مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1392 رەت   / مەنبە: -

بالىلاردا ئاقسىل كەمچىل بولغاندا، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى ناچارلاش، بەدىنى ئاجىزلىشىش، تولا ئاغرىپ قېلىش، يېتىلىشى ئاستا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. شۇڭا بالىلارغا ئاقسىل تولۇقلاش ناھايىتى مۇھىم.


  1. پىشۇرۇلغان تۇخۇم، تۇخۇم قورۇمىسى، تۇخۇم تۈرمىلى، تۇخۇم قاتلىمىسى قاتارلىقلار بالىلارنىڭ ياقتۇرۇپ يەيدىغان يېمەكلىكلىرى بولۇپ، تەركىبىدە ئاقسىل، ت‍ۆمۈر ۋە باشقا مۇھىم ئوزۇقلۇق ماددىلار مول.


  2. يېڭى بېلىق گۆشىدىن ياسالغان، قېلىن توغرالغان بېلىق گۆشى، بېلىق كاۋىپى قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل بىر قەدەر مول.


  3. قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى دانلىق زىرائەتلەر، مېۋە قېقى ياكى كۆكتاتلارغا ئارىلاشتۇرغاندا، تائاملاردىكى ئاقسىل، غىزا تالاسى ۋە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى قاتارلىقلارنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.


  كۆرسەتمە: قۇرۇق ئۈزۈم، بانان قېقى، ئالما قېقى قاتارلىقلاردىن سوقماق ياساپ، بالىلارغا ئۇششاق يېمەكلىك قاتارىدا بەرسە بولىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.