟
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
بەلكىم تېمىدىنلا بۇنىڭ قايسى ناخشا ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولدىڭىزغۇ دەيمەن، شۇنداق، بۇ دەل بىز بۇرۇندىن تارتىپ ياقتۇرۇپ ئاڭلاپ كەلگەن، شۇنداقلا ئېيتىپ كەلگەن جەڭگىۋار ناخشا كاتيۇشا، گەرچە بۇ ناخشىنىڭ ئىجادچىسى روسلار بولسىمۇ ئەمما ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە بۇ ناخشا بىزگىمۇ ھەمراھ بولۇپ كەلدى، ھەتتا ھازىرقى ئازادلىق ئارمىيەنىڭ مىللى روتىلاردىمۇ مىللى ئەسكەرلىرىمىز بۇ ناخشىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئېيتىپ كەلمەكتە، ئۇنداقتا بۇ ناخشىنىڭ ئەسلىسىنى ھەممەيلەن بىرگە ئاڭلاپ ئۆتەيلى…
تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇقەييۇم
بەلكىم بۇ مەن كۆرگەن فىلىملەر ئىچىدە ئەڭ قىسقا، ئەڭ مەنىلىك ئىشلەنگەن، ئەڭ تەسىرلىك فىلىمدۇر، چۈنكى فىلىمدە ھېچقانداق ئالاھىدە كۆرۈنۈشمۇ يوق، ھېچقانداق ئالاھىدە تەييارلانغان گەپ سۆزلەرمۇ يوق، پەقەتلا بىر نەچچە دىئالوگ سۆزى ئارقىلىق دادىنىڭ بالىغا بولغان مىننەتسىز ئەجرىنى ئىنتايىن تەسىرلىك قىلىپ ئېچىپ بەرگەن
تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى
دۇنيادا ناخشىچىلار كۆپ، ناخشىلارمۇ ھەم كۆپ، ئەمما شۇنچە كۆپ ناخشىچىلار ھەم ناخشىلار ئىچىدە ئاڭلىسا ئاڭلىغۇسى كېلىدىغان ناخشىلار يەنىلا خەلق ناخشىلىرىمىز بىلەن بىرگە ئىسلام ناخشىچىلىرى ۋە ناخشىلىرى بولسا كېرەك، تۆۋەندە تېخىمۇ مۇڭلۇق بولغان بىر قانچە ئىسلامى كۈيلەرنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق، ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
ئۆزىنىڭ One Time ناملىق ناخشىسى بىلەن ئۆزىمۇ ئويلاپ باقمىغان تېزلىكتە داڭق چىقارغان مودا ناخشا چولپىنى Justin Bieber (جاستىن بىبېر) 1994-يىلى 3-ئايدا كانادادا تۇغۇلغان بولۇپ، 15 يېشىدا ئېيتقان Baby ناملىق ناخشىسىنىڭ youtube دىكى كۆرۈلۈش قېتىم سانى 600 مىليۇن قېتىمغا يېتىپ دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان، 2011-يىلى فوربىس گورۇھى ئېلىپ بارغان يەرشارىدىكى 100 گىگانت چولپان ئىچىدە ئۈچىنچى ئورۇنغا تىزىلىپ ئۆز تالانتىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغان، جاستىن 2011-يىلى 11-ئايدا ئۆزىنىڭ تۇنجى پىلاستىنكىسى Under the Mistletoe نى ئېلان قىلغان
تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇغېنى ئېزىز
مەزكۈر ھېكايە فىلىمدىكى ۋەقەلىك لوس ئانجىلىستا يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەن مەيداندا پەقەتلا كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان نامەلۇم جىسىمنىڭ قاسراقچىسىلا قالىدۇ، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلەر رىياسەتچىسى ئىسېن زىيارەت جەريانىدا بۇ ئۆزىگە ئىنتايىن تۇنۇش نەرسىنى كۆرۈپ بالىلىق چاغلىرىدا جېكنىڭ ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەرگەن كورىيەنىڭ ئەجدىھار رىۋايىتىنى ئېسىگە ئالىدۇ ھەم ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ رىۋايەتلەردىكى ئەجدىھار لوس ئانجىلىس كوچىسىدا پەيدا بولىدۇ، ئۇنداقتا بۇ زادى قانداق رىۋايەت؟ بۇ ئەجدىھار نەدىن كەلگەن؟ نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى فىلىمدە بولسۇن
تەرجىمە قىلغۇچى : ش.ئە.ئۇيغۇرى
بەلكىم نۇرغۇنلىغان ياشلىرىمىز ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان ياپونىيە كۆپ قىسىملىق كارتون فىلىمى «ماركونىڭ ئاپىسىنى ئىزدىشى» نى تېخى ئېسىدىن چىقارمىغان بولىشى مۇمكىن، چۈنكى فىلىمدىكى بىر توققۇز ياشلىق ئىتالىيىلىك بالىنىڭ ئارگىنتىناغا كەتكەن ئانىسىنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن نۇرغۇن يول بېسىپ ئارگىنتىناغا بېرىش جەريانىدىكى تەسىرلىك سەزگۈرەشتىلىرى، ھەم ئۇنىڭ ھۇجۇدىدىكى جاسارەت،مۇھەببەت،سەمىمىيلىكى شۇ چاغلاردىكى بىزگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى، تۆۋەندە شۇ بالىلىق چاغلىرىمىزدا كۆرگەن بۇ نادىر كارتون فىلىمنىڭ مۇقەددىمە ناخشىسىنى كەڭ دوستلارغا سۇندۇق، ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
2003-يىلدىن باشلاپ، ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق شىمالى ئامېرىكا قىتئەسىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار ھەر يىلى يىل ئاخىرىدا بارلىق مۇسۇلمان ئىلىم ئەھلىلىرىنى يىغىپ «ئىسلام روھىنى گۈللەندۈرۈش» نامىدا خەلقئارالىق يىغىن ئېچىپ كەلدى، نىشانى شۇكى غەرپ دۇنياسىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ شۇ ياشاۋاتقان مۇھىتىغا ماسلىشىش، شۇ مۇھىتقا ئۆز تۆھپىسىنى قوشۇش ۋە ئۆز-ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نۆۋەتتە ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىدىغىنىمىز مەزكۈر يىغىننىڭ 2010-يىلى كانادانىڭ تورۇنتو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «جىددى مۇراجىئەت : ئىنسانىيەت كېمىسىنى قۇتقۇزۇش» تېمىسىدىكى يىغىندىن ئۈزۈندە
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
تەرجىمە خەتلىك فىلىم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەم قىزىققۇچىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ تەرجىمە خەتلىك فىلىم تۈرلىرىمۇ ئۈزلۈكسىز كۆپەيمەكتە، يەنى نوقۇل كىنولا تەرجىمە قىلىشتىن سىرت ھەركىم ئۆز قىزىقىشقا ئاساسەن ناخشا، كارتون فىلىم، ھۈججەتلىك فىلىم تەرجىمە قىلىدىغانلارمۇ چىقىپ بۇ ساھەگە ئۆزگىچە پۇراق ئېلىپ كەلمەكتە، ئۇيغۇربەگ بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى ئۇيغۇربەگمۇ ئۆزىنىڭ تۈرك تىلى بىلىشتەك ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۈزلۈكسىز تۈركچە ناخشىلارنى تەرجىمە قىلىپ بۇ ساھەنى ئاۋۇتماقتا، قېنى ئۇنداقتا ھەممەيلەن تۈركىيەلىك ناخشىچى ئىسمايىلنىڭ ئورۇنلىشىدا ئۇيغۇربەگنىڭ تەرجىمىسىدىكى تۆۋەندىكى ناخشىدىن ھوزۇرلىنايلى…
تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇيغۇربەگ www.uyghurbeg.net
يېقىندا ئامېرىكىدىكى ماھارەت كۆرسىتىش پروگراممىسى Ellen Show دا تېخى ئەمدىلا ئون نەچچە ياشقا كىرگەن بىر قىز Breakeven ناملىق ناخشىنى قايتما ئېيتىپ ناھايىتى تېزلا ھەممىگە تۇنۇلدى، ئارقىدىنلا ئۆز يېشىدىن ھالقىغان ناخشا ئېيتىش ئۇسلۇبى ئارقىلىق بىر قانچىلىغان ناخشىلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىپ كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، ئۇ بولسىمۇ Maddi Jane، ئۇنداقتا بىزمۇ ئالدى بىلەن بۇ قىزنىڭ ناخشىسىنى بىرگە ئاڭلاپ ئۆتەيلى….
تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇغېنى ئېزىز
يېقىندا تور ئارىلاۋېتىپ تۈركلەرنىڭ مەھتەر مارشى ناملىق ناخشىنى ئاڭلاپ قالدىم، نائېنىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا بۇ ناخشا ئوسمان ئېمپىرىيەسىنىڭ ئېمپىرىيە ناخشىسى بولۇپ تۈرك ئەسكەرلىرى ھەر قېتىم جەڭگە ماڭغاندا سەپ ئالدىدا رەتلىك تىزىلىپ بۇ مارشنى ئورۇنلاپ ماڭىدىكەنتۇق، قېنى ئۇنداقتا ھەممەيلەن بۇ ئۇلۇغ ئېمپىرىيە ناخشىسىدىن بىرلىكتە ھوزۇرلىنايلى…
تەرجىمە قىلغۇچى : دىليار 571 (كەڭساي مۇنبىرىدىن)
يېقىندا تور ئارىلاۋېتىپ تۈركلەرنىڭ مەھتەر مارشى ناملىق ناخشىنى ئاڭلاپ قالدىم، نائېنىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا بۇ ناخشا ئوسمان ئېمپىرىيەسىنىڭ ئېمپىرىيە ناخشىسى بولۇپ تۈرك ئەسكەرلىرى ھەر قېتىم جەڭگە ماڭغاندا سەپ ئالدىدا رەتلىك تىزىلىپ بۇ مارشنى ئورۇنلاپ ماڭىدىكەنتۇق، قېنى ئۇنداقتا ھەممەيلەن بۇ ئۇلۇغ ئېمپىرىيە ناخشىسىدىن بىرلىكتە ھوزۇرلىنايلى…
تەرجىمە قىلغۇچى : دىليار 571 (كەڭساي مۇنبىرىدىن)
تور بېتىمىز ئاساسلىق تورداشلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش ۋە يېڭىچە تىل ئۈگىنىش مۇھىتى ھازىرلاش مەقسىتىدە قۇرۇلغان بېكەت بولۇپ، ئاساسلىق مەزكۈر گۇرۇپپا تەرجىمە قىلغان فىلىملەرنى توردا كۆرۈش ئادىرىسى بىلەن تەمىنلەشنى ئاساس قىلىدۇ، ۋاقتىنچە چۈشۈرۈش ئادىرىسى يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قايسى تور بېكەت باشلىقلىرىنىڭمۇ ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىنى، فىلىم مەنبەسىنىڭ يۇيۇلۇپ كەتمەسلىكى ۋە تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ نورمال بەھىرلىنىشى ئۈچۈن قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماسلىقىنى سەمىمى ئۈمىد قىلىمىز
بلوگنى ئۇلىنىش قىلىشدا بۇ تۇغنى ئۇلاڭ